بەزى كىشلەر ئۇسسۇزلۇق ئىچكەچ كومپيۇتېر مەشغۇلاتى بىلەن شۇغۇللىنىشنى ياخشى كۆرىدۇ.ئەمەلىيەتتە بۇ خىل ئۇسۇل توغرا ئەمەس. چۈنكى كومپيۇتېر قوزغىتىلغان ھالەتتە كومپيۇتېر يېنىغا قويۇلغان ئىچىملىك ۋە باشقا ...
بەزى كىشلەر ئۇسسۇزلۇق ئىچكەچ كومپيۇتېر مەشغۇلاتى بىلەن شۇغۇللىنىشنى ياخشى كۆرىدۇ.
ئەمەلىيەتتە بۇ خىل ئۇسۇل توغرا ئەمەس. چۈنكى كومپيۇتېر قوزغىتىلغان ھالەتتە كومپيۇتېر يېنىغا قويۇلغان ئىچىملىك ۋە باشقا يېمەكلىكلەر كومپيۇتېر پەيدا قىلغان ئېلېكتىرو ئىستاتىكنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ، تېخىمۇ كۆپ چاڭ-توزانلارنى، ھەتتا باكتېرىيە، ۋىرۇس قاتارلىقلارنىمۇ ئۆزىگە سۈمۈرۈۋالىدۇ.
ئادەتتە كومپيۇتېر ئىشلىتىش جەريانىدا ئېلېكتىرو ئىستاتىك ۋە ئىسسىقلىق مىقدارى ھاسىل قىلىدىغان بولغاچقا، كۆپ مىقداردا ھاۋادىكى چاڭ-توزان ۋە ئارىلاشما ماددىلارنى ئۆزىنىڭ ئەتراپىغا يىغىۋالىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، كومپيۇتېر ئەتراپى ئادەتتە ئاسان بۇلغىنىدىغان ئورۇنلارنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ.
ناۋادا بۇ خىل زىيانلىق ماددىلار كومپيۇتېر يېنىدىكى ئىستاكان ياكى ئىچىملىكلەر بىلەن بىرىكىپ بەدەنگە كىرسە سالامەتلىككە تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئىستاكان ۋە ئىچىملىك بوتۇلكىلىرىنى ئەڭ ياخشىسى كومپيۇتېر قاتارلىق ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرىنىڭ يېنىغا ئېغىزى ئوچۇق ھالەتتە قويۇپ قويماسلىق كېرەك.«بىلىم-كۈچ» ژۇرنىلىدىن ئېلىندى.
![]() |
بۈگۈن بېيجىڭ شەھىرى شىياۋيىڭ شىمالىي يولىدا كېتىۋاتقان 569-يول ئاممىۋى ئاپتوبۇسىدا پارتلاش يۈز بەرگەن بولۇپ، ۋەقە يۈز بەرگەندە ئاپتوبۇستا پەقەت شوپۇر ئۆزى يالغۇز ئىدى، ۋەقەدە شوپۇر يارىلانمىغان.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved