لەگلەك تورى تەرجىمسى ئامىرىكا ‹‹نىيويورىك كۈندىلىك خەۋەرلەر›› تورىنىڭ 5-ئاينىڭ29-كۈنى خەۋەر قىلشىغا ئاساسلانغاندا،بىر نەچچە كۈن ئاۋۋال ھىندىستاننىڭ بومباي شەھرىدىكى جالگان رايونىدا بىر ئايال پويىزغا ئولتۇرغاندا ئۇقۇشماستىن باشقا ۋاگونغا چىقىپ قالغان نەتىجىدە پويىز ئاللىقاچان قوزغىلىپ نورمال يول يۈرۋاتقاندا پويىز خادىمى بۇ ئايالنى پويىزدن ئىتتىرۋەتكەن شۇنىڭ بىلەن پويىز ئۇنى بېسىپ ئۆتۈپ كەتكەن .
شۇ يەرلىك ساقچى تەرەپنىڭ دەلىلىشچە ، ئەينى ۋاقىتتا بۇ ئايالنىڭ ئىككى بالسى ھاۋا تەڭشىگۈچ ئورنۇتۇلغان ۋاگونغا كىرگەن ، ئەمما پويىز خادىمى ئۇلارنىڭ بىلتىدە مەسلە بار دەپ ئۇلارنى بىلەت باھاسى ئەرزان ۋاگونغا چىقىپ كىتىشكە مەجبۇر قىلغان. بىكەتكە مەزكۇر ئايالنى ئۇزتىپ قويغىلى چىققان جىيەنىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ ئايال پويىز خادىمى تەرپىدىن ئىتتىرىلگەندىن كىيىن تەڭپۇڭلىقنى يۇقىتىپ ۋاگون بىلەن بىكەت سۇپسى ئارلىقدىكى بوش ئارلىققا چۈشۈپ كەتكەن ئارقىدىنلا پويىز ئۈستىدىن بېسىپ ئۆتۈپ كەتكەن.
ساقچى تەرەپ ئاللىقاچان ۋەقەگە چېتىشلىق پويىز خادىمنى قولغا ئالغان بۇلۇپ باشقا كۆرگۈچلەردىنمۇ ئەھۋال ئېنىقلىماقتا.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved