ۋاڭيى تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى .شىنزۇ ئابىنىڭ مۇتەخەسسىسلەر كومىتېتى تۈنۈگۈن شىنزۇ ئابىغا ياپونىيىنىڭ كوللېكتىپ قوغدىنىش ھوقۇقىنى چەكلەش توغرىسىدىكى بۇيرۇقىنى بىكار قىلىش توغرىسدىكى دوكلاتىنى سۇندى . شىنزۇ ئابى دەرھال مۇخبىرلار كۈتىۋېلىش يىغىنى ئېچىپ ،كوللېكتىپ قوغدىنىش ھوقۇقىنى چەكلەش بۇيرۇقىنى بىكار قىلىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى چۈشەندۈردى .
مۇخبىرلارنى كۈتىۋېلىش يىغىنىدا شىنزۇ ئابى كوللېكتىپ قوغدىنىش ھوقۇقىنى چەكلەش بۇيرۇقىنى بىكار قىلىش ئىنتايىن زۆرۈر دەپ ئېيتتى ، ھەمدە ياپونىيە نۆۋەتتە خەتەرگە تولغان بىخەتەرلىكنى قوغداش مۇھىتىدا تۇرىۋاتىدۇ دەپ قەستەن كۆپتۈرۈپ ،نۆۋەتتە يۈرگۈزۈلۈۋاتقان ياپونىيە ئاساسىي قانۇنى ياپونىيەنى قوغداشقا ئامالسىز دەپ ئېيتتى .
تەھلىلچىلەر ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش ئارقىلىق ، كوللېكتىپ قوغدىنىش ھوقۇقىنى چەكلەش بۇيرۇقى بىكار قىلىنسا ، ياپونىيە ئۇرۇش قىلالايدىغان دۆلەتكە ئايلىنىدۇ ،بۇنداق بولغا ياپونىيە ئاساسىي قانۇننىڭ 9-ماددىسىدىكى ياپونىيىنىڭ ئۇرۇشقا قاتنىشىش ھوقۇقى بولمايدۇ دېگەن بەلگىلىمە قۇرۇق گەپكە ئايلىنىپ قالىدۇ دېدى .
كوللېكتىپ قوغدىنىش ھوقۇقىنى چەكلەشنى بىكار قىلىش مەسىلىسى ،بىرلىشىپ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان ئادالەتپەرۋەرلەر پارتىيىسى ئىزچىل ئېھتىياتچان پوزىتسىيسىدە بۇلۇپ كەلدى ،ئۇلار بۇ مەسىلىدە شىنزۇ ئابىغا يول ئېچىپ بېرىش ئادالەتپەرۋەرلەر پارتىيىسىنىڭ نام شۆھرىتىنى زىيانغا ئۇچرىتىدۇ دەپ قارىدى .
ياپونىيىدىكى تەخمىنەن 60 قا يېقىن يەرلىك پالاتا يېقىندا پىكىر يوللاپ ،شىنزۇ ئابى ھۆكۈمىتىنىڭ ئاساسي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈشىگە قارشى تۇردى . ياپونىيىدىكى ئەل -ئارا تەشكىلاتلارمۇ قارشى تۇرۇش يىغىلىشى ئۆتكۈزدى .
لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قۇشىۋېلىڭ ئىزدەش نومۇرى :LEGLEK
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved