ماھىرلار كەسكىن مۇسابىقىلەشمەكتە
مەملىكەتلىك ئومۇمىي خەلق تېز سۈرئەتتە مارافونچە مۇز تېيىلىش مۇسابىقىسىنىڭ شىنجاڭ . قاناس بېكىتىدىكى مۇسابىقىسى 7-فېۋرال ئۆتكۈزۈلدى. شىنجاڭ ئىچى ۋە لياۋنىڭ، جى لىن، بېيجىڭ قاتارلىق جايلاردىن كەلگەن 70 نەپەرگە يېقىن تېز سۈرئەتتە مۇز تېيىلىش ماھىرى بۇ قېتىملىق مۇسابىقىگە قاتناشتى. ماھىرلارنىڭ ئىچىدە يېشى ئەڭ كىچىكى 18 ياش، ئەڭ چوڭى 67 ياش بولۇپ، مۇسابىقە ئەرلەر گۇرۇپپىسى، ئاياللار گۇرۇپپىسى بويىچە ئۈچ كىلومېتىر، بەش كىلومېتىر، 10 كىلومېتىرلىق دەپ ئۈچ تۈر بويىچە ئېلىپ بېرىلدى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved