خالىدە ئوبۇلنىڭ 29 – سېنتەبىر ئاپتونوم رايونلۇق مېتېئورولوگىيە ئىدارىسىدىن ئۇقۇشىچە، دۆلەت بايرىمى ۋە قۇربان ھېيت مەزگىلىدە، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا، ئاساسىي جەھەتتىن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، ساياھەتكە چىقىشقا مۇۋاپىق كېلىدىكەن.
1 – ئۆكتەبىردىن 2 – ئۆكتەبىرگىچە ئىلى دەريا ۋادىسى، بورتالا، تارباغاتاي، ئالتاي، تەڭرىتاغنىڭ تاغلىق رايونلىرىنىڭ بىر قىسىم جايلىرىدا ئازراق يامغۇر ياغىدىكەن، قىسمەن جايلاردا ئوتتۇرا ھال ۋە قاتتىق يامغۇر ياغىدىكەن.
3 – ئۆكتەبىردىن 4 – ئۆكتەبىرگىچە ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، تېمپېراتۇرا ئازراق ئۆرلەيدىكەن.
4 – ئۆكتەبىر كېچىدىن 6 – ئۆكتەبىرگىچە، شىمالىي شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرى، تەڭرىتاغنىڭ تاغلىق رايونلىرىدا ئازراق يامغۇر ياغىدىكەن، بۇنىڭ ئىچىدە ئىلى دەريا ۋادىسى، تارباغاتاي، ئالتاي، تەڭرىتاغنىڭ تاغلىق رايونلىرىنىڭ بىر قىسىم جايلىرىدا ئوتتۇراھال يامغۇر ياغىدىكەن. تاغلىق رايونلارنىڭ قىسمەن جايلىرىدا قاتتىق يامغۇر ياغىدىكەن. شامال ئېغىزلىرىدا سەككىز بال ئەتراپىدا غەربىي شىمال شامىلى چىقىپ، تېمپېراتۇرا ئازراق تۆۋەنلەيدىكەن. 7 – ئۆكتەبىردىن 8 – ئۆكتەبىرگىچە، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ھاۋا ئوچۇق بولىدىكەن، ئەمما تېمپېراتۇرا تۆۋەن بولىدىكەن.
‹‹قوش بايرام›› مەزگىلىدە، ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئاساسىي جەھەتتىن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، تاغلىق رايونلاردا ئازراق ئۆتكۈنچى يامغۇر ياغىدىكەن، شامال كۈچى ئانچە زور بولمايدىكەن.
![]() |
گوۋۇيۈەن ئىشخانىسى يېقىندا 2016-يىللىق يېمەكلىك بىخەتەرلىكى نۇقتىلىق خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇشىنى بېسىپ تارقىتىپ، بۇ يىللىق مەملىكەتلىك يېمەكلىك بىخەتەرلىكى نۇقتىلىق خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇردى. خىزمەت ئ...
|
![]() |
پارچە سېتىش باھاسى ھەر كىلوگرامى 6 يۈەن، توپ تارقىتىش باھاسى ھەر كىلوگرامى 4 يۈەندىن بولۇپ، ئۈرۈمچىدىكى ئالما باھاسى 3 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن ھالەتكە چۈشتى.
4-ئاينىڭ 28-كۈنى مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچىدىك...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved