پۇتبول تورى خەۋىرى، لەگلەك تورى تەرجىمىسى
خەۋەر قىلىنىشىچە، AC مىلان كېلەر يىلى 1-ئايدا بىر نەپەر ئوتتۇرا مەيدان توپچىسى قوشۇشنى ئۈمىد قىلىدىكەن. ئۇلارنىڭ نىشانى خان مادرىد كۇلۇبىنىڭ ئوتتۇرا مەيدان توپچىسى قېدىرا ئىكەن.
بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئەنگىلىيە ئاخبارات ۋاستىلىرى گېرمانىيەلىك بۇ ئوتتۇرا مەيدان توپچىسىنىڭ ئاللىقاچان ئېنگىلاند دەرىقىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىدىكى ئارسېنال كۇلۇبى بىلەن بىرلىككە كەلگەنلىكىنى ئاشكارىلىغانىدى. ئەمما يېقىنقى «دۇلىن تەنتەربىيە گېزىتى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئا س مىلان كۇلۇبىمۇ قېدىرانى سېتىۋىلىش جېڭىگە قوشۇلغان. مىلان ۋە خان مادرىد كۇلۇبى ئوتتۇرسىدىكى ياخشى مۇناسىۋەتنى كۆزدە تۇتقاندا، ئا س مىلان كۇلۇبىنىڭ قىشتىكى يۆتكىلىش سۆھبىتىدە بەلگىلىك ئارتۇقچىلىقى بولۇشى مۇمكىن.
قېدىرا تېخىچە داۋالىنىش باسقۇچىدا تۇرىۋاتىدۇ، تەخمىنەن 11-ئاينىڭ باشلىرىدا مەيدانغا قايتىپ كېلەلىشى مۇمكىن. بىراق يارىسى ساقىيىپ مەيدانغا قايتىپ كەلگەن تەقدىردىمۇ قېدىرا خان مادرىد كۇلۇبىدا ئاساسلىق ئەزالىق ئورنىنى ساقلاپ قېلىشى خېلى تەسكە توختايدۇخ
قېدىرا بىلەن خان مادرىد كۇلۇبىنىڭ توختامى كېلەر يىلى يازدا ئاخىرلىشىدۇ. ئەگەر قېدىرا توختام ئۇزارتىشنى تاللىمىسا خان مادرىد كۇلۇبى كېلەر يىلىدىكى قىشلىق يۆتكىلىش مەزگىلىدە بۇ گېرمانىيەلىك توپچىنى قولدىن چىقىرىشى مۇمكىن.
![]() |
چىلىنىڭ كوكىمبو چوڭ رايونىدىكى پاراشوت بىلەن سەكرەش ھەۋەسكارى سېباستىيان ئالۋارېز بىر ئۇچقاندەك كېتىۋاتقان يۈك ئاپتوموبىلىدىن پاراشوت بىلەن سەكرىگەن.
|
![]() |
نۇر تورى تەرجىمىسى:
ئىسپانىيەلىك چولپان توررېس يېقىندا تاراتقۇلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا 2012-يىلىدىكى ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىنى ئەسلەپ، ناھايىتى گۈزەل ئەسلىمە، دېگەن.
...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved