خەلقئارا ئالتۇن باھاسى 2015- يىلىمۇ چۈشۈش يۆلىنىشىنى ساقلىدى. 1- ئايدىكى باسقۇچلۇق قاڭقىشمۇ پەقەت قىسقا ۋاقىتلىق ئىش بولۇپ قالدى، 1- ئاينىڭ 22- كۈنى ھەر ئۇنسىيە نەق ئالتۇننىڭ باھاسى 1308.71 دوللارغا چىققان بولۇپ، بۇ ھەم لوندون ئالتۇن بازىرىدا بارلىققا كەلگەن ئەڭ يۇقىرى نۇقتا بولۇپ قالغان ئىدى. ئەمما شۇنىڭدىن كېيىن ئالتۇن باھاسى ئىزچىل چۈشۈش يۈزلۈنىشى ساقلاپ، 12- ئاي كىرگەندىن كېيىن ھەر ئۇنسىيە ئالتۇننىڭ باھاسى 1050 دوللارغا چۈشۈپ قالدى. نۆۋەتتە خەلقئارا ئالتۇن باھاسى ئاساسى جەھەتتىن 1050~1100 دوللار ئارىلىقىدا بولىۋاتىدۇ.
ئامېرىكىلىق بانكىر جېن پورپېنت مورگان، گۈللەندۈرۈش بانكىسى، گوللاندىيە بانكىسىمۇ كېلەر يىلى خەلقئارا ئالتۇن باھاسىنىڭ 1000 دوللارلىق ئۆتكەلنى ساقلاپ قېلىشىنىڭ تەسلىكىنى، يىللىق ئوتتۇرچە باھانىڭ 2015- يىلدىكىگە قارىغاندا تېخىمۇ تۆۋەنلەپ كېتىدىغانلىقىنى مۆلچەرلىگەن. گوللاندىيە بانكىسى ھەتتا 2016- يىلى 4- پەسىلدە ئالتۇن باھاسىنىڭ 800 دوللارلىق سەۋىيىگە چۈشۈپ قالىدىغانلىقىغا كەسكىن ھۆكۈم قىلغان.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved