يەر شارى تورى 18-مارت خەۋىرى (ئوكيان تورىدىن رومانگۈل تەرجىمىسى)
ئامېرىكا تاراتقۇسى autoevolution نىڭ 17-مارتتىكى خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، بىر يۈك ئاپتوموبىلىنىڭ مۇھىتقا بولغان زىيىنى 100 پىكاپنىڭ مۇھىتقا بولغان زىيىنىدىنمۇ ئېشىپ چۈشىدىغان بولۇپ، بىز كۈندە سۈمۈرىۋاتقان ھاۋادىكى زىيانلىق دانچە ماددىلارنىڭ كۆپىنچىسىنى دىزېل مېيىلىق يۈك ئاپتوموبېلى چىقىرىدىكەن. ئەمما بۇنداق يۈك ئاپتوموبېلىنىڭ ئورنىنى ئالىدىغان باشقا نەرسە بولمىغاچقا، مۇھىتنى بۇلغايدىغان بۇ خىل ئەھۋال ۋاقتىنچە ھەل قىلىنمىغان.
گەرچە بۇرۇن بەزىلەر تۆمۈر يول ئارقىلىق يۈك ئاپتوموبېلىنى توشۇپ ئازود ئوكسېد ۋە كاربون تۆت ئوكسېدنىڭ قويۇپ بېرىلىش مىقدارىنى ئازايتىشنى ئوتتۇرىغا قويغان، ئەمما ئەمەلىيەت بۇ خىل ئۇسۇلنىڭ ئاۋارىچىلىق بولىدىغانلىقى ھەم ئىقتىسادىي جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندىمۇ قاملاشمايدىغانلىقىنى ئىسپاتلاپ بەرگەن. تېسلا شىركىتىنىڭ CEO سى Elon Musk ئادەتتىن تاشقىرى پويېزنىڭ بۇ مەسىلىنى ھەل قىلالايدىغانلىقىنى پەرەز قىلغان. بىراق كۆپلىگەن ئاساسىي قۇرۇلما ئۈسكۈنىلىرىنى قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن نۇرغۇن ۋاقىت ھەم مەبلەغ كېتىدىغان بولغاچقا، يەنىلا ھازىرقى يۈك ماشىنىسىنى ئىشلىتىشكە توغرا كەلگەن.
يېقىندا ئامېرىكا OGES شىركىتى مىننىسوتا Freedom Trucking شىركىتى بىلەن ھەمكارلىق ئورناتقان بولۇپ، Freedom Trucking شىركىتىنى لازىملىق باتارىيە بىلەن تەمىنلىمەكچى بولغان. Freedom Trucking شىركىتى ئېغىرلىقى 36 توننا كېلىدىغان توكلۇق يۈك ئاپتوموبېلىنى تەتقىق قىلىپ چىققان بولۇپ، بۇ يۈك ئاپتوموبېلىغا بىر قېتىم توك قاچىلىسىلا 400 ئىنگلىز مىلى (تەخمىنەن 644 كىلومېتىرغا باراۋەر) يول يۈرەلەيدىكەن.
بۇ شىركەتنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئەنئەنىۋىي دىزېل مېيىلىق يۈك ئاپتوموبىل بىلەن سېلىشتۇرغاندا، بۇ يۈك ئاپتوموبېلى مۇھىت ئاسراپلا قالماي، ئىشلەتكۈچى يەنە ھەر ئىنگلىز مىلىدا 0.60 ئامېرىكا دوللىرىدىن كۆپرەك پۇلنى تېجەپ قالالايدىكەن. OGES شىركىتى 2016 – يىلىنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا بۇ يۈك ئاپتوموبېلىنى ئىشلەپچىقىرىشنى پىلانلاۋېتىپتۇ.
![]() |
بۈگۈن بېيجىڭ شەھىرى شىياۋيىڭ شىمالىي يولىدا كېتىۋاتقان 569-يول ئاممىۋى ئاپتوبۇسىدا پارتلاش يۈز بەرگەن بولۇپ، ۋەقە يۈز بەرگەندە ئاپتوبۇستا پەقەت شوپۇر ئۆزى يالغۇز ئىدى، ۋەقەدە شوپۇر يارىلانمىغان.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved