رۇسىيە زۇڭتۇڭىنىڭ باياناتچىسى پىسكوف 30-ئاپرېل چاۋشيەننىڭ ئالىي رەھبىرى كىم جۇڭئېننىڭ 9-ماي موسكىۋادا ئۆتكۈزىلىدىغان رۇسىيەنىڭ ۋەتەن ئۇرۇشى غەلىبە قىلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىگە قاتناشمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
پىسكوف مۇنداق دېدى: بۇندىن ئىلگىرىكى پىلان بويىچە، رۇسىيىدە زىيارەتتە بولىدىغان چاۋشيەننىڭ ئالىي رەھبىرى كىم جۇڭئېن پيوڭياڭدا تۇرۇشنى قارار قىلدى. ئۇ چاۋشيەننىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئاساسەن بۇ قارارنى چىقاردى. رۇسىيە تەرەپ دىپلوماتىك يوللار ئارقىلىق بۇ قاراردىن خەۋەر تاپتى.
رۇسىيە ھۆكۈمىتى دۇنيادىكى كۆپلىگەن دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرىنى شۇ چاغدا موسكىۋادا ئۆتكۈزۈلىدىغان ھەربىي پارات، نامايىش قاتارلىق تەبرىكلەش پائالىيىتىگە قاتنىشىشقا تەكلىپ قىلىغان ئىدى. 3-ئاينىڭ ئوتتۇرلىرىغىچە، 30 نەچچە دۆلەتنىڭ رەھبىرى قاتنىشىشنى بېكىتتى، بۇ يىل 1-ئايدا، رۇسىيە كىم جۇڭئېننڭ رۇسىيەدە زىيارەتتە بولىدىغانلىقىنى بېكىتكەن ئىدى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved