ياپونىيە خەۋەر تورىنىڭ 4-ئاينىڭ 24-كۈندىكى خەۋرىگە ئاساسلانغاندا ، ياپونىيە باش ۋەزىرى ئابې بىلەن ئامرىكا پىرىزدېنتى ئوباما 24-چېسلا چۈشتىن بۇرۇن توكيودا كاتتىباشلار ئۇچرىشىشى ئورۇنلاشتۇرغان ھەمدە ئۇچرىشىشتىن كىيىن مۇخبىرلارنى كۈتىۋالغان.ئوباما مۇخبىرنىڭ سۇئال سورىشىنى قۇبۇل قىلغاندا قايتا ئەسكەرتىپ ‹‹ئامرىكا -ياپونىيە بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلىش شەرتنامىسى››نىڭ دىياۋيۈ ئارىلغىمۇ ئوخشاشلا كۈچكە ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.
بىراق ‹‹ئەگەر جۇڭگو دىياۋيۈ ئارىلغا قارىتا ھەربىي ھۇجۇم قوزغىسا ئامرىكا ئارمىيسى بىۋاستە قاتنىشامدۇ يوق؟›› دەپ سورالغاندا ،ئوباما ھەممە قورال كۈچى ئىشىلتىلدىغان ئۇرۇشقا ئامرىكا ئارمىيسىنىڭ قاتنىشىشى ھاجەت ئەمەس دىگەن.
چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10 يېرىمدا ،ئىككى دۆلەت كاتتىباشلىرى توكيودىكى قارشى ئېلىش مىھمانخانىسدا ئۇچرىشىش ئۆتكۈزگەن.ئۇچرىشىش تىنىچ ئوكيان ھەمكارلىق تەشكىلاتى سۆھبىتى ۋە ئامرىكا -ياپونىيە ئىتتىپاقداشلىق مۇناسىۋىتنى كۈچەيتىش قاتارلىق مەسلىلەرنى چۆردەپ تەخمىنەن بىر يېرىم سائەت داۋام قىلغان.
ئامرىكا پىرىزدېنتى ئوباما ئېنىق بىلدۈرۈپ، ‹‹ئامرىكا -ياپونىيە بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلىش شەرتنامىسى››نىڭ 5-ماددىسنىڭ دىياۋيۈ ئارىلنىڭ مۇداپىئە ئىشلىرىغىمۇ كۈچگە ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن. بىراق ئۇ يەنە ئەسكەرتىپ دىياۋيۈ ئارىلنىڭ بارىلىق ھوقۇقى مەسلىسىدە ئامرىكىنىڭ مەيدانى يوقلىقىنى ئېيتقان.
ئوباما مۇخبىرلارنىڭ سۇئالىغا جاۋاب بېرۋاتقاندا بىلدۈرۈپ:‹‹مېنىڭ تەكىتلىشىم كىرەك بولغىنى دىياۋيۈ ئارىلنىڭ بارىلىق ھوقۇق مەسىلىسگە ئامرىكا ھۆكىمىتنىڭ مەيدانى يوق ،بىراق تاق تەرەپلىك ھازىرقى ئەھۋالنى ئۆزگەرتىشكە قارشى تۇرىمىز ››دىگەن.
‹‹ئامرىكا -ياپونىيە بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلىش شەرتنامىسى››نىڭ روھىغا ئاساسەن، ياپونىيەنىڭ باشقۇرۇش سىياسىتى ئاستىدا بولغان بارىلىق زىمىن ‹‹ياپونىيە-ئامرىكا بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلىش شەرتنامىسى››نىڭ ئۇيغۇن كىلىش دائىرسىدە ئىكەن.
![]() |
شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 6-كۈنى، گىرېتسىيە ئافىنا، شۇ كۈنى گىرېتسىيە پۇقرالىرى 48 سائەت ئىش تاشلاپ پېنسىيە مائاشى ئىسلاھاتىغا قارشى ئېتىراز بىلدۈردى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved