8-دېكابىر كېچە سائەت 00:30 ئۆتكەندە، شىمالىي شىنجاڭغا جايلاشقان كۈيتۈن شەھىرىدىكى ئوت ئۆچۈرگۈچى خادىملار 312-نومۇرلۇق دۆلەت يولى كۈيتۈن دەرياسى چوڭ كۆۋرۈكىگە يېتىپ بېرىپ قۇتقۇزۇش خىزمىتى ئېلىپ بارغان، نەق مەيداندا نۇرغۇن ئاپتوموبىللار سوقۇلۇپ كەتكەن. 7-دېكابىر كەچ سائەت 23:50 دە كۈيتۈن شەھىرى ئوت مۇداپىئە ئەترىتى 312-نومۇرلۇق دۆلەت يولىنىڭ كۈيتۈن دەرياسى كۆۋرۈكىدە كۆپلىگەن ئاپتوموبىللارنىڭ سوقۇلۇپ قاتناش ھادىسىسى يۈز بېرىپ، خادىملارنىڭ قاپسىلىپ قالغانلىقى توغرۇلۇق خەۋەر تاپشۇرۇۋالغان.
كۈيتۈن شەھەرلىك ئوت ئۆچۈرۈش ئىدارىسى تەرەققىيات رايونى ئوتتۇرا ئەترىتى دەرھال نەق مەيدانغا بارغان، يولنى تۇمان قاپلىغان بولۇپ كۆرۈنۈش دەرىجىسى ئارانلا 20 مېتىر ئىكەن، ھەمدە قار يېغىۋاتقان بولغاچقا يەر يۈزى ئىنتايىن تېيىلغاق بولۇپ كەتكەن. بۇنىڭدىن سىرت ئۈرۈمچى-كۈيتۈن يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولى ئېتىۋېتىلگەن بولغاچقا، 312-دۆلەت تاشيولىدا قاتناش كۆپىيىپ، ماشىنا يۈرۈش ئىنتايىن خەتەرلىك بولغان.
8-دېكابىر كېچە سائەت 00:30 دە ئوت ئۆچۈرۈش ئوفىتسېر-ئەسكەرلىرى نەق مەيدانغا يېتىپ بارغان، نەق مەيداندا سەككىز ئاپتوموبىل ئارقا-ئارقىدىن سوقۇشقان بولۇپ، ئوخشىمىغان دەرىجىدە بۇزۇلغان، بىر 120 جىددىي قۇتقۇزۇش ئاپتوموبىلى بىلەن ماي باكلىق ئاپتوموبىلى سوقۇشقان، ماي باكلىق ئاپتوموبىل كەينىدىن كېلىۋاتقان ئاپتوموبىللارنىڭ سوقۇپ قىستىشى تۈپەيلىدىن شەكلى ئۆزگىرىپ، ماشىنا باش قىسمى كۈيتۈن كۆۋرۈكىدىن پەسكە چۈشۈپ قالايلا دەپ قالغان.
قۇتقۇزۇش ماشىنىسى كابىنكىسىنىڭ شەكلى ئېغىر دەرىجىدە ئۆزگىرىپ، ئاپتوموبىل ئىچىدە تۆت نەپەر قاپسىلىپ قالغان. ئۈچ ئادەم نەق مەيداندىكى قاتناش ساقچىسى ۋە ئامما تەرىپىدىن قۇتقۇزۇپ چىقىلغان، لېكىن شوپۇر ماشىنىدا قىسىلىپ قالغان. ئوت ئۆچۈرۈش خادىملىرى شوپۇرنى قۇتقۇزۇپ چىققان، لېكىن قۇتقۇزۇش ماشىنىسى شوپۇرى قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي ئۆلۈپ كەتكەن.
![]() |
يىچې تورى 27-ماي خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
يېقىندا تاراتقۇلار ئالاقىدار يوللاردىن ئىگەللىشىچە، جۇڭگودا ئىشلەنگەن ئەڭ يېڭى ئاۋدى A4L سېنتەبىردە رەسمىي بازارغا سېلىنىدىكەن. ئەۋلاد ئالماشقان ماش...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved