تارىختىكى 22-يانۋار

1972-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، ئەنگلىيە. ئېرلاندىيە، دانىيە ۋە نورۋىگىيە ياۋروپا ئىقتىسادىي ئورتاق گەۋدىسىگە قاتناشتى. ئۇلار 10 يىللىق جاپالىق تىرىشىش ئارقىلىق كىرگەن. كېڭەيگەن ئورتاق گەۋدىدىكى نوپوس سانى ئامېرىكا ياكى سوۋىت ئىتتىپاقىدىن ئېشىپ كەتتى، سودا قىممىتى دۇنيا سودا قىممىتىنىڭ %41 نى ئىگىلىدى، مىللىي ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 700 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يەتتى.

1963-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، قاسراقلىق قوڭغۇز مۇزىكا ئەترىتى ئەنگلىيەدە داڭ چىقارغان. ئۇلارنىڭ ناخشىلىرى ئۇدا ئالتە ئاي ناخشا تىزىملىكىدە بىرىنچى بولۇپ كەلگەن، ئامېرىكىدا تەرەققىي قىلغان ۋاقتىدىمۇ، تۇنجى پىلاستىنكىسى بەش كۈندە 200 مىڭ پارچە سېتىلىپ، رېكورت ياراتقان، ئامېرىكا ناخشا رېتىنى ئەنگلىيە ناخشىسى مونۇپۇل قىلىشتەك غەيرىي ئەھۋالنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. ئۇلار روك مۇزىكىلىرىنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئورۇندىغان مۇزىكا ئەترىتى بولۇپ، تۆت چولپاندىن تەشكىللەنگەن.
1905-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، روسىيەدە ئىنقىلاب باشلانغان. 100 مىڭ ئىشچى نامايىش ئۆتكۈزگەن. ئىشچىلار ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر چار پادىشاھتىن تۇرمۇش سەۋىيىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان، بىراق چار پادىشاھ ئۇنىمىغان. ھەربىيلەرنى ئىشقا سېلىپ، نامايىشچىلارنى باستۇرغان. بۇ قىرغىنچىلىققا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن، نۇرغۇن شەھەرلەردە ئىش تاشلاش باشلىنىپ كەتكەن. دېھقانلار پومىشچىكلاردىن يېرىنى تارتىۋالغان، چار پادىشاھ توختىماي ئەسكەر ئەۋەتىپ بۇ ئىشلارنى باستۇرغان.
1561-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، فرانسىس باكون ئەنگلىيەدە ئاقسۆڭەك ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. ئۇ تۇنجى بولۇپ «بىلىم-كۈچ» دېگەن شوئارنى ئوتتۇرىغا قويغان. باكون ئوتتۇرا قەدىمىي مەزگىلدىكى ماتېرىيالىست پەلسەپىچى، كامبىرچ ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەن. 1626-يىلى ۋاپات بولغان

لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قۇشۇۋېلىڭ ئىزدەش نومۇرى :LEGLEK



خەتكۈچلەر:
22-01-2015
يازغۇچى: كاككۇك
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
06-02-2016
        ياڭ گۇيفېي ‹‹ماۋېي ئۆتىڭى ئۆزگىرىشى››دە ئۆلگەن، كونا-يېڭى ‹‹تاڭنامە›› لەردىكى ئوردا خاتىرىلىرى ياكى ئەل ئىچىدىكى يازما ھېكايە، توپلاملاردا، ھەتتا تاڭ، سۇڭ سۇلالىرىدىن كېيىنكىلەر يازغان شېئىر-نەزملەردە بولسۇن، ...
05-02-2016
  گىرمانلار تارتقان100يىل ئاۋالقى ئۇيغۇرلارنىڭ رەسىمى
05-02-2016
      10. كلوۋىس مەدەنىيىتى       مىلادىدىن بۇرۇنقى 11500 يىل بۇرۇن        شىمالىي ئامېرىكىغا جايلاشقان         بىز كلوۋىس مەدەنىيىتى توغرۇلۇق ئاساسە...
03-02-2016
    رەسىم: موسانىڭ ھەيكىلى. ئېيتىشلارغا قارىغاندا يەھۇدىي دىنىنى موسا ئىجاد قىلغان بولۇپ، ئۇ قەدىمكى تۆت چوڭ پەيغەمبەرنىڭ بىرى دەپ قارىلىدۇ.  يەتكۈچە رىيازەت چەككەن يەھۇدىيلار      مىلادىي...
28-01-2016
      23-يانۋار، خېنەن ئۆلكىسى لوياڭ شەھەرلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقى ئارخېئولوگىيەلىك تەتقىقات يۇرتى خېنەن ئۆلكىسى لوياڭ شەھىرى يىچۈەن ناھىيەسى شۈياڭ قەبرىستانلىقىدىكى بىر چوڭ تىپتىكى قەبرىنى ئارخېئولوگىيەلىك قازغان ھەمدە ق...
21-01-2016
     ئەنگلىيە كۈندىلىك پوچتا گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئارخېئولوگلار يېقىندا كېنىيەدىكى بىر لاگۇنا (قۇملۇق يانتۇلۇقلار ئارقىلىق دېڭىزدىن ئاجرىلىپ تۇرىدىغان كۆل) دا 27 دانە ئادەم جەسىتى بايقالغان. بۇ 27 دانە ئادەم جەسىتى ئى...
19-01-2016
        ئەنگلىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئالىملار يېقىندا ھىندونېزىيەنىڭ سۇلاۋېسى ئارىلىدا 118 مىڭ يىل ئىلگىرىكى تاش قورالنى بايقىغان بولۇپ، بۇ تاش قوراللار تارىختىن بۇرۇنقى پەتەك ئادەملەرگە مەنسۇپ بولۇشى م...
18-01-2016
      كىشىلەر تىلىۋېزور قاناللىرى ۋە تاراتقۇلاردا ئافغانىستانغا مۇناسىۋەتلىك خەۋەر كۆرگەندە، چوقۇم بۇ دۆلەتنىڭ ئوتتۇرا ئەسىر دەۋرىدىن تېخىمۇ قۇتۇلۇپ بولالمىغانلىقىنى ھېس قىلىدۇ. ئەنگلىيە دۆلەت مۇداپىئە ۋەزىرى ۋىليام فوكۇس ...
18-01-2016
         500 نەچچە يىلدىن بۇيان، ئېنگلاند پادىشاھى رىچاد Ⅲ نىڭ جەسىتىنىڭ ئىز-دېرىكى بولمىغانىدى. 2012-يىلى ئەنگلىيەنىڭ لېيسېستېر شەھىرىدىكى بىر ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانىدىن بىر ئىسكىلىت قېزىۋېلىندى. 2013-يىلى 2...
16-01-2016
     1-ئاينىڭ 15-كۈنى، خېنەن ئۆلكىسى لوياڭ شەھىرى شۇەنياڭ ناھىيىسى جاۋباۋ بازىرى شىجاۋ كەنتىدىكى مەلۇم تۆپىلىكتە، لوياڭ شەھەرلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئارخېئولوگىيە ئاكادىمىيسىنىڭ  خىزمەتچى خادىملىرى شۇ يەردىن باي...
Powered by Leglek