مەركەز ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى پۈتۈن كۈچ بىلەن چىڭ تۇتۇش كېرەك
لى شىڭ خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى نۇر بەكرى 7 –، 8 – نويابىر خوتەن ۋىلايىتىدە خىزمەتلەرنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىمىزنى مەركەز ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ۋەزىيەت توغرىسىدىكى ھۆكۈمى ۋە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقىنى قوغداشقا ئالاقىدار تەلەپ، ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، دۇچ كېلىۋاتقان كەسكىن ۋەزىيەت ۋە زىممىمىزدىكى مۈشكۈل ۋەزىپىلەرنى چوڭقۇر تونۇپ، مۇقىملىقنى قوغداش تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى مۇستەھكەم ئىرادە، كەسكىن ھەرىكەت ۋە كۈچلۈك تەدبىرلەر ئارقىلىق پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن چىڭ تۇتۇپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ، مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ پولات ئىستىھكامىنى قەتئىي مۇستەھكەملىشىمىز كېرەك.
نۇر بەكرى گۇما ناھىيەسى ۋە قاراقاش ناھىيەسىگە بېرىپ، ئەمگەك كۆجۈملەشكەن كارخانىلار، ئەمىن تاپقۇزۇپ خەلقنى بېيىتىش قۇرۇلۇشى نەق مەيدانلىرىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، خىزمەت ئۈستىدە قۇربان بولغان ج خ خەلق ساقچىلىرىنىڭ يەسىرەلىرى ۋە گۇما ‹‹10 – ئۆكتەبىر›› دېلوسىدا تالاپەتكە ئۇچرىغانلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىدىن ھال سورىدى؛ يېزىلار ئۆزلىرى يولغا قويغان رادىيو پىروگراممىسى، دېھقانلار قىرائەتخانىلىرىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىپ، مەركەزلىك تۈزەش، ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش قۇرۇلۇشى ئەھۋالىنى ئىگىلەپ، كادىرلار، ئامما بىلەن سۆھبەتلىشىپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەن تەربىيە – ئەمەلىيەت پائالىيىتى توغرىسىدىكى تەكلىپ – پىكىرلىرىنى ئاڭلىدى.
خوتەن ‹‹شاڭيى›› كېيىم – كېچەك چەكلىك شىركىتى گۇما ناھىيەسى ئەنخۇي ئۆلكىسىنىڭ خۇاڭشەن شەھىرىدىن جەلپ قىلغان كېيىم – كېچەك كارخانىسى، بۇ كارخانىدا كېيىم – كېچەك لايىھەلەش، تىكىش، تەييارلاش ۋە سودا بىرگەۋدىلەشتۈرۈلگەن بولۇپ، كارخانىغا جەمئىي 200 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنغان. بۇ تۈر 28 – سېنتەبىر پۈتۈپ ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلۈپ، ھازىرغىچە 1100دىن كۆپرەك كىشى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلغان، جۈملىدىن %95 كىشى يەرلىكتىن قوبۇل قىلىنغان. تىككۈچىلىك سېخىدا ئىشلەيدىغان بۇۋىنىياز توختىمەمەت نۇر بەكرى مۇنداق دېدى: مەن بۇ زاۋۇتقا 9 – ئايدا كەلگەن، ھازىر پىراكتىكا قىلىۋاتىمەن، كارخانا تاماق، ياتاق مەسىلىمىزنى ھەل قىلىپ بەردى، ئايدا 1500 يۈەن ئىش ھەققى ئالىمەن، كەسىپكە پىشقاندىن كېيىن، ئايلىق كىرىمىم تۆت مىڭ يۈەن ئەتراپىدا بولىدىكەن.
نۇر بەكرى مۇنداق دېدى: مەركەز ۋە ئاپتونوم رايون شىنجاڭنىڭ توقۇمىچىلىق، كېيىم – كېچەك كەسىپلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىشنى ئوتتۇرىغا قويدى، بۇنىڭدىكى مەقسەت ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتىنى كۆپەيتىپ، ئاممىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش. ئۇ ‹‹شاڭيى›› شىركىتىنىڭ مەسئۇلىنى ئىلھاملاندۇرۇپ مۇنداق دېدى: پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت ئەمگەك كۆجۈملەشكەن كارخانىلارنى يۆلەش سالمىقىنى ئاشۇرىدۇ،
سىلەرنىڭ گۇمىدا يىلتىز تارتىپ، شىركەتنى تېخىمۇ ياخشى روناق تاپقۇزۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكى ئۈچۈن تۆھپە قوشۇپ، تەڭ پايدا ئېلىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.
نۇر بەكرى قاراقاش ناھىيەسى قاراساي بازىرىدا بۇ يېزا يولغا قويغان ‹‹قاراساي ئاۋازى›› رادىيو پىروگراممىسىنىڭ 1 – ئايدىن باشلاپ رەسمىي ئاڭلىتىلىشقا باشلىغانلىقى، پىروگرامما مەزمۇنىنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق، زامانىۋى يېزا ئىگىلىك پەن – تېخنىكىسى، مائارىپ، مەدەنىيەت ۋە قانۇن – نىزاملارنى ئاساس قىلغانلىقى، بۇ پىروگراممىنىڭ دېھقانلارغا يۈزلەنگەن، دېھقانلارغا زامانىۋى مەدەنىيەت ئارقىلىق يېتەكچىلىك قىلىش تەربىيەسى بېرىدىغان ئوچۇق خىزمەت سۇپىسى بولغانلىقى، ناھىيە بويىچە بىردىنبىر يېزا يولغا قويغان پىروگرامما ئىكەنلىكىنى، مەزكۇر پىروگراممىنىڭ دېھقانلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشكەنلىكىنى ئىگىلىدى. نۇر بەكرى ‹‹قاراساي ئاۋازى›› پىروگراممىسىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى، ئۇ مۇنداق دېدى: تېلېۋىزور كۆرۈش، رادىيو ئاڭلاش ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش تەشۋىقات – تەربىيەسىنىڭ ئۈنۈملۈك ۋاسىتىسى، بۇ سەھنىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك.
قاراقاش ناھىيەسى قاراساي بازىرى غىجەك كەنتى بىلەن قويچى يېزىسى كونائېرىق كەنتىدىكى كەنتتە تۇرۇشلۇق مەركەزلىك تۈزەش خىزمەت ئەتىرىتى ۋە قوراللىق خىزمەت ئەترىتى ‹‹سىرنى ئاشكارىلاش، پەردە ئارقىسىدىكىلەرنى ئېنىقلاش، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش››، ‹‹ئاساسنى چىڭىتىش، مېخانىزمنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئىناقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش›› قاتارلىق خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇش ئارقىلىق، ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرىنىڭ جەڭگىۋارلىقى، ئۇيۇشۇش كۈچىنى كۆرۈنەرلىك ئاشۇرۇپ، جەمئىيەت ئامانلىقىنى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاپ، دىنىي كەيپىياتنى كۆرۈنەرلىك سۇسلاشتۇرغان. نۇر بەكرى مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، تەربىيە – ئەمەلىيەت پائالىيىتى، قاقشاتقۇچ زەربە بېرىش مەخسۇس ھەرىكىتى ۋە ئەلرايىنى ئىگىلەش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلش پائالىيىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، ئاممىغا تولۇق تايىنىپ ۋە ئۇلارنى سەپەرۋەر قىلىپ، دىن ئەسەبىيلىرىگە قەتئىي زەربە بېرىپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇقىملىقنى قوغداشقا دائىر تەدبىرلىرىنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەر مىللەت خەلق ئۈچۈن مۇقىم، خاتىرجەم، ئىتتىپاق، ئىناق ئىجتىمائىي مۇھىت يارىتىپ بېرىش كېرەك.
نۇر بەكرى مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: پارتىيەنى قاتتىق باشقۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ ، ‹‹تۆتتە كۈچلۈك›› (سىياسىي، ئىقتىدار، ئىستىل ۋە پىسخىكا جەھەتتە كۈچلۈك)كادىرلار قوشۇنى بەرپا قىلىش تەلىپى بويىچە، رەھبەرلىك بەنزىسى ۋە كادىرلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، تەربىيە – ئەمەلىيەت پائالىيىتىنىڭ نەتىجىلىرىنى قىلچە بوشاشماي مۇستەھكەملەپ، ئىستىل قۇرۇلۇشىنى ئىزچىل، قەتئىي ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. مەركەز ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ بىر قاتار ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ، مۇقىملىقنى قوغداش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەش كېرەك. بوشاشماي قاقشاتقۇچ زەربە بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش خىزمىتىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، مەسئۇلىيەتنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، ئاممىغا تولۇق تايىنىپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى ساقلاش خەلق ئۇرۇشىدا قەتئىي غەلىبە قىلىش كېرەك.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved