ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشيەن 1 – سېنتەبىر چۈشتىن بۇرۇن ۋە چۈشتىن كېيىن ئۈرۈمچىدە ئايرىم ھالدا 4 – نۆۋەتلىك جۇڭگو ئاسىيا – ياۋروپا كۆرگەزمىسىگە قاتنىشىش ئۈچۈن كەلگەن قازاقىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ زۇڭلىسى كەرىم مەسىموف ۋە قىرغىزىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ زۇڭلىسى جومارت ئوتوربايېف بىلەن كۆرۈشتى.
جاڭ چۈنشيەن كەرىم مەسىموف بىلەن كۆرۈشكەندە مۇنداق دېدى: جۇڭگو شىنجاڭ بىلەن قازاقىستان ئۆزئارا قوشنا. جۇڭگو مەركىزىي ھۆكۈمىتى شىنجاڭنى يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىدىكى بىردىنبىر يادرولۇق رايون قىلدى. شىنجاڭ كەلگۈسىدە جۇڭگو – قازاقىستان ھەمكارلىقى ۋە قازاقىستاننىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم رول ئوينايدۇ.
جۇڭگو شىنجاڭ بىلەن قازاقىستان ئىككى تەرەپ ئالاقە – ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭگو – قازاقىستان قورغاس خەلقئارالىق چېگرا ھەمكارلىق مەركىزى ھەم باشقا پورتلاردا رولىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا جارى قىلدۇرۇشنى، قاتناش، مال ئوبوروتىغا تېخىمۇ قولايلىق يارىتىپ، جۇڭگو – قازاقىستان ئىككى تەرەپنىڭ ھەمكارلىق سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشنى خالايدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، شىنجاڭ قازاقىستاننىڭ ئېنېرگىيەسىنى شەرققە توشۇشتىكى مۇھىم تونېللىق رولى ۋە يۈك تىرانسپورتىدا قازاقىستاننىڭ سودا تاۋارلىرىنى يىغىش – تارقىتىش بازىسى بولۇشتەك رولىنى يەنىمۇ جارى قىلدۇرۇپ، ئىككى تەرەپنىڭ ھەمكارلىق بوشلۇقىنى كېڭەيتىدۇ.
كەرىم مەسىموف مۇنداق دېدى: يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىنى ئورتاق قۇرۇش – قازاقىستان بىلەن جۇڭگو شىنجاڭغا بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك. قازاقىستان تېخىمۇ ئەۋزەل شارائىت يارىتىپ، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنى ئاكتىپ ھالدا يېڭى سەۋىيەگە كۆتۈرۈپ، ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
جاڭ چۈنشيەن جومارت ئوتوربايېف بىلەن كۆرۈشكەندە مۇنداق دېدى: ئىقتىساد يەر شارىلىشىۋاتقان شارائىتتا، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىنى ئورتاق قۇرۇشنىڭ ئەھمىيىتى تېخىمۇ زور. جۇڭگو شىنجاڭ بىلەن قىرغىزىستان قاتناش ئۇل ئەسلىھەلىرى جەھەتتىكى ھەمكارلىقىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ كۈچەيتەلەيدۇ، نۆۋەتتە، تاشيول ئالاقىسى ۋە ھەمكارلىقىنى ئالدىن ئىشقا ئاشۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ؛ ئىككى تەرەپنىڭ سودا، مەبلەغ سېلىش جەھەتتىكى ھەمكارلىقىنى يەنىمۇ كۈچەيتىشتە، بولۇپمۇ، يېنىك سانائەت مەھسۇلاتلىرى، كان بايلىقلىرى، ساياھەتچىلىك قاتارلىق جەھەتلەردىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا ئاپتونوم رايونىمىز تېخىمۇ كۆپ كارخانىلارنىڭ قىرغىزىستانغا بېرىپ مەبلەغ سېلىپ گۈللىنىشىگە مەدەت بېرىدۇ؛ ئۆزئارا ئالاقىنى كۈچەيتىپ، تېررورلۇققا قارشى ھەمكارلىق سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، تېررورىزمغا ئورتاق زەربە بېرىدۇ.
جومارت ئوتوربايېف مۇنداق دېدى: قىرغىزىستان جۇڭگو شىنجاڭ بىلەن بولغان ھەمكارلىقنىڭ يوشۇرۇن كۈچى ۋە ئىستىقبالىغا ناھايىتى ئەھمىيەت بېرىدۇ. ئىككى تەرەپنىڭ قاتناش، ئېنېرگىيە، ساياھەتچىلىك قاتارلىق جەھەتلەردە ھەمكارلىق كۆلىمىنى يەنىمۇ كېڭەيتىپ، ئىككى تەرەپنىڭ ئەمەلىي ھەمكارلىقىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن نۇر بەكرى، شۆھرەت زاكىر، نۇرلان ئابىلمەجىن، خۇاڭ ۋېي، ھۆرىگۈل جاپپارلار ئايرىم ھالدا كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved