يەر شارى خەۋەر تورى 5-ماي خەۋىرى؛ لەگلەك تورى تەرجىمىسى: ئىسرائىلىيەنىڭ يافا ۋە لود رايۇنىدا 2 نەپەر پەلەستىنلىك نامەلۇم كىشىلەر تەرىپىدىن قۇراللىق ھۇجۇمغا ئۇچراپ ئۆلتۈرۈلدى. ئىسرائىلىيەنىڭ قانال-2 تېلىۋېىزيىسىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، يافانىڭ بەيت يام رايۇنىدا كىملىكى نامەلۇم كىشىلەر تەرىپىدىن ئوق ئېتىلىپ 1 پەلەستىنلىك ياش ھاياتىدىن ئايرىلغان. خەۋەردە يەنە، لود رايۇنىدا بىر نەپەر پەلەستىنلىك نامەلۇم كىشىلەر تەرىپىدىن ئوق ئېتىلىپ ئۆلتۈرۈلگەن. دەپ كۆرسىتىلگەن. ئىسرائىلىيە ساقچىلىرى تېلىۋېزوردا بايانات ئېلان قىلىپ، ساقچىلارنىڭ بۇ قۇراللىق ھۇجۇمغا ئالاقىدار تەكشۈرۈش خىزمىتى باشلىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئىسرائىلىيەدىكى ئەرەب رەھبەرلەر ساقچىلارنى ئەرەب پۇقرالارنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداشتا پەرۋاسىزلىق قىلغان دەپ ئەيىبلىمەكتە.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved