پۇتىن ئوباما بىلەن ئۇچرىشىدۇ

دۇنيادىكى نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ باشلىقلىرى 6-ئىيۇن تەكلىپكە بىنائەت فىرانسىيەدە ئۆتكۈزۈلىدىغان ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىكى ئاچقۇچلۇق ئۇرۇش نورماند قۇرۇقلۇققا چىقىش ئۇرۇشىنىڭ 70 يىللىقىنى خاتىرلەش مۇراسىمىغا قاتنىشىدۇ. ئوكرائىنا كىرزىسى تۈپەيلى ياۋروپا ۋە ئامېرىكا بىلەن ئازارلىشىپ قالغان رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىنمۇ بۇ پائالىيەتكە قاتنىشىدۇ، نۇرغۇن تاراتقۇلار: ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما خاتىرلەش پائالىيىتى بولغان شۇ كۈنى كونا رەقىبى پۇتىن بىلەن قانداق ئۇچرىشار دەپ قىياس قىلماقتا.

 


ئامېرىكىدا چىقىدىغان «ۋاشىنگۇتۇن ۋاقىت گېزىتى»دە 1-ئىيۇن: ئوباما بىلەن پۇتىننىڭ مۇشۇ ھەپتە ئۇچرىشىش پىلانى يوق دېيىلدى، قىرىم رۇسىيەگە قوشۇۋېتىلگەندىن كېيىن گەرچە ئوباما بىلەن پۇتىننىڭ ئۇچرىشىش پۇرسىتى بولمىغان بولسىمۇ ئەمما بۇ ئىككىسى تىركىشىشنى توختاتمىدى، 2-ئىيۇن كەچتە ئوباما ياۋروپاغا 4 كۈنلۈك سەپەرگە ئاتلاندى، ئۇ نۇرماند قۇرۇقلۇققا چىقىش ئۇرۇشىنى خاتىرلەش پائالىيىتىگە قاتنىشىشتىن بۇرۇن پولشا ۋە ئوكرائىنادا زىيارەتتە بولىدۇ ھەمدە بىلگىيەدە 7 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلىرى يىغىنىغا قاتنىشىدۇ، بۇ سەپەر ئورۇنلاشتۇرۇشى ھەققىدە تاراتقۇلار: ئوباما پۇتىنغا مۇش پۇلاڭلىتىۋاتىدۇ، بۇنىڭدىن مەقسەت ــ ياۋروپا دۆلەتلىرى رەھبەرلىرىنى رۇسىيەگە داۋاملىق بېسىم ئىشلىتىشكە دەۋەت قىلىش دېدى.


ۋاشىنۇتۇن ۋاقىت گېزىتىدە مۇنداق دېيىلدى: ئوباما 5-ئىيۇن پارىژغا يېتىپ بارىدۇ، ئۇنىڭ بۇ سەپىرى پۇتىن بىلەن ئۆتۈشمە شەكىللەندۈرىدۇ، ئەمما ئىككىسىنىڭ سەپەر ئورۇنلاشتۇرۇشىغا قارىتا تاراتقۇلاردا« بىر تۈز سىزىقتا مەڭگۈ ئۇچراشماسلىق»،«ھوللاندى بەك ئالدىراش» دېگەندەك ماقالىلار بېرىلدى، ئەسلى ئىككىسى شۇ كۈنى كەچتە فىرانسىيە زۇڭتۇڭى ھوللاندىنىڭ كەچلىك تاماق زىياپىتى تەكلىپىنى تاپشۇرۇپ ئالغان، ئەمما ئاقساراي: بۇ ئۈچىنىڭ بىر ئۈستەلدە غىزالىنىشى مۇمكىن ئەمەس دېدى.

 

بۇ ھوللاندىنىڭ بۇ ئىككى مېھمان بىلەن ئايرىم ئايرىم كۆرۈشىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ، ئاقساراينىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكى مەسلىھەتچىسى روس ئىسپاتلاپ مۇنداق دېدى: زۇڭتۇڭ ھوللاندى شۇ كۈنى كەچتە ئاز دېگەندە ئىككى قېتىم تاماقتا بولىدۇ، پۇتىن ئۈچۈن ئېلىپ ئېيتقاندا بۇ كەچلىك تاماق ئالاھىدە، ئوكرائىنا كىرزىسى پارتلىغاندىن بۇيان بۇ ئۇنىڭ غەرب دۆلەتلىرى رەھبىرى بىلەن تۇنجى قېتىم كۆرۈشىشى، ئاقساراي مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئوباما رۇسىيەنى يىتىم قالدۇرۇش تىرىشچانلىقىدىن ئەزەلدىن ۋاز كەچمىدى، ئەمما باشقا دۆلەتلەرنىڭ قانداق قىلىشىنى بىرنېمە دېگىلى بولمايدۇ.


6-ئىيۇندىكى خاتىرلەش پائالىيىتىدە ئوباما بىلەن پۇتىن ئاران بىر قېتىم ئۇچرىشىدۇ، تاراتقۇلار: ئوباما پۇتىن بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشمەي ئامال يوق دەپ پەرەز قىلدى، بۇنىڭغا قارىتا رۇس مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئۇلار ئوخشاش بىر سورۇنغا چىققانلىقتىن چوقۇم بىر بىرىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ، ئەنگىلىيەدە چىقىدىغان« كۈندۈلۈك پوچتا » گېزىتىدە مۇنداق دېيىلدى: پادىشاھ ۋارىسى چارلىس خاتىرلەش پائاليىتىدە پۇتىن بىلەن ئۇچراشقاندا بىئەپ ھىس قىلىشى تۇرغانلا گەپ، چارلىس 5-ئاينىڭ ئاخىرىدا كانادادا زىيارەتتە بولغاندا بەزى ناموۋاپىق گەپلەرنى قىلىپ، پۇتىننى گېتلىرگە ئوخشاتقان، بۇ رۇسيەنى بەك نارازى قىلغان ئىدى.


ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقى 2-ئىيۇن مۇنداق دېدى: گەرچە رۇسىيە بەزى مەسىلىلەردە يول قويغان بولسىمۇ ئەمما بۇ دۆلەتنىڭ ياۋروپا ئامېرىكا دۆلەتلىرى بىلەن بولغان جىددىي مۇناسىۋىتى پەسەيمىدى، ئەمما پۇتىن بىلەن ياۋروپا ئامېرىكا رەھبەرلىرى نورماند خاتىرلەش پائالىيىتىگە بىرلىكتە قاتنىشىپ، فىرانسىيە زۇڭتۇڭى بىلەن كەچلىك غىزادا بىرگە بولىدۇ، بۇنى تاراتقۇلار خاتا ھىس قىلىپ: غەرپ ئەللىرى بىلەن رۇسىيە تىنچ يارىشىدۇ دېدى.

 

ئامېرىكىنىڭ ئوكرائىنادا تۇرۇشلۇق سابىق باش ئەلچىسى پىفو مۇنداق دېدى: پۇتىن گەرچە 8 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلالمىغان بولسىمۇ ئەمما كۆپچىلىك بىلەن بىللە نورماند خاتىرە پائالىيىتىگە بارىدىغان ئىش بولسا بۇ رۇسىيەگە قارىتىلغان يىتىم قالدۇرۇش ئۈنۈمىنى چوقۇم ئاجىزلاشتۇرىدۇ. ياۋروپادىكى بەزى ئالىملار مۇنداق دەپ قارىدى: گەرچە پۇتىننىڭ خاتىرلەش پائالىيىتىگە قاتنىشىشى يوللۇق بولسىمۇ ئەمما ئۇنىڭ قاتنىشىشى پائالىيەتكە بىر قارا كۆلەڭگە پەيدا قىلىدۇ، ئۇنىڭ ياۋروپا، ئامېرىكا رەھبەرلىرى بىلەن بولۇپمۇ ئوباما بىلەن كۆرۈشىشى ھەممىنىڭ دېققەت ئېتىبارىنى قوزغايدۇ.


ئامېرىكىدا چىقىدىغان« ھېفىندۈن پوچتا گېزىتى»دا مۇنداق دېيىلدى: نورماند قۇرۇلۇققا چىقىش ئۇرۇشى خاتىرە كۈنىدىن ئىبارەت بۇ چوڭ تىپتىكى خەلقئارالىق پائالىيەت ھەمىشە رەقىپلەر يىغىلىشى بولىدۇ، ئوباما 2009-يىلى ئامېرىكا قىتئەسى باشلىقلار يىغىنىدا شۇ چاغدىكى ۋېنسۇئىلا زۇڭتۇڭى چاۋىس بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشكەن، 2013-يىلى جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ سابىق زۇڭتۇڭى ماندىلانىڭ تەزىيە مۇراسىمىدا كۇبا رەھبىرى لائور كاستىرو بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشكەن ئىدى.



خەتكۈچلەر:
04-06-2014
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
11-06-2016
جۇڭگو خەۋەر تورىنىڭ 6-ئاينىڭ 10-كۈنىدىكى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى،     ئامېرىكىنىڭ قاتاردا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى دانا سىچېل (Dana Schell) شۇ جاي ۋاقتى 9-چىسلا ئامېرىكا ئەسكىرىنىڭ قاتارنى ھاقارەتلەش قى...
11-06-2016
جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 10-ئىيۇن بېيجىڭ خەۋىرى:    ئارگېنتىنا دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى 9-ئىيۇن ئاخبارات ئېلان قىلىپ، مالۋىناس تاقىم ئاراللىرىغا بولغان ئىگىلىك ھوقۇقىنى قايتا تەكىتلىدى ھەمدە ئەنگلىيەنىڭ بۇ ئارالنىڭ تەۋە...
11-06-2016
   شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئامېرىكا تېكساس شىتاتى، ئامېرىكا ساقچىلىرى داللاستىكى love field ئايرودرومىدا قولىدا تاش كۆتۈرۈۋالغان ئەرگە كەينى-كەينىدىن توققۇز پاي ئوق ئېتىپ يەرگە يېقىتىپ، نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ...
11-06-2016
   شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئامېرىكا تېكساس شىتاتى، ئامېرىكا ساقچىلىرى داللاستىكى love field ئايرودرومىدا قولىدا تاش كۆتۈرۈۋالغان ئەرگە كەينى-كەينىدىن توققۇز پاي ئوق ئېتىپ يەرگە يېقىتىپ، نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ...
11-06-2016
    شۇ يەر ۋاقتى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، پاكىستان ھەيدەرئاباد، شۇ كۈنى پاكىستاننىڭ نۇرغۇن جايلىرىدا ئامېرىكىغا قارشى كۈچ كۆرسىتىش نامايىشى پارتلىغان بولۇپ، پاكىستان پۇقرالىرى ئامېرىكا دۆلەت بايرىقىنى كۆيدۈرۈپ، ئامېرىكىنىڭ پاكىستاندا ...
11-06-2016
شىنخۇا تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     شۇ جاي ۋاقتى 6- ئاينىڭ 10- كۈنى پاكىستاننىڭ سېند ئۆلكىسىنىڭ كاراچى شەھىرىدىكى بىر مەسچىتنىڭ چوڭ سايۋىنى ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ، بەش ئادەمنىڭ قازا قىلىشى ۋە ...
11-06-2016
پايدىلىنىش ئۇچۇرلىرى تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ يىللاردا مېكسىكا ئارقىلىق ئامېرىكىنىڭ كالىفورنىيە شىتاتىغا كىرىدىغان جۇڭگولۇق قانۇنسىز كۆچمەنلەر شىد...
11-06-2016
شىنخۇا تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى زاخاروۋا شۇ جاي ۋاقتى 10- ئىيۇن مۇنداق دېگەن: رۇسىيە ئۈچىنچى بىر تەرەپنىڭ جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسىگە قول تىقىشىنىڭ ۋەزىي...
10-06-2016
    شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 9-كۈنى، كامبودژا فنوم پېن، شۇ جايدىكى كەنت ئاھالىلىرى يۈزىگە چىرايلىق ھەم قېنىق پەرداز قىلىپ، جىن-شاياتۇنلارنى قوغلاش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم ئاغرىق-سىلاقتىن يىراق تۇرۇشىنى شۇنداقلا مول-ھوسۇل...
30-05-2016
شىنخۇا تورى 23- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     سەئۇدى ئەرەبىستان دۆلەتلىك نېفىت شىركىتى نەچچە كۈن ئىلگىرى يىللىق دوكلات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېگەن: 2015- يىلى سەئۇدى ئەرەبسىتان ئاسىيا قىتئەسىدىكى دۆلەتلە...
Powered by Leglek