چاۋۇش ئوغلۇ: كۇرد دېموكراتىك ئىتتىپاقى پارتىيەسى تىنچلىق سۆھبىتىگە قاتناشسا بولمايدۇ

     « يەر شارى تورى خەۋىرى» رۇسىيە «سۈنئىي ھەمراھ» ئاخبارات تورىنىڭ 26-يانۋاردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، تۈركىيەنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى چاۋۇش ئوغلۇ:«مۇبادا كۇرد دېموكراتىك ئىتتىپاقى پارتىيەسى جەنۋەدە ئۆتكۈزۈلىدىغان سۈرىيە تىنچلىق سۆھبىتىگە قاتنىشىپ قالىدىكەن، ئۇنداقتا ئەنقەرە بۇ قېتىملىق سۆھبەتكە قارشى تۇرىدۇ» دېگەن.

     چاۋۇش ئوغلۇ تۈركىيە NTV تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا:«كۇرد دېموكراتىك ئىتتىپاق پارتىيەسى قايسى سالاھىيىتى بىلەن سۆھبەت ئۈستىلىدە ئولتۇرىدىكەن؟ تېررورلۇق تەشكىلاتى خەلقكە ۋەكىل بولسا بولامدۇ-يوق؟ بۇ دېگەن ئۆكتىچىلەر بىلەن ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان پارتىيە ئوتتۇرىسىدىكى سۆھبەت. تېررورلۇق تەشكىلاتى بۇ قېتىملىق سۆھبەتكە ئىشتىراك قىلسا بولمايدۇ. بىز بۇرۇن كۇرد دېموكراتىك ئىتتىپاقداش پارتىيەسىنى تەكلىپ قىلماسلىق توغرىلىق سۆزلىشىپ بولغان. مۇبادا ئۇلار جەنۋەدىكى سۆھبەتكە تەكلىپ قىلىنىدىكەن، بىز ئەلۋەتتە بۇ سۆھبەتكە قارشى تۇرىمىز» دېگەن.

      ب د ت نىڭ سۈرىيە مەسىلىسىدىكى ئالاھىدە ئەلچىسى دېمىستۇرا 25-يانۋار:«سۆھبەت مۇشۇ ئاينىڭ 29-كۈنى باشلىنىدۇ ھەم ئالتە ئاي داۋاملىشىدۇ» دېگەن. بىراق رۇسىيەنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى لاۋروف 26-يانۋار:«ئەگەر كۇردلار، بولۇپمۇ سۈرىيەدىكى كۇردلار بۇ سۆھبەتكە ئىشتىراك قىلمايدىكەن، سۈرىيە مەسىلىسىنى مۇرەسسە قىلىش سۆھبىتىدىن ياخشى نەتىجە چىقمايدۇ» دېگەن.

      تۈركىيە زۇڭلىسى داۋۇت ئوغلۇ كۇردلارنىڭ سۈرىيەدىكى ھەر قايسى تەرەپلەر قاتنىشىدىغان تىنچلىق سۆھبىتىگە ئىشتىراك قىلىشىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بىراق داۋۇت ئوغلۇ:«ئەنقەرە كۇرد دېموكراتىك ئىتتىپاق پارتىيەسىنى تېررورلۇق تەشكىلاتى، دەپ قارايدۇ، شۇڭا بىز ئۇلارنىڭ بۇ قېتىملىق تىنچلىق سۆھبىتىگە قاتنىشىشىغا قارشى تۇرىمىز» دېگەن.



خەتكۈچلەر:
28-01-2016
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
11-06-2016
جۇڭگو خەۋەر تورىنىڭ 6-ئاينىڭ 10-كۈنىدىكى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى،     ئامېرىكىنىڭ قاتاردا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى دانا سىچېل (Dana Schell) شۇ جاي ۋاقتى 9-چىسلا ئامېرىكا ئەسكىرىنىڭ قاتارنى ھاقارەتلەش قى...
11-06-2016
جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 10-ئىيۇن بېيجىڭ خەۋىرى:    ئارگېنتىنا دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى 9-ئىيۇن ئاخبارات ئېلان قىلىپ، مالۋىناس تاقىم ئاراللىرىغا بولغان ئىگىلىك ھوقۇقىنى قايتا تەكىتلىدى ھەمدە ئەنگلىيەنىڭ بۇ ئارالنىڭ تەۋە...
11-06-2016
   شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئامېرىكا تېكساس شىتاتى، ئامېرىكا ساقچىلىرى داللاستىكى love field ئايرودرومىدا قولىدا تاش كۆتۈرۈۋالغان ئەرگە كەينى-كەينىدىن توققۇز پاي ئوق ئېتىپ يەرگە يېقىتىپ، نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ...
11-06-2016
   شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئامېرىكا تېكساس شىتاتى، ئامېرىكا ساقچىلىرى داللاستىكى love field ئايرودرومىدا قولىدا تاش كۆتۈرۈۋالغان ئەرگە كەينى-كەينىدىن توققۇز پاي ئوق ئېتىپ يەرگە يېقىتىپ، نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ...
11-06-2016
    شۇ يەر ۋاقتى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، پاكىستان ھەيدەرئاباد، شۇ كۈنى پاكىستاننىڭ نۇرغۇن جايلىرىدا ئامېرىكىغا قارشى كۈچ كۆرسىتىش نامايىشى پارتلىغان بولۇپ، پاكىستان پۇقرالىرى ئامېرىكا دۆلەت بايرىقىنى كۆيدۈرۈپ، ئامېرىكىنىڭ پاكىستاندا ...
11-06-2016
شىنخۇا تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     شۇ جاي ۋاقتى 6- ئاينىڭ 10- كۈنى پاكىستاننىڭ سېند ئۆلكىسىنىڭ كاراچى شەھىرىدىكى بىر مەسچىتنىڭ چوڭ سايۋىنى ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ، بەش ئادەمنىڭ قازا قىلىشى ۋە ...
11-06-2016
پايدىلىنىش ئۇچۇرلىرى تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ يىللاردا مېكسىكا ئارقىلىق ئامېرىكىنىڭ كالىفورنىيە شىتاتىغا كىرىدىغان جۇڭگولۇق قانۇنسىز كۆچمەنلەر شىد...
11-06-2016
شىنخۇا تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى زاخاروۋا شۇ جاي ۋاقتى 10- ئىيۇن مۇنداق دېگەن: رۇسىيە ئۈچىنچى بىر تەرەپنىڭ جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسىگە قول تىقىشىنىڭ ۋەزىي...
10-06-2016
    شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 9-كۈنى، كامبودژا فنوم پېن، شۇ جايدىكى كەنت ئاھالىلىرى يۈزىگە چىرايلىق ھەم قېنىق پەرداز قىلىپ، جىن-شاياتۇنلارنى قوغلاش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم ئاغرىق-سىلاقتىن يىراق تۇرۇشىنى شۇنداقلا مول-ھوسۇل...
30-05-2016
شىنخۇا تورى 23- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     سەئۇدى ئەرەبىستان دۆلەتلىك نېفىت شىركىتى نەچچە كۈن ئىلگىرى يىللىق دوكلات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېگەن: 2015- يىلى سەئۇدى ئەرەبسىتان ئاسىيا قىتئەسىدىكى دۆلەتلە...
Powered by Leglek