دۇنيا خەۋەرلىرى تورى 7-ماي خەۋىرى؛ لەگلەك تورى تەرجىمىسى: سۇرىيە پايتەختى دەمەشقتە ئەسەد قسىملىرى ئاتقان ھاۋا توپ ئوقى سۇرىيەدىكى قىينچلىقتا قالغانلارغا ياردەم تارقىتىۋاتقان بىر ماشىنىغا تېگىپ 1 كىشى ئۆلدى ۋە 10 كىشى يارىلاندى. مۇخبىرنىڭ ئىگەللىشىچە، سۇرىيە ھۆكۈمەت ئارمىيسىنىڭ ھاۋا ئوق ھۇجۇمى، سۇرىيەدە تىببى ئەشيالار تارقىتىۋاتقان «سۇرىيە قىزىل ئاي» ياردەم ئەترىتىنىڭ ماشىنىسىغا تەگكەن. بۇ ھۇجۇمدا بىر كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان، 10 نەپەر كىشى يارىلانغان. سۇرىيە ھۆكۈمىتى ئارمىيىسى شەرقى گۇتا رايۇنىغا ھەر كۈنى ئېغىر تىپتىكى قۇراللار بىلەن ھۇجۇم قىلىۋاتقان بولۇپ، شۇ يەرلىك پۇقرالار بۇ ھۇجۇملارنىڭ زىيىنىغا ئېغىر دەرىجىدە ئۇچرىغان. ۋە بىر قىسم كىشىلەر يۇرتلىرىنى تاشلاپ قېچىشقا مەجبۇر بولغان.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved