بەيدۇ تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى .
تايلاند ئاساسى قانۇن سوت مەھكىمىسى تۈنۈگۈن قارانچۇق ھۆكۈمەتنىڭ زۇڭلىسى ئېنلاكنىڭ ھوقۇقىدىن قالايمىقان پايدىلىنىپ سابىق دۆلەت خەۋپسىزلىك كومىتېتىنىڭ باش كاتىپىنى خىزمىتىدىن يۆتكىۋەتكەنلىك دىلوسىغا سوت ئاچتى .
ئېنلاك ئۆزى سوتقا چىقتى .
ئېنلاك سوت جەريانىدا قايتا تەكىتلەپ مۇنداق دېدى : ‹ مۇناسىۋەتلىك خادىملارنىڭ خىزمىتىنى يۆتكەش قانۇنغا خىلاپ ئىش ئەمەس ، شەخسى نىيەت بىلەن كۆز بويامچىلىق قىلىش ۋە يۆتكىگەنلىك ئىشى مەۋجۇت ئەمەس ›،تايلاند ئاساسىي قانۇن سوت مەھكىمىسى بارلىق ئىسپات سۆزىنى تەكشۈرگەندىن كېيىن ،7-ماي چۈشتە ئېنلاكنىڭ ئاساسىي قانۇنغا خىلاپلىق قىلغان ياكى قىلمىغانلىقىغا ئاخىرقى ھۆكۈمنى چىقىرىشنى قارار قىلدى .
2011-يىلى 9-ئايدا ئېنلاك شۇ چاغدىكى دۆلەت خەۋپسىزلىك كومىتېتىنىڭ باش كاتىپى تاۋىلنى خىزمىتىدىن يۆتكىۋەتكەن ،2014-يىلى 3-ئايدا ، پارلامىنېت يۇقىرى پالاتاسىنىڭ 27 نەپەر ئەزاسى ئاساسىي قانۇن سوت مەھكىمىسىگە خەت يېزىپ ،ئېنلاكنىڭ بۇ ھەرىكىتىنىڭ ئاساسىي قانۇنغا خىلاپ ياكى ئەمەسلىكى توغرىسىدا ھۆكۈم چىقىرىپ بېرىشىنى تەلەپ قىلغان ،ئاساسىي قانۇن سوت مەھكىمىسى 4-ئاينىڭ 2-كۈنى بۇ دېلونى قۇبۇل قىلغان . ئەگەر ئېنلاكنى ئاساسى قانۇنغا خىلاپلىق قىلدى دەپ ھۆكۈم قىلىنسا ، ئېنلاك ۋە ئۇنىڭ ئىچكى كابىنېت ئەزالىرى خىزمىتىدىن ئىستىپا بېرىشكە مەجبۇر بولىدۇ .
لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قۇشىۋېلىڭ ،ئىزدەش نومۇرى :LEGLEK
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved