11-ئۆكتەبىر سېررالېئوننىڭ پايتەختى فىرېتوۋندا ، جۇڭگو داۋالاش ئەترىتىدىكىلەر ئېبولا بىمارلىرىنى ئامبۇلاتورىيە بىناسىغا باشلاپ ماڭماقتا
بېيجىڭ ئازادلىق ئارمىيە 302-دوختۇرخانىسىدىكى 30 نەپەر دوختۇر-سىستېرادىن تەشكىللەنگەن ئازادلىق ئارمىيە سېررالېئونغا ياردەم بېرىش داۋالاش ئەترىتى بىر ئاي ئىلگىرى غەربىي ئافرىقا دۆلىتى سېررالېئوننىڭ پايتەختى فىرېتوۋنغا كېلىپ ، ئېبولا ۋىرۇسىغا زەربە بېرىش كۈرىشىگە ئاتلاندى . فىرېتوۋننىڭ شەھەر ئەتراپى رايونىغا جايلاشقان جۇڭگو-سېررالېئون دوستلۇق دوختۇرخانىسىنىڭ ئېبولا بىمارلىرىنى كۆزىتىش مەركىزى 1-ئۆكتەبىر رەسمىي ئىشقا كىرىشىپ ، داۋالاش ئەترىتى بىمار قوبۇل قىلىشنى باشلىدى .
‹‹داۋالاش خادىملىرىغا ۋىرۇس يۇقتۇرماسلىق ، بىمارلار ئارىسىدىمۇ ۋىرۇس ئۆتۈشتۈرمەسلىك داۋالاش ئەترىتى خىزمىتىنىڭ ئەڭ تۆۋەن چېكى ۋە ‹قىزىل سىزىقى› ›› دېدى ، داۋالاش ئەترىتىنىڭ باشلىقى لى جىڭ . داۋالاش ئەترىتى بىر ئايدىن بۇيان غەربىي ئافرىقىنىڭ ناتونۇش مۇھىتى ، ناچار شارائىتى ۋە ئۈزلۈكسىز تۈردە يامراۋاتقان ۋىرۇسقا قارىتا مۇداپىئە مەشىقى ۋە بىمارلارغا بولغان باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ ، ئېبولا ۋىرۇسىغا تىرىشىپ زەربە بېرىپ كەلمەكتە .
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved