جاھان ئاگېنتلىقى 13-ئاپرېل خەۋىرى؛ لەگلەك تورى تەرجىمىسى: يەمەن پرېزىدېنتى ئابدۇرەببۇ مەنسۇر ھادى، سابىق باش مىنىستىر خالىد مۇھفۇز باھھاھنى پرېزىدېنت ياردەمىچىسى قىلىپ تەيىنلىدى. پرېزىدېنتقا يېقىن ئورۇنلاردىن ئېرىشكەن مەلۇماتقا ئاساسلانغاندا، ھادى باھھاھنى پرېزىدېنت ياردەمچىسى قىلىپ ۋەزىپىگە قويغان، باھھاھ پرېزىدېنت ياردەمچىسى ۋە باش مىنىستىرلىك ۋەزىپىسىنى بىرلىكتە ئۆتەيدۇ، باھھاھ سەئۇدى ئەرەبىستاندا پرېزىدېنت باھھاھنىڭ ئالدىدا قەسەم بېرىپ ۋەزىپىنى تاپشۇرۋالدى.
يەمەندە ئەنسارۇللاھ ھەرىكىتى «ھۇسىيلەر» ۋە پرېزىدېنت مەنسۇر ھادى تەرەپدارى كۈچلىرى ئارىسىدىكى تۇقۇنۇشلار بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستان رەھبەرلىكىدىكى بىرلەشمە ئىتتىپاقنىڭ ھاۋا ھۇجۇملىرى داۋاملىشىۋاتىدۇ. مارىب رايۇنىدا ھۇسىيلەر بىلەن قەبىلە دائىرلىرى ئارىىسدا يۈز بەرگەن تۇقۇنۇشتا 32 كىشى ئۆلدى. سەئۇدى ئەرەبىستان باشچىلىقىدىكى ئىتتىپاق ئايرۇپىلانلىرى سانانىڭ شىمالى ۋە غەربىدە ۋە مارىب، شەبۋە رايۇنلىرىدا ھۇسىيلەرگە تەۋە ھەربىي نىشانلارغا زەربە بەردى،
![]() |
شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 6-كۈنى، گىرېتسىيە ئافىنا، شۇ كۈنى گىرېتسىيە پۇقرالىرى 48 سائەت ئىش تاشلاپ پېنسىيە مائاشى ئىسلاھاتىغا قارشى ئېتىراز بىلدۈردى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved