تېلېۋىزورنىڭ سۈرەت لامپىسى تېلېۋىزور دېتاللىرى ئىچىدىكى مۇھىم بۆلىكى بولۇپ، ئۇنىڭ ئىشلەش ۋاقتى تېلېۋىزورنىڭ ئىشلەش ۋاقتىنى بەلگىلەيدۇ. تۆۋەندە مەن تېلېۋىزورنىڭ سۈرەت لامپىسىنى ئاسراشتا ئالاھىدە دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار توغرىسىدىكى قارىشىمنى كۆپچىلىك بىلەن ئورتاقلىشاي:
1. تەۋرىنىش ۋە سوقۇلۇشتىن ساقلىنىش. سۈرەت لامپىسى قاتتىق تەۋرىنىپ كەتسە ياكى سوقۇلسا بۇزۇلۇشى مۇمكىن. تەۋرىنىش ۋە سوقۇلۇش كۈچلۈك بولمىسىمۇ، لېكىن سۈرەت لامپىسىنىڭ ئىچكى قۇرۇلمىسى بوشاپ كېتىپ، تېگىشىشى ئۆلچەملىك بولماسلىق سەۋەبىدىن، ئۇچقۇن چىقىپ، سۈرەت لامپىسىنىڭ ئىشلەش ۋاقتى قىسقىراپ كېتىشى مۇمكىن.
2. سۈرەت لامپىسىغا كۈچلۈك نۇر بىۋاسىتە چۈشمەسلىكى كېرەك. ئەگەر سۈرەت لامپىسىغا كۈچلۈك نۇر بىۋاسىتە چۈشسە، تېلېۋىزور ئېكرانىدىكى يالتىراتقۇچ ئىقتىدارىنى يوقىتىپ، سۈرەت لامپىسىنىڭ كۆرسىتىش ئۈنۈمى تۆۋەنلەپ كېتىدۇ.
3. سۈرەت لامپىسى قىل سىمىنىڭ بەلگىلىك يېنىپ – ئۆچۈش ۋاقتى بولىدۇ. تېلېۋىزورنى ھەر قېتىم ئاچقاندا قىل سىم ئېلېكتىر ئېقىمىنىڭ زەربىسىگە ئۇچرايدۇ. بۇ زەربە قېتىم سانى مەلۇم سانغا يەتكەندە، قىل سىم كونىراپ ئۈزۈلۈپ، سۈرەت لامپىسى كاردىن چىقىدۇ. شۇڭا، تېلېۋىزورنى ئېچىش – ئۆچۈرۈش قېتىم سانى ئىمكانقەدەر ئاز بولۇشى كېرەك. تېلېۋىزورنى كەينى – كەينىدىن ئېچىپ – ئۆچۈرگەندىمۇ سۈرەت لامپىسىغا كۈچلۈك تەسىر كۆرسىتىدۇ. سۈرەت لامپىسىنىڭ قىل سىمىنىڭ تېلېۋىزورنى ئاچمىغان ۋاقىتتىكى قارشىلىقى نورمال ئىشلىگەن ۋاقىتتىكى قارشىلىقىغا قارىغاندا كىچىك بولىدۇ. ئەگەر، قىسقا ۋاقىت ئىچىدە تېلېۋىزور كەينى – كەينىدىن ئېچىپ – ئۆچۈرۈلسە، سۈرەت لامپىسىنىڭ قىل سىمى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە تەكرار زەربىگە ئۇچراپ، ئۇپرىشى ئېغىر بولىدۇ، ھەتتا ئۈزۈلۈپ كېتىدۇ. تېلېۋىزورنىڭ مەنبە قىسمىدىكى يۇقىرى سىغىمچانلىقتىكى كوندىنساتور زەرەت قويۇپ بېرىپلا، ئارقىدىنلا مەنبە تولۇقلاشقا ئۈلگۈرەلمەي، باشقا زاپچاسلارنىڭ بۇزۇلۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. شۇڭا، تېلېۋىزورنى توك مەنبەسىگە چاتقۇچى باشمۇ چىڭ چېتىلىشى، تېلېۋىزورنى ئېچىپ – ئۆچۈرۈش مەشغۇلاتى چاتقۇچى باش ئارقىلىق ئەمەس، تېلېۋىزورنىڭ توك مەنبە ۋىكلىيوچاتىلى ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلىشى كېرەك.
4. سۈرەت لامپىسى كاتود قۇتۇبىنىڭ ۋە ئېكراندىكى يالتىراتقۇچنىڭ تېز كونىراپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن، تېلېۋىزور كۆرگەندە يورۇقلۇق دەرىجىسىنى يۇقىرى تەڭشىۋەتمەسلىك كېرەك.
5. تېلېۋىزور كۆرۈۋاتقاندا ئېكراندىكى سۈرەت تۇيۇقسىز ئۆچۈپ تۈز ياكى تىك يۆنىلىشتىكى بىر تال يورۇق سىزىق ياكى يورۇق بەلباغ ھاسىل بولۇپ قالسا، تېلېۋىزورنى دەرھال ئۆچۈرۈۋېتىش كېرەك. بولمىسا سۈرەت لامپىسى كۆيۈپ كېتىشى مۇمكىن.
6. تېلېۋىزورنى ئۆچۈرگەندە ئېكراندا يورۇق چېكىت پەيدا بولسا رېمونت قىلدۇرۇش كېرەك. بولمىسا ئېكراننىڭ چېكىت پەيدا بولغان ئورنى قارىداپ قالىدۇ. تېلېۋىزورنى نەملىكتىن ساقلاش كېرەك. سۈرەت لامپىسى نەملىشىپ قالسا، ئۇنىڭ قېپى داتلىشىپ، سۈرەت لامپىسىنىڭ ھىملىقىغا تەسىر يېتىپ، ئىشلەش ۋاقتى قىسقىراپ كېتىدۇ. سوغۇق پەسىللەردە تېلېۋىزورنى سىرتتىن ئۆيگە ئەكىرىپلا توكقا ئۇلاپ قويماسلىق، تېلېۋىزورنى ئۆچۈرۈپلا نەم لاتا بىلەن ئېكراننى سۈرتمەسلىك كېرەك.
![]() |
شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 4-ئاينىڭ 27-كۈنى، ياپونىيە توكيو، ياپونىيە پادىشاھ ئائىلىسى ئاكاساكا ئوردىسىنىڭ باغچىسىدا ئەتىيازلىق باغچا كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved