سىنا تورى خەۋىرى، لەگلەك تورى تەرجىمىسى:
رۇسىيە تاراتقۇلىرىنىڭ 5-ئاينىڭ 4-كۈنىدىكى خەۋرىگە ئاساسلانغاندا، ۋىيېتنام دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكى ئىسپاتلىشىچە، ۋىيېتنام دۆلەت رەئىسى جاڭ جىن چۇاڭ پات ئارىدا موسكۋادا زىيارەتتە بولىدىكەن.
خەۋەردە دېيىشىچە، ۋىيېتنام دۆلەت رەئىسى 5-ئاينىڭ 7-كۈنىدىن 10-كۈنىگىچە موسكۋادا تۇرىدىغان بۇلۇپ، 5-ئاينىڭ 9-كۈنى «غەلىبە كۈنى»دىكى ھەربىي پارات پائالىيىتىگە ئىشتىراك قىلىدىكەن.
بۇنىڭدىن بۇرۇن،رۇسىيە ھۆكۈمەت تارماقلىرى جاڭ جىنچۇاڭنىڭ زىيارىتىگە ئائىت خەۋەرلەرنى ئاشكارلىغان.
2015-يىلى ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى غەلىبە قىلغانلىقنىڭ 70 يىللىقى.شۇنداقلا رۇسىيە ۋەتەننى قوغداش ئۇرۇشى غەلىبە قىلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى.
رۇسىيە 5-ئاينىڭ 9-كۈنى « ۋەتەننى قوغداش ئۇرۇشى غەلىبە كۈنى»دە داغدۇغىلىق تەبرىكلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزىدۇ.رۇسىيە ھۆكۈمىتى دۇنيادىكى كۆپلىگەن دۆلەت باشلىقلىرىنى موسكۋادا ئۆتكۈزۈلدىغان تەبرىكلەش پائالىيىتىگە قاتنىشىشقا تەكلىپ قىلغان.3-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە، 30 نەچچە دۆلەتنىڭ رەھبەرلىرى قاتنىشىشنى قارار قىلغان.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved