سىنا تورى خەۋىرى | لەگلەك تورى تەرجىمىسى: "جەنۇبىي پايتەخىت گېزىتى" دا خەۋەر قىلىنىشىچە، باۋئەن رايۇنىدا تۈنۈگۈن ئائىلە زىددىيىتى سەۋەبىدىن ئۈچ ئادەم ئۆلۈش دىلوسى كۆرۈلگەن
9 – ئاينىڭ 6 – كۈنى كەچتە، باۋئەن رايۇنلۇق ۋەنفېڭ ساقچىخانىسى بىر ئەرنىڭ مەلۇم قىلىپ: ئىنىسى(چاڭگۇ چۈەن رايۇنىدىن، ئەر، 39 ياش، ياپۇنلۇق) بىلەن ئالاقىلىشەلمىگەنلىكىنى، بىرەر كېلىشمەسلىك يۈز بەرگەن بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئىيىتقان. ساقچىلار مەلۇماتنى تاپشۇرىۋالغاندىن كېيىن دەرھال باۋئەن رايۇنى شاجىڭ كوچىسىدىكى مەلۇم قىلىنغۇچىنىڭ تۇرۇرۇشلۇق ئورنىغا يىتىپ بارغان. نەخمەيدانغا يېتىپ بارغاندا ئۇ ئەرنىڭ ئاللىبۇرۇن ئۆلگەنلىكىنى، ئۆيدىىكى يەنە بىر ئايال ۋە ئوغۇل بالىنىڭمۇ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى بايقىغان. شۇنداقلا ساقچىلار بۇ دىلوغا قارىتا دەرھال تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان.
دەسلەپكى تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە ئاساسلانغاندا، مەزكۇر ئەر 9 – ئاينىڭ 1- كۈنى ئايالىنى ئۆلتۈرىۋىتىپ، 9 – ئاينىڭ 6 – كۈنى ئوغلىنى ئۆلتۈرىۋەتكەندىن كېيىن ئۆزىمۇ ئۆلۈۋالغان. بۇ ئۆلۈشتىن ئاۋۋال خەت قالدۇرۇپ مۇنداق دېگەن: ئايالىمنىڭ ھازازۇللىقىغا چىداپ بولالماي، كەيپىياتىم كونتروللىقىنى يوقۇتۇپ، ئۇنى ئۆلتۈرۈپ قويدۇم.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved