فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى ئافېنا 6 - ئىيۇل تېلېگراممىسى، ياۋروپا مەركىزىي بانكىسى قېيىن ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغان گىرېتسىيە بانكىلىرىغا سەييارە ياردەم بېرىش سوممىسىنى ئۆزگەرتمەيدىغانلىقىنى ئېيتقاندىن كېيىن ئەمەلدارلار 6 - ئىيۇل گرېتسىيەدىكى ھەرقايسى بانكىلارنىڭ 7- ۋە 8- ئىيۇل ئارقا - ئارقىدىن تاقىلدىغانلىقىنى كۈندىلىك نەق پۇل ئېلىش سوممىسىنىڭ ئۆزگەرمەيدىغانلىقىنى دېدى. گىرېتسىيە مىللىي بانكىسىنىڭ باشلىقى لۇكا كاسېرى مۇنداق دېدى، بىز 8 - ئىيۇل كەچكىچە ھازىرقى ھالىتىمىزنى ساقلاپ قالىمىز، ناۋادا ياۋروپا مەركىزىي بانكىسى بۇ جەرياندا قارار چىقىرىپ، بىزنىڭ بۇ قارارىمىزنى ئۆگەرتىشكە ياردەم بەرسە ئۇنداقتا يەنە يېڭىچە قارار ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ.
باش ئىشتابى فىرانكفورتقا تەسىس قىلىنغان ياۋروپا مەركىزىي بانكىسى بايانات ئېلان قىلىپ بۇنداق دېگەن، ياۋروپا مەركىزىي بانكىسى مۇدىرىيەت يېغىنىدا گرېتسىيەدىكى ھەرقايسى بانكىلارغا بېرىلىۋاتقان جىددىي سەييارە ياردەمنىڭ يۇقىرى چىكىنىڭ ئۆزگەرمەيدىغانلىقى يەنى 26 - ئىيۇن سەۋىيەنىڭ ساقلاپ قىلىنغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان بىراق ياۋروپا مەركىزىي بانكىسى گرېتسىيەدىكى بانكا كەسپىنىڭ ياردەمگە ئېرىشىش ئۈچۈن رەنىگە قويۇلدىغان بۇيۇملىرىنى تەڭشەشنى قارار قىلغان. ياۋروپا مەركىزىي بانكىسى تەكىتلەپ، گرېتسىيەنىڭ مالىيە ئەھۋالى گرېتسىيەنىئىڭ بانكا كەسپىگە تەسىر كۆسەتتى چۈنكى ئۇلار سەييارە ياردەمگە ئىلتىماس سۇنغاندا رەنىگە قويۇلدىغان بۇيۇم ئاساسىي جەھەتتىن ھۆكۈمەتكە ئائىت مال - مۈلۈككە مۇقۇملاشقان، بۇنداق ئەھۋالدا مۇدىرىيەت يىغىندا گىرېتسىيە بانكىلىرى سەييارە ياردەمگە ئېرىشىش ئۈچۈن رەنىگە قويۇلدىغان بۇيۇمنىڭ كېمەيتىش نىسبىتىنى تەڭشەش قارا قىلىندى دەپ تەكىتلەپ ئۆتكەن. قۇتقۇزۇش بەلگىلىمىسىنى ئومۇمىي خەلقنىڭ ئاۋازغا قويۇش گىرېتسىيەدە ئۆچرەتتە تۇرۇپ پۇل ئېلىش دولقۇنىنى قوزغىغان، بۇنىڭ بىلەن گىرېتسىيە 28 - ئىيۇن مەبلەغگە چەك قويۇپ ھەربىر گېرتسىيەلىكنىڭ ھەربىر ھېسابات نومۇرى بويىچە بىرلا كۈندە پۇل بەرگۈدىن (ATM) پەقەت 60 ياۋرولا ئالالايدىغانلىقىنى ئېيتقان.
گرتسىيە بانكىلىرى سەييارە ياردەمنى كۆپەيتىشنى تەلەپ قىلغان، سەييارە ياردەم ھازىرقى گرتسىيەنىڭ بانكا كەسپى بولۇپمۇ گرېتسىيەنىڭ ئىقتسادىنى مەبلەغ بىلەن تەمىنلەيدىغان مەنبە بىراق گرېتسىيەنى قۇتقۇزۇش پىلانىنىڭ مۆھلىتى توشقاچقا ئۇنىڭ ئۈستىگە ھېچقانداق يېڭى بىر پىلانمۇ ئوتتۇرىغا چىقمىغاچقا بۇ ياردەمنىڭ مۆھلىتىنى ئۇزارتىش ئەمەلگە ئاچمىغان. بىراق تەھلىلچىلەرنىڭ قارىشىچە ياۋروپا مەركىزىي بانكىسى گرېتسىيەگە ياردەم بېرىشنى توختىتىپ قويۇپ، بۇ دۆلەتنىڭ ياۋرو ئىشلىتىدىغان رايونلار قاتارىدىن چېقىپ كىتىشگە قول قۇشتۇرۇپ قاراپ تۇرمايدىكەن.
گىرمانىيەدىكى دۇنيا گېزىتىنىڭ 6 - ئىيۇلدىكى تور خەۋىرىگە قارىغاندا، ياۋروپا مەركىزىي بانكىسى گەرچە خەتەر ئىچىدە تۇرۇۋاتقان ھەرقايسى گىرېتسىيە بانكىلىرىغا بولغان سەييارە ياردەم مىقدارىنى يۇقىرىلاتمىغان بولسىمۇ لېكىن رەنىگە قويۇلدىغان بۇيۇملارنىڭ كېمەيتىش نىسبىتىنى يۇقىرى كۆتۈردى. قەرزگە ئېرىشىش ئۈچۈن گرېتسىيەدىكى ھەرقايسى بانكىلار چوقۇم قىممىتى يۇقىرى ئاكسىيەلەرنى رەنىگە قويۇش كېرەك، رەنىگە قويۇلدىغان بۇيۇملارنىڭ كېمەيتىش نىسبىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش دېگىنىمىز تۆۋەندىكىدەك ئەھۋالنى كۆرسىتىدۇ، ئەگر مەلۇم بىر بانكا قىممىتى 100 ياۋرولوق گىرېتسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ زايۇمىنى ياۋروپا بانكىسىغا رەنىگە قويسا ئۇنداقتا بۇ بانكا ياۋروپا مەركىزىي بانكىسدىن ئىلگىرىكىگە قارىغاندا ئازراق قەرزگە ئېرىشەلەيدۇ.بۇ شۇنىڭدىن دېرەك بېرىدۇكى ياۋروپا مەركىزىي بانكىسى كەلگۈسىدە گرېتسىيەنى تېخىمۇ كۆپ قەرز بىلەن تەمىنلەشتىن ئۆزىنى تارتىدۇ، بۇ ناھايىتى ئېنىق ھالدا ياۋروپا مەركىزىي بانكىسى تەمىنلەيدىغان سەييارە ياردەم ئەمەلىيەتتە گرېتسىيەدىكى بانكىلارنىڭ ئەڭ ئاخىرىقى بايلىق مەنبەسى بولۇپ قالغان، بىراق بۇنىڭدىن بىر ھەپتە بۇرۇن گرېتسىيەدىكى كىرىزىس ئەۋج ئالغانلىقدىن ياۋروپا مەركىزىي بانكىسى سەييارە ياردەم پۇلىنىڭ مىقدارىنى 89 مىليارد ياۋرو ئەتراپىدا كونترول قىلغان. ھازىر ھەربىر ھېسابات ئاچقۇچى گرېتسىيەدىكى بانكىلاردىن كۈندە ئاران 60 ياۋرو ئالالايدىغان بولسىمۇ لېكىن ھەرقايسى بانكىلارنىڭ ساقلانما مەبلىغى تۈگەپ كېتىش گىردابىغا بېرىپ قالغان. شۇڭا گىرېتسىيە بانكىلىرى ياۋروپا مەركىزىي بانكىسىنىڭ سەييارە ياردەم پۇلىنىڭ مىقدارى كۆپەيتىشنى ئۈمىد قىلىدۇ. ئىگىلىنىشىچە گىرېتسىيە بانكىلىرى ئىلگىرى ياۋروپا مەركىزىي بانكىسىغا سەييارە ياردەم پۇلى ئىلتىماسى سۇنغاندا ئالتە مىليارد ياۋرو كۆپەيتىشنى تەلەپ قىلغان ئەمما ياۋروپا مەركىزىي بانكىسى بۇنى رەت قىلغان ئۆتكەن ھەپتە گىرېتسىيە ھۆكۈمىتى بانكىدىن پۇل ئېلىشقا چەك قويۇپ دۆلەت ئىچىدىكى بانكىلارنىڭ پالەچ ھالغا چۈشۈپ قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئالغان. شۇنىڭدىن كېيىن گرېتسىيەدىكى ئۈچ كارخانا ئىشچىلارنىڭ مائاشىنى نەق پۇل شەكىلدە تارقاتقان.
مەبلەغنىڭ كونترول قىلىشى گرېتسىيەدىكى ئائىلىلەرنىڭ خام چوتىغا ئەكس تەسىر كۆرسەتكەن ھەمدە نۇرغۇن كارخانىلارنىڭ نورمال ئىشلەپ چىقرىشىنى چەكلەپ قويغان. بانكا سەھەسىدىكىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، گېرتسىيەدىكى بانكىلارنىڭ 10 - ئىيۇلغىچە تىجارەت قىلماسلىقى مۇمكىن ئىكەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved