ئالىملار 2010-يىلى كائىناتتىن بىر خىل سىرلىق سىگنالنى تەكشۈرۇپ تاپقان، ئەمما ئۇنىڭ نەدىن كەلگەنلىكى، قانداق سىگنال ئىكەنلىكى توغرىسىدا ئېنىق مەلۇماتقا ئىگە بولالمىغان. ئالىملار يېقىندا بۇ خىل سىگنالنىڭ ئەسلى پېلانېتا ‹‹ گىلېس 581d ›› دىن كەلگەنلىكىنى بايقىغان. بۇ پېلانېتانىڭ مۇھىتى يەرشارىغا ئوخشاپ كېتىدىغان بولۇپ، جانلىقلار شۇ يەردە ياشاش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولۇشى مۇمكىن ئىكەن،
‹‹ كۈندىلىك پوچتا گېزىتى ›› نىڭ 6-مارتتىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، يەر شارىدىن ئىككى ھەسسە چوڭ كېلىدىغان ‹‹ گىلېس 581d ›› دا جانلىقلار ياشاشقا مۇناسىپ كېلىدىغان مۇھىت بار بولۇپ، تاشقى پېلانېتا جانلىقلىرىنى بايقاش مۇمكىن ئىكەن. ئەلۋەتتە، ئۇنىڭ مۇھىتى يەرشارىنىڭكىگە ئوخشاپ كېتىدىغان بولغاچقا، يەرشارى جانلىقلىرىنىڭ بۇ يەردە ياشاپ، كۆپىيىشىمۇ مۇمكىن ئىكەن. ‹‹ گىلېس 581d ›› قوياش سىستېمىسىنىڭ سىرتىدا بولۇپ، يەر شارى بىلەن بولغان ئارلىقى 20.5 نۇر يىلى كېلىدىكەن. ئۇ يەر شارىغا ئەڭ يېقىن يەر تۈرىدىكى پېلانېتا بولۇپ، يەر شارىنىڭ ‹‹ قوشنىسى ›› ھېسابلىنىدىكەن. قىزىقارلىق يېرى شۇكى، بەزى بىر ئالىملار بۇنىڭدىن ئىلگىرى بۇ پېلانېتانى مەۋجۇت ئەمەس دەپ پەرەز قىلغان. لوندون مارى خانىش ئۇنىۋېرسىتېتى بىلەن ئەنگلىيە خېرتفوردشىر ئۇنىۋېرسىتېتى بىرلىكتە ئېلىپ بارغان بۇ يېڭى تەتقىقات ئۇلارنىڭ بۇ پەرىزىگە خاتىمە بېرىپ ‹‹ دەرىجىدىن تاشقىرى يەرشارى ›› نىڭ بارلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈردى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 13899884284 , 8559056-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved