سۇمۇرۇغ تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى.زۇڭلى لى كېچىياڭ 12-ئاينىڭ 24- كۈنى خەلق سارىيىدا مىسىر زۇڭتۇڭى سېسى بىلەن كۆرۈشتى .لى كېچىياڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى :‹جۇڭگو مىسىر خەلقلىرىنىڭ دوستلۇقى ئۇزاق تارىخقا ئىگە تۈنۈگۈن رەئىس شى جىنپىڭ زۇڭتۇڭ جانابلىرى بىلەن مول مەزمۇنلۇق سۆھبەتلەشتى .جۇڭگو مىسىر بىلەن بىرلىكتە يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرۇپ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ ياخشى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى خالايدۇ ›.
لى كېچىياڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى :‹جۇڭگو ئوتتۇرىغا اقويغان بىر بەلۋاغ بىر يول تەشەببۇسى مىسىر ھازىر پىلانلاۋاتقان دۆلەت تەرەققىياتى ئىستراتېگىيىسى بىلەن ناھايىتى ماس كېلىدۇ ،مەن ئىككى تەرەپنىڭ ئەۋزەللىكلىرى ئارقىلىق بىر بىرىنى تولۇقلاپ كەسىپ ئىقتىدارى ھەمكارلىقىنى قانات يايدۇرۇشىنى ئىقتىسادىي تەرەققىيات ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ،سودا مەبلەغ سېلىش قاتارلىق ھەمكارلىق پىلانىنى كۈچىيىشىنى ئۈمىد قىلىمەن .جۇڭگو مىسىرنىڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يول تاشيول دېڭىز ئاستى تونىلى يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسى قاتارلىق چوڭ تۈر قۇرۇلۇشلىرىغا قاتنىشىپ سۇۋەيىش ھەمكارلىق رايونى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشىنى ئادەمىيەت ئالماشتۇرۇشنى قويۇقلاشتۇرۇپ ،جۇڭگو مىسىر دوستلۇقىنىڭ ئەل رايى ئاساسىنى مۇستەھكەملەشنى خالايدۇ ،
سېسى مۇنداق دېدى :‹مىسىر جۇڭگو ھەمكارلىقىنىڭ تەرەققىيات ئىستىقبالى پارلاق ،مىس جۇڭگو بىلەن بىرلىكتە ھەر ساھەدىكى ھەمكارلىقنى كېڭەيتىشنى بولۇپمۇ كەسىپ ئىقتىدار ۋە مەبلەغ سېلىش ،مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى خالايدۇ ›.
زۇڭلى لى كېچىياڭ يەنە گرېتسىيە زۇڭلىسى ساماراف بىلەن تېلېفوندا سۆزلەشتى .ساماراف ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى ۋە ھەمكارلىقىنىڭ يېڭى نەتىجىلىرىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى :يېقىندا گرېتسىيە پارلامىنتى ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى ۋە ھەمكارلىقىنى ئۈنۈملۈك ئىلگىرى سۈردى .
لى كېچىياڭ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىيات نەتىجىلىرىگە يۇقىرى باھا بەردى ۋە گرېتسىيە پارلامېنتنىڭ قارارىنى قارشى ئېلىپ بۇ ئىككى تەرەپ ھەمكارلىقىنى كېڭەيتىش ۋە چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا قانۇنى ئاساس سالىدۇ دېدى .لى كېچىياڭ مۇنداق دېدى :‹يېقىندا مەن بېلگىراتتا ئوتتۇرا شەرقىي ياۋروپادىكى ئالاقىدار دۆلەتلەرنىڭ باشلىقلىرى بىلەن ئۇچراشقاندا بىز ۋېنگرىيە سېربىيە تۆمۈر يولى ۋە بىر پورتقا تايىنىپ جۇڭگو بىلەن ياۋروپانىڭ قۇرۇقلۇق دېڭىز تېز لىنىيىسىنى بەرپا قىلىش توغرىسىدا ئورتاق تۇنۇش ھاسىل قىلدۇق .
دەسلەپكى نەتىجە سۈپىتىدە ھەر قايسى تەرەپ تاموژنىدىن ئۆتۈشكە قولايلىق يارىتىش ھەمكارلىق ھۆججىتى ئىمزالىدى .تېز لىنىيە قۇرۇلۇشىدا ئاساسلىقى جۇڭگونىڭ جابدۇقلىرى ئىشلىتىلىدۇ .بۇنى ياۋروپانىڭ ئۆلچىمى بويىچە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ قانۇن بەلگىلىمە رامكىسى ئىچىدە ئىشلەش ھەم لىنىيە بويىچە دۆلەتلەر ھەم ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تەڭپۇڭ تەرەققىياتى ۋە بىر گەۋدىلىنىش مۇساپىسىگە پايدىلىق .جۇڭگو گىرتىسيە ھۆكۈمىتىنىڭ جۇڭگو بىلەن ياۋروپانىڭ قۇرۇقلۇق دېڭىز تېزلىك لىنىيىسى بەرپا قىلىش ئىشىنى قوللاش ۋە قاتنىشىش ئارزۇسىغا قايىل .گرېتسىيە ۋە ئالاقىدار دۆلەتلەر بىلەن ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى ساقلاپ تەڭ قۇرۇش تەڭ بەھرىمان بۇلۇش ئىش تەقسىماتى بويىچە ھەمكارلىشىش ،ئېچىۋېتىش سىغىشچان بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ تېز لىنىيە قۇرۇلۇشىنى تېزدىن پۈتتۈرۈش ،جۇڭگو گرېتسىيە جۇڭگو ياۋروپا ئوتتۇرسىدىكى مال ئوبوروتىنى تېخىمۇ قۇلايلىقلاشتۇرۇپ ،ئىككى تەرەپنىڭ ھەمكارلىق سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈشنى خالايدۇ .
سامارا مۇنداق دېدى :جۇڭگونىڭ شەرقىي ياۋروپا جەنۇبىي ياۋروپا دۆلەتلىرى ئوتتۇرسىدىكى ھەمكارلىقى گرېتسىيە جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا پۇرسەت ئېلىپ كەلدى ،گرېتسىيە بۇنى پۇرسەت دەپ بىلىپ ،ياۋروپا بىلەن جۇڭگونىڭ قۇرۇقلۇق دېڭىز تېز لىنىيىسىنى تەڭ قۇرۇپ تەڭ مەنپەتلىنىشنى خالايدۇ.
مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتتىىتنىڭ باشلىقى جاڭ دېجىياڭمۇ خەلق سارىيىدا مىسىر زۇڭتۇڭى سېسى بىلەن كۆرۈشتى .جاڭ دېجىياڭ مۇنداق دېدى :جۇڭگو بىلەن مىسىر ئوخشاشلا قەدىمىي مەدەنىيەتلىك دۆلەتلەر .ئىككى دۆلەتنىڭ دوستلۇقى چوڭقۇر ،جۇڭگو ئىستراتېگىيىلىك يۈكسەكلىك ۋە يىراققا نەزەر تاشلاش نۇقتىسىدا تۇرۇپ مىسىر بىلەن مۇناسىۋەتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ كەلدى .جانابلىرى بۇ قېتىم جۇڭگودا تۇنجى قېتىم زىيارەتتە بولدى ،ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى ئومۇميۈزلۈك ئىستىراتېگىيىلىك ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى ئورنىتىشتىكى قوشما باياناتىنى ئىمزالاپ يېڭى ۋەزىيەتتىكى جۇڭگو مىسىر مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىايتىغ ايۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى .جۇڭگو مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ئىكى دۆلەت باشلىقلىرى ھاسىل قىلغان مۇھىم ئورتاق تۇنۇشنى پائال ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى خالايدۇ .مىسىر يېڭى پارلامىنتى بىلەن ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى دۆلەتنى ئىدارە قىلىپ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش قانۇن چىقىرىش قاتارلىق جەھەتلەردە تەجرىبە ئالماشتۇرۇشنى ،ئىكى نۆۋەت ھەمكارلىقىدىكى قانۇن ى ئاساسىنى پۇختىلاپ ،ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى ئۇزاق مۇددەت ساغلام مۇقىم ئالغا سىلجىتىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
.سېسى مۇنداق دېدى :مىس جۇڭگوغا ئىزچىل دوستلۇق سىياسىتى يۈرگۈزۈپ كەلدى .مىسىر جۇڭگونىڭ تەرەققىيات نەتىجىلىرىگە قايىل ،مەن ئىككى تەرەپنىڭ ھەر قايسى ساھەلەردىكى ئالاقە ۋە ئۆز ئارا نەپ يەتكۈزۈش ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى ئۈمىد قىلىمەن .
لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قۇشىۋېلىڭ ،ئىزدەش نومۇرى :LEGLEK
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved