ئابې شىنزو ياپونىيەسىنىڭ تەقدىرى

      ئابې شىنزو بۇ ھەپتە سېئۇلدا جەنۇبىي كورىيە پرېزىدېنت پارك گېن-ھېي ۋە جۇڭگو باش مىنىستىرى لى كېچىياڭ بىلەن بىرگە ئولتۇرغاندا، يەر شارىدىكى نۇرغۇن كىشىلەر ھازىر ئۇ رەھبەرلىك قىلغان بۇ دۆلەتنى ئېغىر دەرىجىدە تۆۋەن مۆلچەرلەپ قويدى. شەرقىي شىمالىي ئاسىيادىكى ئۈچ كۈچلۈك دۆلەتنىڭ 2012-يىلدىن بۇيانقى تۇنجى قېتىملىق باشلىقلار يىغىنىدا، كىشىلەر چوقۇم بۇنداق ئەھۋالنى تونۇپ يېتىدۇ.30 يىل ئىلگىرى، نۇرغۇن كىشىلەر ياپونىيەگە باھا بەرگەندە ئېغىر خاتالىق سادىر قىلدى. ياپونىيەلىكلەرنىڭ ئوتتۇرىچە كىرىمى ئامېرىكىدىن ئېشىپ كەتكەندىن كېيىن، نۇرغۇن ئامېرىكىلىقلار ياپونىيەنىڭ ئامېرىكىنى مەغلۇپ قىلىۋېتىشىدىن ئەندىشە قىلغان ئىدى. ياپونىيە ياسىمىچىلىق كەسپى خەلقئارا ئۆلچەم تىكلەپ بەردى؛ بەزى كىتابلار ھەتتا دەرىجىدىن تاشقىرى يادرو چوڭ دۆلىتى ياپونىيە بىلەن ئەڭ ئاخىرى ئۇرۇشنىڭ پارتلايدىغانلىقىنى قىياس قىلىشقان ئىدى. بۇ خىل قاراش ياپونىيەنىڭ كىشىدە چوڭقۇر تەسىر قالدۇرىدىغان ئۇرۇشتىن كېيىنكى ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىدىن كەلگەن؛ بۈگۈنكى كۈندە، 20 نەچچە يىللىق ئىقتىساد كاساتچىلىقىدىن كېيىن، ئەينى يىللاردىكى پەرەزلەر بىزگە پەقەت سىزىقلىق پەرەزلەرنىڭ خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىدۇ.

     بۇ خىل خەتەر ھازىر يەنىلا مەۋجۇت. جۇڭگونىڭ تېز سۈرئەتتە قەد كۆتۈرۈشى ۋە كومپارتىيە رەھبەرلىرىنىڭ ئۆزىگە ئىشىنىشىگە قارىتا، نۆۋەتتە ئەنئەنىۋى ئەقىل-پاراسەت ئوخشاشلا خاتا ھالدا ياپونىيەنى ئىككىنچى ئورۇندىكى دۆلەت قىلىپ تەسۋىرلەپ قويدى.

گەرچە ئىقتىساد ئاستىلىغان بولسىمۇ، ياپونىيە يەنىلا كىشى سەل قارىسا بولمايدىغان كۈچكە ئىگە. ياپونىيە تىنچلىق قۇرۇلىشى 70 يىلغا يەتكەن دېموكراتىك سىياسىي گەۋدە، مۇقىم جەمئىيەت ۋە يۇقىرى سەۋىيەلىك تۇرمۇشقا ئىگە. كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئوتتۇرىچە كىرىمى جۇڭگونىڭ بەش ھەسسىسىگە باراۋەر كېلىدۇ، بېيجىڭ ئاممىسى توكيونىڭ مەھسۇلات بىخەتەرلىك ئۆلچىمى ۋە ھاۋا سۈپىتىگە ھەۋەس قىلىدۇ. ياپونىيە يەنىلا يۇقىرى ئۆتكۈر سانائەت يۆلەپ تۇرغان يەر شارىدىكى ئۈچىنچى چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدە.

گەرچە جۇڭگو يادرو قورالى ۋە ئەسكەر سانى جەھەتتە ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىسىمۇ، ئەمما ياپونىيە ئارمىيەسىنىڭ مەلۇم ساھەلەردىكى قورال-ياراقلىرى تېخىمۇ سەرخىل (ھەمدە تېز سۈرئەتتە يادرو قورالى تەتقىق قىلىپ چىقالايدىغان تېخنىكا كۈچىگە ئىگە). بۇنىڭدىن سىرت، ياپونىيەنىڭ مەدەنىيەتى (مەيلى ئەنئەنىۋى ياكى زامانىۋى بولسۇن)، چەتئەلدىكى تەرەققىيات ياردىمى، خەلقئارا ئورگانلارنى قوللىشى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى سەل قاراشقا بولمايدىغان يۇمشاق كۈچلەرنى گەۋدىلەندۈرمەكتە.

     دەرۋەقە، ياپونىيە ئېغىر نوپۇس مەسىلىسىگە دۇچ كەلمەكتە، 2050-يىلغا بارغاندا نوپۇسى ھازىرقى 127 مىليوندىن 100 مىليوندىن ئاز سەۋىيەگە چۈشۈپ قالىدىغانلىقى مۆلچەرلەندى. نۆۋەتتىكى تۇغۇش نىسبىتى پەقەت 1.4 (2.1لىق نوپۇس ئورۇن باسار نىسبىتىدىن كۆپ تۆۋەن) ھەمدە ياپونىيەلىكلەر زور مىقداردا كۆچمەنلەرنىڭ كىرىشىنى رەت قىلماقتا.

     ئابې شىنزو ئۈچ يىلغا يېقىن ۋاقىت ئىلگىرى باش ۋەزىر بولغاندا، سىرتقى جامائەتچىلىك «ئابې ئىقتىسادشۇناسلىقى» دەپ ئاتىغان ئىقتىسادنى قوزغىتىش پىلانىنى يولغا قويۇش ئارقىلىق، ياپونىيەنىڭ قايتىدىن «بىرىنچى پەلەمپەي»گە قايتىدىن كىرگۈزۈشكە ھەمدە دۆلەت مۇداپىئەسىنى كۈچەيتىشكە، ياپونىيە ئاساسىي قانۇنىنى قايتىدىن شەرھىيلەشكە قەسەم قىلدى. ئەمما گەرچە ئابې ئىقتىسادشۇناسلىقى دەرھال ئۈنۈم بەرگەن بولسىمۇ، ئەمما پارلامېنت بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت تىرىشىش ئارقىلىق يېقىندا ئاندىن دۆلەت مۇداپىئە قانۇنىنى ماقۇللىدى.

ئابېنىڭ ئەركىن دېموكراتلار پارتىيەسىدىكى كۆپلىگەن كىشىلەر ياپونىيەنىڭ دۆلەت مۇداپىئە نەزەرىيەسىنى تەلتۆكۈس ئىسلاھ قىلىپ، ئاساسىي قانۇننىڭ ياپونىيەنىڭ قوراللىق كۈچلىرىنى چەكلىشىنى بىكار قىلىشنى قوللىدى. ئەمما جامائەت پىكىرى ۋە ئابېنىڭ قانۇن ئىجرا قىلىش شېرىكى كومېئىتو پارتىيەسى بۇ خىل ئۇسۇلغا رۇخسەت قىلمىدى.

    گەرچە شۇنداق بولسىمۇ، ياپونىيەنىڭ سېئۇل باشلىقلار ئۇچرىشىشىدىكى سۆھبەت شېرىكى جۇڭگو ۋە جەنۇبىي كورىيە ئالدىنقى ئەسىردىكى ياپونىيەنىڭ تاجاۋۇزىدا ئۇچرىغان ئازاب-ئوقۇبەتلىرى سەۋەبلىك ياپونىيەنىڭ ئۇسۇلغا قاتتىق قارشى تۇردى. جۇڭگو ۋە جەنۇبىي كورىيە ئابېنىڭ مۇددىئاسىدىن گۇمانلاندى، ئابېنىڭ مىللەتچىلىك سۆزلىرى ۋە ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن دەسلەپكى ۋاقىتتا تالاش-تارتىش قوزغاۋاتقان ياسۇكۇنى قەھرىمانلار بۇزرۇكگاھىنى تاۋاپ قىلىشى ۋەزىيەتنىڭ جىددىيلىشىىشنى ئېغىرلاشتۇردى. ئەمەلىيەتتە، جۇڭگو رەئىسى شى جىنپىڭ ئابې بىلەن كۆرۈشۈشنى ئىزچىل رەت قىلىپ كەلدى، جەنۇبىي كورىيە پرېزىدېنتى پارك گېن-ھېيمۇ بۇ قېتىمقى سېئۇل ئۇچرىشىشىدا ئاندىن ئابې بىلەن كۆرۈشۈشكە تۇنجى قېتىم قوشۇلدى.

    باشقا بىر جەھەتتىن، ئابېدىن بۇرۇنقى رەھبەرلەر ئامېرىكا بىلەن بولغان جىددىي مۇناسىۋەتنى ياخشىلاپ بولغان ئىدى. پرېزىدېنت ئوباما 2014-يىلى 4-ئايدا ئابې ئاق سارايدا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتى بولغان مەزگىلدە ئىككى تەرەپلىك ئىتتىپاقنىڭ كۈچىنى قايتا تەكىتلىگەن ئىدى. يېڭى دۆلەت مۇداپىئە سىياسىتىدە، ئامېرىكا ۋە ياپونىيە ئارمىيەسى تېخىمۇ ئۈنۈملۈك ھالدا پىلانلاش ۋە ھەرىكەت قىلالايدۇ ھەمدە ئامېرىكا-ياپونىيە ئىتتىپاقداشلىقىنى نەچچە ئون يىلدىن بۇيانقى ئەڭ ياخشى ھالەتتە ساقلايدۇ.

    شۇڭا، ئابې دىپلوماتىيە ۋە دۆلەت مۇداپىئە سىياسىتى جەھەتتە ئىزچىل نىسبەتەن مۇۋەپپەقىيەت قازاندى. ئەمما ئىقتىساد ئۇرۇشى سېپىدا ۋەزىيەت تېخىمۇ مۇرەككەپ. پۇل پاخاللىقى ۋە ئىشسىزلىق نىسبىتى ناھايىتى تۆۋەن، ئەمما ئىقتىسادنىڭ ئېشىشى ئاساسىي جەھەتتىن تەڭپۇڭ بولۇپ، مەن ئۇچراشقان توكيولۇق مۇتەخەسسىسلەر يېقىندا ئىقتىسادنىڭ ئېشىش سۈرئىتى كۆرۈنەرلىك تېزلەشتى دەپ قاراپ باقمىدى.

ئابې ئىقتىسادشۇناسلىقىنىڭ ئالدىنقى ئىككى تۈرلۈك تەدبىرى (ھەم ئالدىنقى ئىككى «يا» دەپ ئاتىلىدۇ) پۇلنى قويۇپ بېرىش ۋە مالىيە سىياسىتى ئۈنۈملۈك ھالدا ئېھتىياجنى ئەسلىگە كەلتۈردى. ئەمما قۇرۇلما ئىسلاھاتىنىڭ ئۈچىنچى ياسى ئىزچىل تەۋرىنىپ تۇرماقتا. 2014-يىلى پارلامېنت سايلىمىدا مۇۋەپپەقىيەت قازانغاندىن كېيىن، ئابې ئېلېكتر كۈچى بازىرىنى ئېچىۋېتىپ، شىركەتنى ئىدارە قىلىشنى ياخشىلاشنى ھەمدە باج ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئىزچىل تەشەببۇس قىلىپ كەلدى. بۇنىڭدىن سىرت، ئۇ يېقىندا ئىمزالىغان تىنچ ئوكيان ھالقىغان شېرىكلىك مۇناسىۋەت سودا كېلىشىمىدىن پايدىلىنىپ تۆۋەن ئۈنۈملۈك يېزا ئىگىلىكىنى مەجبۇرىي ئىسلاھ قىلىشنى ئۈمىد قىلدى.

     مۇھىم بىر چەكلىمە شەرتى بولسا ئەمگەك كۈچى تەمىنلىشىدۇر. ئابې چەتئەللىك ئىشچىلارغا قارىتا ۋىزا شەرتىنى بوشىتىشنى ئوتتۇرىغا قويدى؛ ئەمما ياپونىيە ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتىنىڭ بىردەكلىكى ۋە تارلىقىنى ئويلاشقاندا، كەڭ كۆلەملىك كۆچمەنلەرگە تايىنىپ ئىقتىسادتا زور ئۆزگىرىش ياساشنىڭ مۇمكىنچىلىكى يوق دېيەرلىك. بوشىتىش تەس كۆچمەن چەكلىمىسى ياپونىيەنى چوقۇم ئۆزىنىڭ يېتىشمەيدىغان ئايال ئەمگەك كۈچى بايلىقىدىن پايدىلىنىشقا مەجبۇر قىلىدۇ.

     ئەمما بۇ تىرىشچانلىق چوقۇم غايەت زور مەدەنىيەت توسالغۇسىنى يېڭىشى كېرەك. ئابې سۆز قىلغاندا (ب د ت دا سۆز قىلىشىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) پات-پات ئاياللارغا پۇرسەت تەمىنلەشنى تىلغا ئالىدۇ ھەمدە ئاياللارنىڭ ياپونىيە باشقۇرۇش قاتلىمىدا %30نى ئىگىلىشىنى مۇراجىئەت قىلىدۇ. ئەمما نۆۋەتتە ئۇلارنىڭ باشقۇرغۇچىلاردا ئىگىلىگەن نىسبىتى %10كە بارمايدۇ ۋە يۇقىرى قاتلام باشقۇرۇش قوشۇنىدا %1 ئەتراپىدا بولماقتا. دۇنيا ئىقتىساد مۇنبىرىنىڭ جىنس پەرقى باراۋەر بولماسلىق كۆرسەتكۈچىنىڭ ياپونىيەگە بەرگەن باھاسى ناھايىتى تۆۋەن. ئىشقا ئورۇنلاشقان ئانىلارغا ئائىلە رۇخسىتى تەسىس قىلىش ۋە يەسلىلەرنى كۆپەيتىش قاتارلىق ھۆكۈمەت تەدبىرىنىڭ سەل ياردىمى بولۇشى مۇمكىن، ئەمما ئەنئەنىۋى قاراشنىڭ ئۆزگىرىشى ئىنتايىن ئاستا.

    بۇ مەسىلە ھەل بولمىسا، ئەمگەك كۈچى چەكلىمىسى ياپونىيەنىڭ ئۆزىنىڭ بارلىق ئىقتىساد يوشۇرۇن كۈچىنى جارى قىلدۇرالمايدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ، رايون ۋە يەر شارى ئىشلىرىدىمۇ ھەم شۇنداق. ياپونىيە مۇۋەپپەقىيەت قازانغان، ئارامبەخش جەمئىيەت، دۇنياغا قوشقان تۆھپىسى ناھايىتى چوڭ. ئەمما خەتەر ياپونىيە جەمئىيىتىنىڭ بەك ھوزۇر-ھالاۋەتتە ئۆتىشىگە باغلىق، ئۇلار پەقەت دۆلەت ئىچىگە كۆڭۈل بۆلىدۇ، ئۇنداق بولسا ئەنئەنىۋى ئەقىل-پاراسەتنىڭ قارىشىنى ئىسپاتلىغان بولىدۇ.



خەتكۈچلەر:
30-11-2015
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
30-05-2016
خېشۈن تورى 23- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     بۇ دۈشەنبە كۈنى بازاردا %99.5 لىك ھەر ئۇنسىيە نەق ئالتۇننىڭ باھاسى 1253.25 دوللار بولغان ئىدى، ئەمما قىسقىغىنا بەش سودا كۈنىدە نەق ئالتۇننىڭ باھاسى 40 دولل...
28-05-2016
    جۇڭگو سودا-سانائەت بانكىسى: جۇڭگو سودا-سانائەت بانكىسىنىڭ دۇنيادىكى بىرىنچى چوڭ بانكا دېگەن نامى بار. ئىسىمدىنلا ئۇنىڭ ئەمەلىي كۈچىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. ماتېرىيالدا كۆرسىتىلىشىچە، جۇڭگو سودا-سانائەت بانكىسىنىڭ ئومۇمىي مۈلۈ...
28-05-2016
    تاراتقۇلارنىڭ دېيىشىچە، جۇڭگو موسكۋا-قازان يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يول تۈرىنى 4 تىرىليون رۇبلى قەرز بېرىشكە قوشۇلغان،  ھەتتا رۇسىيەنىڭ كاپالەت بېرىشىنى تەلەپ قىلمىغان.     5-ئاينىڭ 26-كۈنى رۇسى...
28-05-2016
    شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 5-ئاينىڭ 27-كۈنىدىكى خەۋىرى، قازاقىستان زۇڭلىسى ماسىموۋ  بىلەن ئالى بابا گوروھىنىڭ مۇدىرىيەت ئەزاسى مايۈننىڭ گۇۋاھلىقى ئاستىدا، قازاقىستان دۆلەتلىك ئىگىلىك ھوقۇقى بايلىق فوندى، قازاقىستان تېلې...
28-05-2016
    شىنخۇا تورى، 27-ماي خەۋىرى. بىر قانچە كۈن بۇرۇن تورداشلار باففېتنىڭ قۇلىدا ئالـما شىركىتىنىڭ قىممىتى 1 مىلياردتىن دوللاردىن ئاشىدىغان پاي چېكى بارلىقىنى ئېيتىپ ئۆتۈشكەن ئىدى، بۈگۈن بۇ پايچىكى ئۆز كارامىتىنى كۆرسەتكەن بولۇپ، ئا...
27-05-2016
جۇڭگو ئاخبارات تورى 27- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     بىلۇمبېرىگ ئاگېنتلىقىنىڭ 5- ئاينىڭ 26- كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، جۇڭگو زور مەبلەغ بىلەن ھالسىرىغان خەلق پۇلىنى قوللىغانلىقتىن، گېرمانىيە 2...
27-05-2016
پۇل-مۇئامىلە ۋاقىت گېزىتى تورىنىڭ 27-ماي خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:     ئىناۋەت باھالاش ئورگىنى مۇدىي (Moody’s) نىڭ دېيىشىچە، جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ مالىيە كېلەچىكى رېكورت ياراتقان سۈرئەتتە يامانلاشقان، 2008-يىلدىكى پۇل-مۇ...
27-05-2016
شىنخۇا تورى 27- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     جۇڭگو مالىيە مىنىسترىلىقى 26- ماي لوندوندا 3 مىليارد يۈەنلىك خەلق پۇلى زايومى تارقاتقانلىقىنى جاكارلىغان بولۇپ، بۇ زايومنىڭ مۇددىتى 3 يىل، ئۆسۈمى %3....
27-05-2016
يەر شارى تورى 27- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     كورىيە بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ 5- ئاينىڭ 27- كۈندىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، جۇڭگو-كورىيە ئىككى تەرەپ شۇ كۈنى سىئولدا 14- نۆۋەتلىك جۇڭگو-كورىيە ئىقت...
27-05-2016
خېشۈن تورى 27- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     5- ئاينىڭ 27- كۈنى بېيجىڭ ۋاقتى چۈش سائەت 12 بولغاندا %99.5 لىك ھەر ئۇنسىيە نەق ئالتۇننىڭ باھاسى 1217.56 دوللار بولۇپ، ئەتىگەندىن بېرى 12 دوللار چۈشۈپ كەتت...
Powered by Leglek