دۇنيادىكى ئەڭ غەلىتە قوشكېزەكلەر

بەدەن ئېغىرلىقى ئەڭ پەرقلىنىدىغان قوشكېزەك

    روسىيە تېلېۋىزىيە ئىستانىسىنىڭ بىر سۆھبەت پروگراممىسىغا بىر جۈپ ئالاھىدە قوشكېزەك قاتناشقان، بۇ قوشكېزەكنىڭ چىرايى ئوخشىغاندىن باشقا بەدەن ئېغىرلىقى بەكلا زور پەرق قىلىدىكەن. ھەدىسىنىڭ تەن ئېغىرلىقى 190 كىلوگرام بولۇپ، ئالاھىدە سېمىزكەن، سىڭلىسى بولسا پەقەت 55 كىلوگرام ئىكەن، ئىككىسىنىڭ تەن ئېغىرلىقى پەرقى 135 كىلوگرامغا يېتىدىكەن.

ئەڭ ئاسان پەرقلەندۈرگىلى بولىدىغان قوشكېزەك

    بۇ بىر جۈپ ئاق قارا تەنلىك قوشكېزەك ئاۋسترالىيەدە تۇغۇلغان، بالىلارنىڭ دادىسى ساپ ئاق تەنلىك ئاپىسى يامايكا، ئەنگلىيە ئارىلاش قان سىستېمىسىغا تەۋە. بۇ قوشكېزەكلەرنىڭ ئىسمى ئالىشيا ۋە جەزمىن. ئالىشيا ئاپسىىغا ئوخشايدۇ تېرىسى قارا، كۆزى قوڭۇر، چېچى قارا رەڭدە؛ جەزمىن داسىغا ئوخشاش تېرىسى ئاق، كۆزى كۆك.

پەرقلەندۈرۈش ئەڭ تەس قوشكېزەك

      بۇ 1999-يىلى پېنسىلۋانىيە شىتاتىدىكى دېھقانچىلىق مەيدانىدا تارتىلغان راف ئاكا-ئۇكىلارنىڭ سۈرىتى. بۇ قوشكېزەك ئاكا-ئۇكىلار جىننېس رېكورتى تەرىپىدىن دۇنيادىكى ئەڭ ئوخشايدىغان قوشكېزەك دەپ ئېتىراپ قىلىنغان. بۇ قوشكېزەكنىڭ چىرايىدىن تارتىپ گەپ قىلىش ئۇسۇلىغىچە ئوخشايدۇ، بۇ يىللاردا كۆپ قېتىم «ئەڭ ئوخشايدىغان  قوشكېزەك»مۇكاپاتلىرىغا ئېرىشكەن.

ئىككى ئاي پەرق قىلىدىغان قوشكېزەك

     رۇمنىيەلىك كاتىلىن 2004-يىلى 12-ئايدا تۇغۇلغان، ئۇنىڭ قوشكېزەك ئىنىسى ئىككى ئايدىن كېيىن ئاندىن تۇغۇلغان. دوختۇرنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ قوشكېزەكنىڭ تۇغۇلۇش ۋاقتىنىڭ بۇنداق پەرق قىلىشى ئۇلارنىڭ ئانىسىنىڭ بالىياتقۇسىنىڭ تۇغما غەيرىي ئىكەنلىكىدىن بولغان. بالىلارنىڭ ئاپىسىنىڭ ئىككى بالىياتقۇسى بولۇپ، بۇنداق ئەھۋالنىڭ كۆرۈلۈش نىسبىتى 500 مىڭدىن بىر ئىكەن. ئۇ تۇنجى تەن ئىچىدە ئىككى بالىياتقۇدا تەڭ ۋاقىتتا ئىسپىرما قوبۇل قىلىپ بالا تۇغقان ئايال. بۇ بالىلارنىڭ سالامەتلىكى ناھايىتى ياخشى بولۇپ ئوخشاش ۋاقىتتا دوختۇرخانىدىن چىققان.

ئىككى ئەسرگە تەۋە قوشكېزەك

   بۇ قوشكېزەكنىڭ ئارىسىدىكى ئاچىسى ئالدىنقى ئەسىرىدىكى ئەڭ ئاخىرقى كۈنى 23 دىن 59 مىنۇت ئۆتكەندە تۇغۇلغان، سىڭلىسى يېڭى ئەسىرنىڭ تۇنجى كۈنى 1 دىن 1 مىنۇت ئۆتكەندە تۇغۇلغان، گەرچە بۇ ئاچا-سىڭىللار پەقەت ئىككى مىنۇت پەرق قىلسىمۇ لېكىن ئىككى ئەسىرگە تەۋە بولۇپ كەتكەن. بۇ «ئەسىر بوۋاق» لار بېيجىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك قوشكېزەكلەر بايرىمىدا «ئەڭ ئالاھىدە قوشكېزەك» مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

سەككىز يىل توڭلىتىلغاندىن كېيىن تۇغۇلغان قوشكېزەك

    ئەنگلىيەلىك ئايال كلەيىر بولىر 24 يېشىدا راك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قالغان، لېكىن ئۇ ئانا بولۇشتىن ۋاز كەچمىگەن. ئۇنىڭ ئۇرۇقلانغان تۇخۇمى سەككىز يىل توڭلىتىلغاندىن كېيىن 2004-يىلى كلەيىر ئوڭۇشلۇق ھالدا قوشكېزەك ئوغۇل يەڭگىگەن.

جۇڭگودىكى ئەڭ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرگەن قوشكېزەك

     شەندۇڭ ئۆلكىسى رۇشەندىكى بۇ قوشكېزەك ئاچا-سىڭللار 98 ياشقا كىرگەن بولۇپ، شاڭخەي جىننېس ئورگىنى ئېتىراپ قىلغان «جۇڭگودىكى ئەڭ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرگەن قوشكېزەك»لەردىنمۇ بىر ياش چوڭ. گەرچە يېشى 100 ياشقا يېقىنلاشقان بولسىمۇ لېكىن بۇ ئىككى موماينىڭ تەپەككۇرى ناھايىتى ئېنىق، 10 نەچچە يىل بۇرۇنقى ئىشلارنى خۇددى تۈنۈگۈن يۈز بەرگەندەك سۆزلىيەلەيدۇ، نەۋرە-چەۋرىلىرىنىڭ تۇغۇلغان كۈنلىرىنىمۇ ئېسىدە تۇتالايدۇ.

يېشى ئەڭ چوڭ تۇتاش تەنلىك قوشكېزەك

    دۇنيادىكى يېشى ئەڭ چوڭ تۇتاش تەنلىك قوشكېزەك 18ياشقا كىردى، تۇغۇلغان كۈن زىياپىتىدە ئۇلار ئىككى تۇغۇلغان كۈن تورتى، ئىككى تۇغۇلغان كۈن شامى ۋە ئوخشىمىغان سوۋغاتلارغا ئېرىشتى.

   ئۇلارنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ ئېيتىشىچە، قوشكېزەكلەر تۇغۇلغاندىن تارتىپ ئۇلار ئايرىۋېتىش ئوپېراتسىيەسىى قىلماسلىقنى قارار قىلغان، چۈنكى ئوپېراتسىيەنىڭ خېيىم-خەتىرى ناھايىتى چوڭ بولۇپ، قوشكېزەكلەر ئوپېراتسىيە ئۈستىلىدىلا ئۆلۈپ قېلىشى مۇمكىن ئىدى. ھەتتا ئوپېراتسىيە ئوڭۇشلۇق بولغان تەقدىردىمۇ ئۇلار يەنىلا ئۆمۈرلۈك مېيىپ بولۇپ قالىدۇ، پەقەت بىر قول، بىر پۇتىنى ئىشلىتەلەيدۇ، قالغان ئۆمرىنى چاقلىق ھارۋىدا ئۆتكۈزىدۇ.

تۇرمۇشى پۈتۈنلەي ئوخشايدىغان ئايرىۋىتىلگەن قوشكېزەك

     ئوخېئو شىتاتىدىكى بۇ قوشكېزەك تۇغۇلغاندىن كېيىنلا ئوخشىمىغان ئائىلە تەرىپىدىن بېقىۋېلىنغان. بۇ تونۇشمايدىغان ئائىلە بۇ ئىككى بالىغا ئوخشاشلا جىم دەپ ئىسىم قويغان، تاساددىپىيلىق  دەل بۇنىڭ بىلەن باشلانغان. ئىككى جىم ئاستا-ئاستا چوڭ بولغان، لېكىن قوشكېزىكىنىڭ بارلىقىنى بىلمىگەن. ئۇلار قانۇن ئىجراچىسى تەربىيەسى ئالغان، مېخانىك سۈرەت لايىھىلەش ۋە ياغاچ سەنئىتى جەھەتتە تالانتىنى نامايان قىلغان، ئۇلار لىندا ئىسىملىك ئايال بىلەن توي قىلغان، كېيىن ئايالىدىن ئايرىلىپ كەتكەندىن بېتتىي ئىسىملىك ئايال بىلەن توي قىلغان، ئىككىلىسى ئەرمەك ئىتىغا «تويى»دەپ ئىسىم قويغان.



خەتكۈچلەر:
31-12-2015
يازغۇچى: كاككۇك
مەنبە: نۇر تورى
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
07-02-2016
      چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يېقىندا ئىتالىيەلىك بىر ئەر «ئۆي ئىشى قىلمىغانلىق» سەۋەبى بىلەن ئۆزىنىڭ ئايالىنى سوتقا ئەرز قىلغان. ئەگەر ئايالنىڭ جىنايىتى بېكىتىلسە، ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 6 يىللىق قاماق جازاسىغا...
07-02-2016
         ئەنگىلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» 4-فېۋرالدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئەنگىلىيەنىڭ غەربىي يورك ۋىلايىتىدىكى خۇددېرسفيېلد ۋوگزالىدا بىر داڭلىق «چارلىغۇچى مۈشۈك» بار بولۇپ، بەش يىلدىن بېرى ئۇ ئىزچىل ھالدا...
06-02-2016
      كىشىلەر ھازىر ئاللىقاچان ئۆز تارتىم سۈرەتلىرىنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە تورىغا بۆسۈپ كىرگەنلىكىگە كۆنۈپ كەتتى. ئۆزىنى سۈرەتكە تارتىشقا قارىتا كۆز قاراش ئوخشاش ئەمەس، لېكىن نەزەردىن ساقىت قىلىشقا بولمايدىغىنى ئۆزىنى سۈرەتك...
06-02-2016
      تاراتقۇلارنىڭ رۇسىيە لىۋادا خەلق رايىنى تەكشۈرۈش ئورنىنىڭ تەكشۈرۈش نەتىجە دوكلاتىدىن نەقىل ئېلىپ خەۋەر بېرىشىچە، %72 رۇسىيەلىك جۇڭگوغا نىسبەتەن ئاكتىپ پوزىتسىيە تۇتىدىكەن. بۇ قېتىملىق تەكشۈرۈش 1-ئاينىڭ 22-كۈنىدىن 25-...
06-02-2016
يىڭناغۇچسىمان مەخپىي تىڭشىغۇچ كونۋېرتسىمان نۇسخىلىغۇچ ئىستىرېئولوق ئاپپارات يېرىم سۇ ئاستى پاراخوتى مىكرو ئاپپارات سەرەڭگە قېتىپ شەكىللىك...
06-02-2016
     قازاقىستاننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى دەرىغە نۇر سۇلتان قىزى نەزەربەيىۋا 5- فېۋرال، جۇڭگو ئىقتىسادى جۇش ئۇرۇپ تەرەققىي قىلماقتا، قازاقىستانلىقلار خەنزۇ تىلىنى ئۆگىنىشى كېرەك ، بۇ ئۇلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا ياردىمى بولىدۇ دې...
06-02-2016
            تۈنۈگۈن، مۇخبىرنىڭ بېيجىڭ شەھەرلىك مائارىپ كومىتېتى ئىشخانىسىدىن ئىگىلىشىچە، بېيجىڭ شەھىرى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ئاشخانا باشقۇرۇش ئۆلچەم تۈزۈشنى تەتقىق قىلىۋېتىپتۇ ھەم مەكتەپلەرنىڭ تاماق...
06-02-2016
        بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپىنىڭ مۇئاۋىن باياناتچىسى خاك تۈنۈگۈن: يېقىندا ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتىدە تىنچلىقنى ساقلاش خادىملىرى پۇقرالارغا جىنسىي پاراكەندىچىلىك سېلىش شىكايىتىگە چېتىلىش ئەھۋاللىرى...
06-02-2016
         تۈنۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن، مۇخبىرنىڭ بېيجىڭ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى ئامانلىق ساقلاش باش ئەترىتىدىن ئىگىلىشىچە، بۈگۈندىن باشلاپ، بېيجىڭ ساقچى تەرەپ شەھەر بويىچە قۇلۇپ كەسپى نام-ئىسىملار خاتىرىسى تۈزۈمى بويىچە ئا...
06-02-2016
          2016-يىلى 2-ئاينىڭ 6-كۈنى برازىلىيە سان پاۋلودا شادلىق بايرىمى ئۆتكۈزۈلدى، سامبا ئىنىستىتۇتىنىڭ ئارتىسلىرى سان پاۋلو شاتلىق بايرىمىدىكى نامايىشقا قاتناشتى.
Powered by Leglek