خۇنەن ئۆلكىسى چېنجۇ شەھەرلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىدىن ئىگىلىنىشىچە، خۇنەن شىجۇيۈەن باغچىسىدىكى رەڭلىك مېتال چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ بىر قۇرۇلۇش ئورنىدا 2-يانۋار چۈشتىن كېيىن سائەت 5:00 دە تاختىپەر گۈمۈرۈلۈش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، 11 ئادەم كۆمۈلۈپ قالغان، ئۇنىڭ ئىچىدە ئالتە ئادەم قازا قىلغان.
ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن، خۇنەن ئۆلكىسى، چېنشيەن شەھىرىدىكى ئالاقىدار تارماقلار تېزلىكتە نەق مەيدانغا يېتىپ كېلىپ، پۈتۈن كۈچى بىلەن قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى قانات يايدۇرغان.نۆۋەتتە، يارىلانغان بەش ئادەم دوختۇرخانىدا جىددىي قۇتقۇزۇلۇۋاتقان بولۇپ، ۋەقەنىڭ يۈز بېرىش سەۋەبى سۈرۈشتۈرۈلۈۋېتىپتۇ.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved