خەلقئارا لىنىيەسى خەۋىرى : ئەنگلىيە BBC نىڭ 15-ئاپرېلدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئەنگلىيەنىڭ سۈزۈش خىزمىتى مۇتەخەسسىسى جون كىڭسفورد رەھبەرلىكىدىكى « چوڭقۇر دېڭىزدا ئىزدەش » شىركىتى (DOS) جەنۇبىي ئاتلانتىك ئوكياندا چۆكۈپ كەتكەن بىر پاراخوتتىن 50 مىليون ئامېرىكا دوللىرى قىممىتىدىكى تەڭگە پۇل ( كۆمۈش پۇل )نى سۈزۈپ چىقىپ، ئەنگلىيە مالىيە مىنىستىرلىقىغا تاپشۇرۇپ بەرگەن.
ئەنگلىيەنىڭ بۇ « قاھىرە شەھىرى » ناملىق يولۇچىلار كېمىسى 1942-يىلى 6-نويابىر گېرمانىيە سۇ ئاستى پاراخوتىنىڭ تورپېدا ھۇجۇمىغا ئۇچراپ چۆكۈپ كەتكەن بولۇپ، ئەينى چاغدا كېمىدە 311 ئادەم ۋە 100 توننا تەڭگە پۇلنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن ماللار بار ئىكەن. بۇ تەڭگە پۇللارنى ئەنگلىيە مالىيە مىنىستىرلىقى شۇ يىلى ھىندىستان بومبايدىن ئۇرۇشقا ئىشلىتىش ئۈچۈن سېتىۋېلىپ ئەكەلگەن ئىكەن.
« چوڭقۇر دېڭىزدا ئىزدەش » شىركىتى ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى بىلەن تۈزگەن توختامغا ئاساسەن تەڭگىلەرنى سۈزۈش ۋەزىپىسىنى 2013-يىلى 9-ئايدا تاماملىغان، لېكىن بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەرنى ئېلان قىلىشقا يېقىندا رۇخسەت قىلىنغان.نۆۋەتتە بۇ تەڭگە پۇللار ئەنگلىيەدە بىر تەرەپ قىلىنغان ۋە سېتىپ چىقىرىلغان، DOS مۇ نىسبەت بويىچە نۇرغۇن پايدىغا ئېرىشكەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved