13-دېكابىر 3-نۆۋەتلىك شىنجاڭ كارخانىلار تەرەققىياتى مۇنبىرى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى ، شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى ، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ، شىنجاڭ مالىيە-ئىقتىساد ئۇنىۋېرسىتېتىدىن كەلگەن مۇتەخەسسىس-ئالىملار ۋە ئاپتونوم رايونلۇق سودا-سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىگە قاراشلىق سودىگەرلەر جەمئىيىتىدىكى كارخانىلار ۋەكىللىرى بولۇپ 150 تىن ئارتۇق كىشى ئىقتىسادنىڭ يېڭى نورمال ئەھۋالى ئاستىدا قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش قۇرۇلۇشىنىڭ شىنجاڭ كارخانىلىرى ، بولۇپمۇ پۇقراۋى كارخانىلارغا ئېلىپ كەلگەن پۇرسىتى ۋە رىقابىتى ئۈستىدە سۆھبەت ئېلىپ باردى ۋە پىكىر ئالماشتۇردى .
جۇڭگو خەلق ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىروفېسسورى لى يىپىڭ ‹‹يېڭى نورمال ھالەتتىكى جۇڭگو پۇقراۋى ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىيات تەتقىقاتى›› توغرىسىدا نۇتۇق سۆزلىگەندە : ‹‹قانۇن ئارقىلىق دۆلەت باشقۇرۇشتىن ئىبارەت ئىستراتېگىيەلىك تەدبىر ئاستىدا پۇقراۋى كارخانىلار ئاكتىپ ھالدا ئىقتىسادىي تەرەققىياتتىكى يېڭى نۇقتىلارنى تېپىپ چىقىشى ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە سۈپەت ۋە يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىغا ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك . ھۆكۈمەت قانۇن ئارقىلىق ئىدار قىلىشنىڭ يېتەكچىلىكىدە تېخىمۇ ئادىل بولغان رىقابەت مۇھىتى يارىتىپ ، پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك ›› دېدى .
جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ تەتقىقاتچىسى جۇ ۋېنبىن : ‹‹ئىقتىساد ئېشىۋاتقان يېڭى نورمال ھالەتتە شىنجاڭنىڭ پۇقراۋى كارخانىلىرى رايون ، مەنبە ، قاتناش قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئۈستۈنلۈكى ئارقىلىق ئۆز ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرۈپ ، تېز تەرەققىي قىلىشى كېرەك›› دېدى .
مۇنبەر ئېلىپ بېرىلغان كۈنى يېڭى سودا ئىنستىتۇتىمۇ رەسمىي قۇرۇلدى ، بۇ ئىنستىتۇت شىنجاڭنىڭ ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتىن باشقا ئىگىلىكتىكى زاتلارغا ئالاقە، ئۆگىنىش ۋە تەربىيەلەش سۇپىسى تەمىنلەيدۇ.
![]() |
2016-يىلى 5-ئاينىڭ 26-كۈنىدىن 28-كۈنىگىچە شىنجاڭ يەرمەنكە مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن 3-نۆۋەتلىك يىپەك يولى خەلقئارا يېمەك-ئىچمەك كۆرگەزمىسىدىكى يارقىن نوقتا- شىنجاڭ ئۇيغۇر نان مەدەنىيتى
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved