بۇ يىل ئورگان، كەسپىي ئورۇنلارنىڭ ئاساسىي مۇئاش ئۆلچىمى تەڭشىلىدۇ

        مەمۇرلار دىققەت! يېقىندا سىچۈەن، ئىچكى موڭغۇل، جىلىن قاتارلىق كۆپلىگەن جايلار ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت خىزمىتى يىغىنى ئېچىپ، بۇ يىل ئورگان، كەسپىي ئورۇنلارنىڭ ئاساسىي مۇئاش ئۆلچىمىنى تەڭشەشنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويدى.

بۇ يىل كۆپلىگەن ئۆلكىلەردىكى ئورگان، كەسپىي ئورۇنلارنىڭ مۇئاشى تەڭشىلىدۇ.

        مۇخبىر يېقىندا كۆپلىگەن جايلارنىڭ ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت تارماقلىرىنىڭ يىغىن ئېچىپ، بۇ يىل ئورگان، كەسپىي ئورۇنلارنىڭ ئاساسىي مۇئاش ئۆلچىمىنى تەڭشەشنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويغانلىقىغا دىققەت قىلدى. 19-يانۋار، سىچۈەن ئۆلكىسى پۈتۈن ئۆلكە بويىچە ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت خىزمىتى يىغىنى ئاچتى. يىغىندا بۇ يىل ئورگان، كەسپىي ئورۇنلارنىڭ ئاساسىي مۇئاش ئۆلچىمىنى تەڭشەش ئېنىق بېكىتىلدى. بۇ پارتىيە مەركىزى كومىتېتى، گۇۋۇيۈەننىڭ يېقىندا ئېلان قىلغان ھەر ئىككى يىلدا بىر قېتىم ئاساسىي مۇئاش ئۆلچىمىنى تەڭشەش توغرىسىدىكى قارارىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى تۇنجى قېتىملىق تەڭشەش ئىكەنلىكى، ئورگان، كەسپىي ئورۇنلارنىڭ مۇئاش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، مۇئاشنى نورمال تەڭشەشنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكى كۆرسىتىلدى.

       شۇ كۈنى ئېچىلغان ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونى ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت خىزمىتى يىغىنىدىمۇ، دۆلەتنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن بۇ يىل ئورگان، كەسپىي ئورۇنلارنىڭ ئاساسىي مۇئاش ئۆلچىمى تەڭشىلىدىغانلىقى، بۇ قېتىمقى تەڭشەشنىڭ ئاساسىي مۇئاش ئۆلچىمىنى نورمال تەڭشەش تۈزۈمى تۇرغۇزۇلغاندىن بۇيانقى تۇنجى قېتىملىق تەڭشەش ئىكەنلىكى، ھەرقايسى جاي، ھەرقايسى تارماقلارنىڭ مۇئاش كىرىم تەقسىماتى تۈزۈمىنىڭ ئىجرا قىلىنىشىنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلاپ، بايقالغان مەسىلىلەرنى قەتئىي ھەل قىلىش كېرەكلىكى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

       بۇنىڭدىن ئىلگىرى يەنى 2015-يىلى 31-دېكابىر، جىلىن ئۆلكىسىنىڭ ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت خىزمىتى تېلېۋىزىيەلىك يىغىنىدا، بۇ يىل ئورگان، كەسپىي ئورۇنلارنىڭ تەقسىمات تۈزۈمى مۇكەممەللەشتۈرۈلىدىغانلىقى، دۆلەتنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشىغا ئاساسەن چەت، جاپالىق جايلار ياردەم پۇلىنى ئۆستۈرۈش مېخانىزىمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، رايون قوشۇمچە ياردەم پۇلى تۈزۈمىنى يولغا قويۇشنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، دۆلەت ئىلكىدىكى دوختۇرخانىلارنىڭ مۇئاش تۈزۈمىنى تەتقىق قىلىپ مۇكەمەللەشتۈرۈش، ئورگان، كەسپىي ئورۇنلارنىڭ ئاساسىي مۇئاش ئۆلچىمىنى تەڭشەش، پېنسىيەگە چىققان خادىملارنىڭ تەمىنات ئۆلچىمىنى ئۆستۈرۈش، خەلق ساقچىلىرىنىڭ مۇئاش تەمىناتىنى تەڭشەش سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، سوتچى، تەپتىشلەرنىڭ مۇئاش تۈزۈمى ئىسلاھات سىناق نوقتا خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش قاتارلىقلار ئاشكارىلانغان. بۇنىڭدىن باشقا جياڭسۇ ئۆلكىسى بۇ يىل «ئورگان، كەسپىي ئورۇنلارنىڭ مۇئاش كىرىم تەقسىماتى تۈزۈمى»نى ئوتتۇرىغا قويدى، بېيجىڭ شەھىرى بۇ يىل «ئورگان، كەسپىي ئورۇنلارنىڭ مۇئاش تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى مۇقىم ئىلگىرى سۈرۈش»نى ئوتتۇرىغا قويدى، شەنشى ئۆلكىسىمۇ بۇ يىل «ئورگان، كەسپىي ئورۇنلارنىڭ مۇئاش تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈش»نى ئوتتۇرىغا قويدى.

ھەر ئىككى يىلدا بىر قېتىم ئاساسىي مۇئاش تەڭشىلىدۇ

بۇلتۇر 14-يانۋار، «گۇۋۇيۈەننىڭ ئورگان، كەسپىي ئورۇن خىزمەتچىلىرىنىڭ ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى تۈزۈمى ئىسلاھاتى توغرىسىدىكى قارارى» ئېلان قىلىنىپ، 2014-يىلى 1-ئۆكتەبىردىن باشلاپ يولغا قويۇلدى. 40 مىليونغا يېقىن ئورگان، كەسپىي ئورۇن خىزمەتچىسى ئاساسىي ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىنى تاپشۇرۇشقا باشلىدى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا مۇئاشىمۇ تەڭشەلدى. 2015-يىلى ئىيۇلنىڭ ئاخىرىغىچە، ئورگان، كەسپىي ئورۇنلارنىڭ ئاساسىي مۇئاش ئۆلچىمىنى نەقلەشتۈرۈش خىزمىتى پۈتۈنلەي تاماملاندى. بۇ قېتىمقى مۇئاش تەڭشەشتە مۇئاش قۇرۇلمىسى ئەلالاشتۇرۇلۇپ، قىسمەن قېلىپلاشقان ياردەم پۇلى ياكى ئۈنۈم مۇئاشى ئاساسىي مۇئاش ئىچىگە كىرگۈزۈلۈپ، ئاساسىي مۇئاشنىڭ ئىگىلىگەن سالمىقى يۇقىرى كۆتۈرۈلدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا مۇھىم نۇقتا ئاساسىي قاتلامغا يۈزلەندۈرۈلۈپ، بارلىق خىزمەتچىلەرنىڭ مۇئاشىنىڭ ئۆسۈشىگە كاپالەتلىك قىلىندى. مەملىكەتنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسى بويىچە ھېساپلىغاندا، ھەر بىر ئادەمنىڭ ھەر ئايلىقى ئوتتۇرىچە 300 يۈەن ئەتراپىدا ئۆستى.

كۆرسىتىپ ئۆتۈشكە تېگىشلىكى شۇكى، بۇلتۇر ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى ئورگان، كەسپىي ئورۇنلارنىڭ مۇئاشىنى تەڭشەش توغرىسىدا مۇخبىرلارنىڭ سۇئالىغا جاۋاپ بەرگەندە، بۇ قېتىمقى مۇئاش تەڭشەش خىزمىتىنىڭ، ئاساسىي مۇئاش ئۆلچىمىنى نورمال تەڭشەش مېخانىزىمى تۇرغۇزۇشنى يەنىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا ئايدىڭلاشتۇرۇپ بېرىدىغانلىقىنى، بۇندىن كېيىن ھەر ئىككى يىلدا بىر قېتىم ئاساسىي مۇئاش ئۆلچىمى تەڭشىلىدىغانلىقىنى كۆرسەتكەن. قانداق تەڭشەش توغرىسىدا، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى مۇئاشنى تەكشۈرۈپ سېلىشتۇرۇش نەتىجىسىگە ئاساسەن، خەلق ئىگىلىكى تەرەققىياتى، مالىيە ئەھۋالى ۋە مال باھاسىنىڭ ئۆزگىرىشش ئەھۋالى قاتارلىق ئامىللار ئۇنىۋېرسال ئويلىشىلىپ، تەڭشەش دەرىجىسى بېكىتىلىپ، ئاساسىي مۇئاشنىڭ مۇئاشتا ئىگىلىگەن نىسبىتىنىڭ قەدەممۇ-قەدەم يۇقىرى كۆتۈرۈلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.



خەتكۈچلەر:
22-01-2016
يازغۇچى: كاككۇك
مەنبە: نۇر تورى
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
17-04-2016
    6-ئاپرېل، 11 تارماق بىرلىكتە «چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق مال سېتىۋېلىش ئىمپورت تاۋارلىرى تىزىملىكى»نى ئېلان قىلدى. ئادەتتىكى ئىستېمالچىلار ئۈچۈن ئېيتقاندا، چەت ئەلدىن مال سېتىۋالغاندا نېمىلەرنى سېتىۋېلىش، نېمەلەرنى سېتىۋا...
02-03-2016
پۇل-مۇئامىلە ۋاقىت گېزىتى تورىنىڭ 2-مارت خەۋىرى، باغداش تورىدىن ئەكبەر تەرجىمىسى: جۇڭگودىكى بىرىنچى باي ۋاڭ جىيەنلىننىڭ بىلدۈرۈشىچە، جۇڭگونىڭ دۆلەت كارخانىلىرى يىراقنى كۆرەر ئەمەس ھەمدە خەلقئارالىق باشقۇرۇش ئۆلچىمى كە...
06-02-2016
         جۇڭگو خەلق بانكىسى يېقىندا 2016-يىللىق ھەق تۆلەش راسچوت سىستېمىسىنىڭ ئىجرا قىلىنىشىنى قوغداش ئورۇنلاشتۇرۇشىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، راسچوت سىستېمىسىدا قوغداش كۆزنىكى جەمئىي 12 قېتىم قوزغىتىلىدىكەن. ئۇنىڭدى...
05-02-2016
        بۈگۈن بازار ئېچىلىغاندا شاڭخەي پاي كۆرسەتكەچى بىر مەھەل ئۆستى، كېيىن تەۋرىنىش ئىچىدە چۈشۈشكە باشلىدى، چۈشتىن كېيىن بولسا ئۆزىنى ئوڭشىۋېلىش يۈزلىنىشىنى ساقلىدى، بازار يېپىلغاندا شاڭخەي پاي كۆرسەتكۈچى %0.63 چۈشت...
05-02-2016
         چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئالى بابا ھىندىستاننىڭ ئەڭ چوڭ ئېلىكترونلۇق سودا سۇپىسى Flipkart قا مەبلەغ سالماقچى بولغان، ئەمما سودىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن Flipkart نىڭ مۆلچەر باھانى 15 مىلىيارد د...
05-02-2016
       جۈمە2-ئاينىڭ5-كۈنى ئاسىيا ئەتتىگەنلىك سودا بازىرى ۋاقتىدا، خەلقئارا ئالتۇن باھاسى 1155 دوللار ئەتراپىدا ئايلاندى. تۈنۈگۈن ئالتۇن باھاسى ئۆسۈش ھالىتىنى داۋاملاشتۇرۇپ، 4ئايدىن بۇيانقى يېڭى يۇقىرى نۇقتىنى ياراتتى،...
05-02-2016
     ئۆتكەن يىلى 5-ئايدىن باشلاپ پۈتۈن دۇنيادىكى پايچېكى بازىرىدىن 15 تىرلىيۇن دوللار پارغا ئايلىنىپ كەتتى ، ئۇنىڭ ئۈستىگە يېڭى يىلنىڭ باشلىنىشىدا بۇ ئەھۋال تېخىمۇ يامان بولدى . 2016-يىلى كىرگەندىن باشلاپ پۈتۈن دۇنيا پايچې...
05-02-2016
     سىنگاپور بىرلەشمە ئەتىگەنلىك گېزىتىنىڭ 5- فىۋرالدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكا « ئامېرىكا-جۇڭگو ئىقتىساد ۋە بىخەتەرلىك باھالاش كومىتېتى » 4- فىۋرال دوكلات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېگەن: جۇڭگونىڭ خەلق پۇلى كەلگۈسى 10 يىل...
05-02-2016
        خەلقئارا نەق ئالتۇننىڭ باھاسى ئاللىقاچان تېز ئۆسۈش دەۋرىگە كىردى، ئىككى كۈن ئىچىدە %99.5 لىك نەق ئالتۇننىڭ باھاسى 30 دوللار ئۆسۈپ، ئالتۇننىڭ ئۆسۈشىدىن ئۈمىدۋار ئالتۇن سودىگەرلىرىنى خېلىلا سەمىرتىپ قويدى. 3- فى...
04-02-2016
     چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ 4- فىۋرالدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، رۇسىيە مەركىزى بانكىسى يەر شارى نېفىت باھاسىنىڭ ئۇزۇن مەزگىل نۆۋەتتىكى تۆۋەن سەۋىيەنى ساقلىشى مۇمكىنلىقىنى، چۈنكى رۇسىيەنىڭ نېفىت ئېكىسپورت قىلغۇچى دۆلەتلەر تەشك...
Powered by Leglek