جۇڭگولۇق ئەر قۇرۇۋالغان قۇتا ئۆي نىيۇيورك ساقچىلىرى تەرىپىدىن چېقىۋېتلىدى
يېقىندا مانخاتون چوڭ كۆۋرۈكىنىڭ لىملىرىغا قۇتا ئۆي قۇرۇۋالغان جۇڭگولۇق ئەر ھەر قايسى تاراتقۇلارنىڭ دېققىتىنى تارتتى، ئۆزىنى ( Joe ) دەپ ئاتىۋالغان بۇ جۇڭگولۇق ئەر كۆۋرۈك لىمىغا ياغاچتىن جەسەت ساندۇقىدەكلا بىر كىچىك ئۆينى قۇرۇۋالغان بولۇپ، ئۇنىڭ شۇنچە خەتەرلىك ھەم غۇربەتچىلىكتىكى تۇرمۇشى كۆچمەنلەرنىڭ پاناھلىنىشى ۋە جۇڭگولۇقلارنىڭ ئامېرىكىدىكى تۇرمۇشى قاتارلىق مەسىلەرنى ئاممىنىڭ نەزىرىگە سالدى.
ئىگىلىنىشچە، جوينىڭ كىچىك ئۆيى يەر بىلەن ئارقىلىقى ئىككى مېتىر كېلىدىغان كۆۋرۈكتە بولۇپ، بۇ مىكرو ئۆيگە ئارانلا بىر ئادەمنى سىغدۇرۇلايدىكەن. ئۆينىڭ يېنىدا 24 سائەت توختىماي ماڭىدىغان ماشىنا بىلەن تۆت دانە توختىماي قاتنايدىغان مېترو بولۇپ، بۇ يەردە بىردەملىك جىمجىتلىقتىن ھوزۇرلۇنۇش ناھايىتى بىر تەس ئىش ئىكەن. ھازىر بۇ ئۆي چېقىپ تاشلىنىپ جۇڭگولۇق ئەر ئەتراپتىكى بىر ئىجتىمائىي پاراۋانلىق مەركىزىگە ئورۇنلاشتۇرۇلدى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved