مىسىر ھۆكۈمىتى قورال-ياراغ ئەتكەسچىلىكىنى توسۇش ئۈچۈن ، سىناي يېرىم ئارىلىنى بويلىغان غەززە رايونىدا ئۇزۇنلۇقى 13 كىلومېتىر ، كەڭلىكى 500 مېتىر كېلىدىغان ئارىلىق رايون تەسىس قىلىپ ، 28-ئۆكتەبىر غەززە چېگرىسىغا يېقىن ئەتراپتا ئولتۇراقلاشقان مىسىرلىقلارغا بۇ يەردىن چېكىنىش بۇيرۇقى چىقارغان . مىسىر دائىرىلىرى بۇ يەردىكى ئاھالىلەرنىڭ ئۆيلىرىنى چېقىپ ، خەندەك كولاپ ھەمدە ئۇنىڭغا سۇ تولدۇرۇپ ، پەلەستىن قوراللىق خەلق ئەسكەرلىرىنىڭ خەندەك ئارقىلىق ئەتكەسچىلىك قىلىش ھەرىكىتىنى توسماقچى بولغان . ئالدىنقى ھەپتە سىناي يېرىم ئارىلىدىكى بىر ھەربىي ئىشلار قاراۋۇللۇق پونكىتى قوراللىق ئۇنسۇرلارنىڭ بومبا ھۇجۇمىغا ئۇچراپ ، 30 دىن ئارتۇق مىسىرلىق ئەسكەر قازا قىلغان .
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved