مۇنداق بەش خىل ئىش سالامەتلىكىڭىزگە تەھدىت سالىدۇ

39 سالامەتلىك تورى خەۋىرى ،لەگلەك تورى تەرجىمىسى .

ھازىر خىزمەت ئېھتىياجى ۋە تۇرمۇش بېسىمىنىڭ تېز سۈرەتتى ئېشىشى بىلەن ،كىشىلەر خىزمەتنى دەپلا چېنىقىشنى تاشلاپ قۇيىدىغان ھالەت شەكىللىنىپ قالدى . بەزىلەر ئۆي ئىشلىرىنى قىلىشنى بەدەن چېنىقتۇرغانلىق بىلەن باراۋەر دەپ قارايدۇ . ئەمەلىيەتتە بولسا ،بەزى تۈردىكى ئۆي ئىشلىرى بەدەن چېنىقتۇرۇشقا پايدىسىز بۇلۇپ قالماستىن ،يەنە سىزنىڭ سالامەتلىكىڭىزگە تەھدىت ئېلىپ كېلىدۇ . تەتقىق قىلىنىشىچە مۇنداق بەش خىل ئۆي ئىشىنى قىلىش ئۇسۇلى سىزنىڭ سالامەتلىكىڭىزگە ئېغىر دەرىجىدە زىيان سالىدىكەن .

 


1.بۇلۇتلۇق نەرسىنى ئىشلىتىش

 


نيۇيورك ئۇنۋېرستىتىنىڭ مىكرو ئورگانىزم ئىلمىنىڭ تەتقىقاتچىسى ۋەئىممۇنولوگىيە ئىلمى تەتقىقاتچىسى مۇنداق دەيدۇ :‹ ئەمەلىيەتتە ئاشخانا ئائىلىدىكى ئەڭ مەينەت جاي،چۈنكى بىز ئاشخانىدا ئۆلگەن جانلىقنىڭ (كۆكتات ،ۋە گۆش ) جەسىتىنى بىر تەرەپ قىلىمىز ›. خام گۆشتە چوڭ ئۈچەي سالمونېللا باكتېرىيىسى ،ۋىرۇس ۋە مىكروب ھەر ۋاقىت بىللە بولىدۇ .
ھازىرقى ئائىلە ۋە رېستوران ئاشخانىسىدا ئەڭ ئاسان تاپقىلى بولىدىغىنى بۇلۇت ، كۆپىنچە كىشىلەر تاماق يەپ بولغاندىن كېيىن قاچىنى بۇلۇتلۇق دەسمال بىلەن يۇيۇشنى ياخشى كۆرىدۇ .قاچا يۇيۇش سۇيۇقلىقىدىن باشقا ، ئاشخانىدىكى ھەر بىر بۇلۇتلۇق ئەسۋاب چوڭ ئۈچەي ئېشېرىخىيە باكتېرىيىسىنى ئېلىپ يۈرۈيدۇ ،بەلكىم بۇ ئاشخانىڭىزدىكى ئەڭ مەينەت نەرسە بۇلىشى مۇمكىن .سىز بۇلۇتلۇق دەسمالنى قانچە كۆپ ئىشلەتكەنسىرى ،باكتېرىيە ۋە ۋىروسلارنىڭ زىيانكەشلىكىگە شۇنچە كۆپ ئۇچرايسىز .

 


2.چاڭ-توزان سۈمۈرگۈچ

 


چاڭ -توزان سۈمۈرگۈچى ئىشلىتىشتىكى مەقسەت چوڭ دانچىلىك چاڭ-توزانلارنى سۈمۈرتۈش ،يەنى بىز كۆز ئارقىلىق كۆرەلەيدىغان ھاۋادا لەيلەپ قالغان چاڭ توزانلارنى سۈمۈرتۈش . بىراق كىچىك دانچىلىق ،كۆز بىلەن كۆرۈش قىيىن بولغان چاڭ توزانلار يەنىلا ھاۋادا لەيلەپ يۈرۈيدۇ . بىز چاڭ -توزان سۈمۈرگۈچىنى ئىشلەتكەن ۋاقتىمىزدا ،گەرچە چاڭ توزانلار سۈمۈرۈلگەندەك ھاۋا ساپلاشسىمۇ ، بىراق كىچىك دانچىدىكى چاڭ-توزانلارنىڭ مىقدارى ئېشىپ كېتىدۇ .
ئىشخانىدىكى چاڭ -توزانلارنى سەزگۈرلۈك مەنبەسى دەپ قاراشقا بولىدۇ ، چاڭ توزان دانچىلىرىنىڭ قۇيۇقلىقى يۇقىرى پەللىگە يەتكەندە ،ئۇنىڭ تەركىبىدىكى مىكروبلار كۈچىيىدۇ .چاڭ توزان سۈمۈرگۈچ ئىشلىتىلىۋارتقاندا ،چاڭ توزان دانچىلىرى ھاۋاغا تارقىلىپ سىڭىپ كېتىدۇ ،ئىشلىتىشتىن توختىغاندا بولسا يەنىلا ئەسلىدىكى ئورنىغا ا قايتىدۇ .

 


3.ياستۇق ۋە كارىۋات سېلىنچىسى

 


نورمال ئادەملەر ھەر سائەتتە 1مىليون 500مىڭ دانە تېرە ھۈجەيرىسىنى چۈشۈرىدۇ ،ھېچقانداق جىددىي ھەرىكەت قىلمىغان ئەھۋال ئاستىدىمۇ تەر ئاجرىلىپ چىقىدۇ ،چۈشكەن تېرە ھۈجەيرىسى ياستۇق ۋى كارىۋات سېلىنچىسىغا يىغىلىپ قالىدۇ .چۈشكەن چاچ ،كېپەك ، ئۆلگەن تېرە ھۈجەيرىسى ،قاتارلىق مىكروبلارمۇ تەڭ يىغىلىپ قالىدۇ . بەلكىم سىز ئۇخلاۋاتقان ۋاقتىڭىزدا شۇ باكتېرىيلەرنى سۈمۈرۋالغان بۇلىشىڭىز مۇمكىن .

 


4.قىزىتىپ پىشۇرۇش ،قورۇش .

 


ھەر يىلى يازدا بىز سىرتتا كاۋاپ پىشۇرىۋاتقانلارنى ئۇچرىتىپ تۇرالايمىز .ئەمەلىيەتتە شۇنىڭغا ئوخشاش كاۋاپ قىلى x,jorux قاتارلىق ئۆي ئىشلىرىغا راك پەيدا قىلغۇچى باكتېرىيىلەر يۇشۇرۇنغان بولىدۇ .بىز شۇ مەزىلىك كاۋاپ ۋە كاۋاپ قورۇمىسىنى ئىستىمال قىلىۋاتقاندا ،ئوخشاشلا سالامەتلىكىمىزگە تەھدىت ئېلىپ كېلىۋاتقان بولىمىز .

 

 

5. دېرىزىنى ئېچىپ ھاۋا ئالماشتۇرۇش

 

 

 بۇنىڭدىن باشقا ھاۋا ياخشى كۈنلەردە ،نۇرغۇن كىشىلەر دېرىزىنى ئېچىۋېتىپ ساپ ھاۋادىن نەپەسلىنىشنى ياخشى كۆرىدۇ ،بىراق بەزى سەزگۈرلىكى يۇقىرى كىشلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا بۇ بىرخىل تەھدىت بۇلىشى مۇمكىن .بزى  ساپ دەپ  قارىغان ھاۋادا  نۇرغۇن  مىكروپ  ۋە  باكتىرىيەلەر  ساقلانغان   بۇلۇشى مۇمكىن .
بىراق بۇنىڭلىق بىلەن سىز تۇرمۇشىڭزىدا باكتېرىيە بىلەنلا بىرگە يۈرىدىكەنمەن دەپ ئۈمۈتسىزلىنىشىڭىزنىڭ ئورنى يوق . ئەمەلىي تۇرمۇشتا تازىلىققا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىش لازىم ،يەنى يېمەكلىكىنى تۇتۇش ۋە يېيىشتىن بۇرۇن چوقۇم قولنى يۇيۇش ،،بۇ ئارقىلىق يېمەكلىكنىڭ باكتىريىلىنىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ .يېمەكلىكلەرنى مۇۋاپىق تېمپۇراتىرادا ساقلاش ،يېمەكلىكلەرنى سوغۇق ساقلىغاندا ياز كۈنى 5سېلسىيە گىرادۇس ئەتراپىدا ،قىش كۈنى نۆلدىن تۆۋەن 18سېلسىيە گىرادۇس ئەتراپىدا بولسا ئەڭ مۇۋاپىق . كۆپرەك بەدەن چېنىقتۇرۇش، روھى جەھەتتىن خاتىرجەم بولۇش، شەخسى تازىلىققا ئەھمىيەت بېرىش، تۈ غرا تۇرمۇش ئادىتى ۋە ئوزۇقلىنىش ئادىتىنى يىتىلىدۈرۈشمۇ ئىنتايىن مۇھىم .

 


لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قۇشىۋېلىڭ ،ئىزدەش نومۇرى :
LEGLEK



خەتكۈچلەر:
14-04-2014
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
27-05-2016
  بالىلار نېمە سەۋەبتىن ‹‹ياغاچ قۇلاق›› بولۇپ قالىدۇ مەريەمگۈل ئىمىت      بىر قىسىم ئاتا–ئانىلار بالىلىرىنى ‹‹گەپ ئاڭلىمايدىغان›› بولۇپ قالدى دەپ قاقشاپلا يۈرىدۇ. بەزى ئاتا–ئانىلار ئەتىدى...
27-05-2016
    باش قاشلاش: بەزىلەر تىرنىقى بىلەن بېشىنى قاشلاشنى، بېشىنى يۇيغاندا تىرنىقى بىلەن قالايمىقان ئۇۋۇلاشنى ياخشى كۆرىدۇ. بۇنداق قىلغاندا ئاسانلا باش تېرىسىدە يارا پەيدا بولىدۇ–دە، چاچنىڭ ساغلام ئۆسۈشىگە دەخلى يەتكۈزۈپ، چاچ چۈشۈش...
27-05-2016
    ۋىتامىن C: ۋىتامىن C قاندىكى قەنت ۋە سۈيدۈكتىكى قەنت بىلەن خىمىيەلىك رېئاكسىيەلىشىپ مىقدارىنى تۆۋەنلىۋېتىدۇ. شۇڭا ئادەتتە ۋىتامىن C يەيدىغانلار سۈيدۈك تەكشۈرتۈشنى قوبۇل قىلىشتىن ئۈچ كۈن بۇرۇن دورا يېيىشنى توختىشىشى لاز...
27-05-2016
   فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئەنگلىيە ھەپتىلىك گېزىتى ئېلان قىلغان تەتقىقاتتا ئېيتىلىشىچە، 2008-يىلىدىكى پۇل-مۇئامىلە كىرىزىسى ئىشسىزلىق نىسبىتىنىڭ ئۆرلىشى ۋە داۋالىنىش سۇغۇرتىسى خامچوتىنىڭ كېمىيى...
27-05-2016
نۇر تورى تەرجىمىسى:      ئەمەلىي تۇرمۇشتا، نۇرغۇن ئائىلىلەر تاماق يېگەندە چوكىنى ئارىلاشتۇرۇپ ئىشلىتىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە چوكىنى يۇيۇپ تازىلاش ئۇسۇلىمۇ توغرا ئەمەس، ئەگەر بۇنداق چوكىنى ئۇزاق مۇددەت ئىشلەتكەندە، ئاسانلا ...
27-05-2016
 ئامېرىكا ئوخايو شىتاتى ئاكرون شەھىرى، ئامېرىكىلىق ئايال Sarah Thistlethwaite يەككە باش سۈيىدە بىرلىكتە قول تۇتۇشۇپ تۇرغان قوشكېزەك يەڭگىگەن بولۇپ، قوشكېزەكلەر ئانىسى ھامىلىدار بولغان مەزگىلدە بىر باش سۈيى پەردىسى ۋە بالا ھەمرىيىدىن...
26-05-2016
    جېيسېن قىز دوستى تەىپىدىن تاشلىۋېتىلگەندىن كېيىن مۇۋەپپەقىيەتلىك ئورۇقلاپ، يېڭى قىز دوستى بىلەن بىر كونا شىمنى بىللە كىيمەكتە     پايدىلىنىش خەۋەرلىرى تورىنىڭ 26-چېسلادىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئەنگلىيەدە Jaso...
26-05-2016
    خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بۈگۈن، جەنۇب ئاۋىياتسىيە گۇرۇھى شىركىتى، دۆلەت سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى، خەلق ئاۋىياتسىيە باشقۇرۇش ئىدارىسى، ئالاقىدار داۋالاش ئورۇنلىرى قاتار...
26-05-2016
     شىنجاڭ تورى خەۋىرى، ئايالى بىلەن ئۈرۈمچىدە رېستوران ئاچىدىغان جاڭ يۈيوڭ، يېقىندا 6 ياشلىق قىزىنى شەندۇڭغا ئېلىپ بېرىپ داۋالاتماقچى بولدى، بىراق داۋالاش ھەققىنىڭ ئاتچوت قىلىنماسلىقىدىن ئەنسىرىدى. 5-ئاينىڭ 25-كۈنى،...
26-05-2016
نۇر تورى تەرجىمىسى:    ساغلام ئادەملەرنىڭ تىرنىقى پارقىراق، سىلىق، تەكشى، يېرىم سۈزۈك ۋە مەلۇم دەرىجىدە يايسىمان بولىدۇ، ھەمدە تەكشى سۇس قىزىل رەڭدە بولىدۇ. لېكىن، سىزنىڭ تىرنىقىڭىزدا تۆۋەندىكىدەك ھالەتلەر كۆرۈلسە، چوقۇم ...
Powered by Leglek