بەيدۇ تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى .ئامېرىكا بىلەن رۇسىيىنىڭ مۇناسىۋىتى يېقىندا سەل قاتماللىشىپ كەتتى .ئىككى دۆلەتنىڭ ھەمكارلىقى تەسىرگە ئۇچرىدى .ئامېرىكا ئالەم قاتنىشى ئىدارىسى ئالدىنقى ئايدا روسىيە بىلەن بولغان خەلقئارا ئالەم بوشلۇقى پونكىتىدىن سىرتقى ئالەم بوشلۇقى ھەمكارلىقىنى ۋاقتىنچە توختىتىدىغانلىقىنى ئېيتتى .
ئەمەلىيەتتە ئالەم ئايروپىلانىنىڭ ھەممىسى ۋەزىپىدىن چېكىنگەندىن كېيىن ئامېرىكا روسىيە بىلەن بولغان ئالەم بوشلۇقى ھەمكارلىقىدا مەسىلە كۆرۈلۈشىدىن ئىزچىل ئەندىشە قىلىپ كەلگەن ئىدى .مەسىلە كۆرۈلسە ئامېرىكا ئالەم ئۇچقۇچىلىرى رۇسىيىنىڭ ئالەم كېمىسى ئارقىلىق بوشلۇققا چىقالمايدۇ .
يېقىندا بوئىن شېركىتى cst-100تىپلىق ئالەم كېمىسىنىڭ تەقلىدى ئىچكى كۆرۈنىشىنى تۇنجى قېتىم ئاشكارىلىدى . cst-100تىپلىق ئالەم كېمىسىنىڭ ئىچىدىكى كۆرۈنىشى تارتىلغان سۈرەتتىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى ،ئايروپىلاننىڭ لايىھىلىنىشى ئاددىي ھەم پاكىز . دېرىزىلىرى كۆپ ،ئادەتىتكى ئالەم كېمىسىنىڭ بۆلۈمچىسىدە سۇ يوللىرى كۆپ .ھىم ئېتىلگەن دېرىزىلىرى ئاز ،كۆك رەڭلىك ئايلانما يورۇتۇش سىستېمىسى ۋە تەكشى يۈزلۈك كومپيوتېر تېخنىكىسى قاتالىقلارنىڭ ھەممىسى كەڭ دائىرلىك ئىشلىتىلگەن .
ئۇنىڭدىن باشقا ئالەم كېمىسى بۆلۈمچىسىنىڭ ئومۇمىي ئېغىرلىقىنى تۆۋەنلىتىش ئۈچۈن ،ئورۇندۇق ئىنتايىن يېنىك ئەمما مۇستەھكەم سۇلياۋ ماتېرىيال ئىشلىتىلگەن .لاھىيگە ئاساسلانغاندا بۇ خىل ئالەم ئايروپىلانىنىڭ ئىچىگە يەتتە ئادەم چىقسا بولىدىكەن . ئۇنىڭ ئىچكى قىسمىنىڭ لاھىيلىنىشى تېخىمۇ ياخشى تۈس ئالغان .
چۈنكى ئۇنىڭ دەسلەپكى باسقۇچتىكى ۋەزىپىسى ئاممىۋىي ئالەم ئۇچقۇچىلىرىنى خەلقئارا ئالەم ئۇچقۇچىسى پونكىتىغا ياكى باشقا نىشانلانغان پونكىتقا يەتكۈزۇش بولسىمۇ ،ئەمما ئۇنىڭدىن كېيىن بۇ خىل تىپلىق ئالەم كېمىسى سودا ئالەم بوشلۇقى بازىرىغا يۈرۈش قىلىپ ئاددىي كىشىلەرنىڭ ئالەم بوشلۇقىغا چىقىش ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ .
بوئىن شېركىتى 2016-يىلىنىڭ ئاخىرىدىن 2017-يىلىنىڭ بېشىغىچە ،بۇ خىل ئالەم كېمىسىنى تۇنجى قېتىم سىناق تەرىقىسىدە ئۇچۇشقا ئورۇنلاشتۇرىدىغانلىقىنى ئېيتتى ، ھەممە ئىش ئوڭۇشلۇق بولسا بۇ ئالەم كېمىسى 2017-يىلى رەسمى بوشلۇققا قۇيۇپ بېرىلىدىكەن .
ئەنگىلىيىنىڭ تۇنجى ئالەم ئۇچقۇچىسى تېم پىك كېلەر يىلى خەلقئارا ئالەم بوشلۇقى پونكىتىغا چىقىپ ۋەزىپە ئۆتەيدۇ ، ئۇ يولغا چىقىش ئالدىدا مۇنداق بىر تەلەپنى ئوتتۇرىغا قويدى .ئالەم بوشلۇقىدا ياخشىراق ئوزۇقلىنىش ئۈچۈن بالىلارغا ئالاھىدە ئالەم بوشلۇقى تائام تىزىملىكى يىغدۇردى . تېمپىك ئەنگلىيە ئالەم قاتنىشى ئىدارىسى كۆرسەتكەن سىن كىيىنىشىدە مۇنداق دېدى .
ئالتە ئايلىق ئالەم بوشلۇقى ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىش ئۈچۈن چوقۇم ياخشى ئوزۇقلىنىش كېرەك ،بىراق ئالەم بوشلۇقىدىكى يېمەكلىكنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى بولغان بىلەن ،ئاساسەن ھەممىسى سۇسىزلاندۇرۇلغان . پېچەتلەنگەن بولغاچقا ،بەزىدە ھەتتا شۇنداق تەمسىز ،ئۇ بالىلارنىڭ ئۆزى ئۈچۈن ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى ، تەملىك ،يېڭى ،بولۇپمۇ ئەنەىلىيچە ئالەم بوشلۇقى تاماق تىزىملىكى لاھىيىلەپ بېرىشىنى ئۈمىت قىلدى . مۇسابىقە 30-ئىيۇل ئاياغلىشىدۇ .
بالىلار تاماق تىزىملىكى لاھىيلىگەندە ،ئالەم بوشلۇقىنىڭ يېمەكلىككە بولغان تەسىرىنى ،يېمەكلىكىنى قانداق ساقلاش ،شۇنداقلا ئالەم ئۇچقۇچىسىنىڭ يېيىشىگە قولايمۇ ئەمەسمۇ دېگەندەك ئامىللارنى ئويلىشىشى كېرەك .مۇكاپاتقا ئېرىشكەن بالا ئەنگىلىيىنىڭ داڭلىق ئاشپىزى خىستون بىلەن ھەمكارلىشىپ ،ئىجادىيىتىنى ھەقىقىي ئالەم بوشلۇقى يېمەكلىكىگە ئايلاندۇرالايدۇ .
ئەنگلىيە ئالەم قاتنىشى ئىدارىسىنىڭ بۇ پائالىيىتى يولغا قۇيۇلۇپلا زور ئىنكاس قوزغىدى ،بىر قىسىم تورداشلار چاقچاق قىلىپ ،ئەنگىلىيىلىكلەر ياخشى كۆرىدىغان ھەم ئەنگلىيىچە خاسلىققا ئىگە يېمەكلىك بەرەڭگە قەلەمچىسى قوشۇلغان ياغدا پىشۇرۇلغان بېلىق دېيىشتى . تېخىمۇ كۆپ تورداش بۇ پائالىيەتنىڭ ئىجادىيلىقىنى ماختاپ ،ئەنگىيىلىك بالىلار مۇسابىقە ئارقىلىق ئالەم بوشلۇقىغا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىدۇ دېيىشتى .
لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قۇشىۋېلىڭ ئىزدەش نومۇرى :LEGLEK
![]() |
شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ئوباما تىك ئۇچارغا ئولتۇرۇپ ياپونىيە خىروشىما تىنچلىق باغچىسىغا يېتىپ بېرىپ، تىنچلىق باغچىسىنى زىيارەت قىلدى ۋە گۈل چەمبىرەك تەقدىم قىلدى.
|
![]() |
شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، گىرېتسىيە ئافىنا، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن گىرېتسىيەدە زىيارەتتە بولدى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved