جاھان ئاگېنتلىقى 27-مارت خەۋىرى؛ لەگلەك تورى تەرجىمسىى: «قۇرۇقلۇق بورىنى» ھەرىكىتىدە ئاخشام ئېلىپ بېرىلغان ھاۋا ھۇجۇملىرىدا، يەمەن پايتەختى سەنئا بىلەن سادا رايۇنىدىكى ئىران قوللىشى ئاستىدىكى شىئە ھۇسىي قۇراللىقلىرى ۋە ئاغدۇرۇلغان يەمەن رەھبىرى ئەلى ئابدۇللاھ سالىھ تەرەپدارلىرىغا تەۋە قۇرال-ياراغ ئامبارلىرى ۋە ئىستىراتىگيەلىك نوقتىلارغا زەربەر بېرىلدى.
ھەربىي دائىرلەردىن ئېرىشكەن ئۇچۇرغا قارىغاندا، ھاۋا ھۇجۇمىدا ئاغدۇرۇلغان پرېزىدېنت ئەلى سالىھ ھۆكۈمىتى تەرەپدارلىرىغا قاراشلىق «ساباھا» لاگېرى بومباردىمان قىلىندى. سالىھنىڭ ئوغلى ئەھمەد ئەلى ئابدۇللاھ سالىھنىڭ كونتروللىقىدىكى لاگېردا، ئامېرىكا تەرىپىدىن يەمەن ئارمىيسىگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن ئەۋەتىلگەن ئىلغار قۇراللار بار ئىدى. يەنە ئالاھىدە قىسىملار بازىسى بىلەن بىرگە سەنئانىڭ جەنۇبى ۋە غەربىدىكى ھەربىي نوقتىلارمۇ ھاۋا ھۇجۇمى نىشانىغا ئايلاندى.
ئەلى سالىھقا قاراشلىق «يەمەن يەۋم» تېلىۋىزىيسى ۋە ھۇسىيلەرگە قاراشلىق «ئەل مەسىيرە» تېلىۋىزىيىسى بۈگۈن ئېلان قىلغان خەۋىرىدە، قۇرۇقلۇق مۇداپىئە سېستىمىسىنىڭ ھاۋا ھۇجۇمى قوزغىغان ئايرۇپىلارنلارغا قارشىلىق كۆرسەتكەنلىكىنى ئېيتتى. ھۇسىيلەرنىڭ مەركىزى بولغان شىمالىدىكى سادا رايۇنىغا قاراشلىق كەتتاف رايۇنىدىكى 131 لاگېرنىڭ بومباردىمان قىلىنغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
يەمەندىكى ئىنقىلابتىن كېيىن سىياسىي مۇساپىگە قاتناشقان ھۇسىيلەرنىڭ نامايىشلىرى ۋە رايۇندىكى قەبىلىلەر بىلەن تۇقۇنۇشۇپ نۇپۇز دائىرىسىنى كىڭەيتىشى، يەمەندا مۇقىمسىزلىقنىڭ پەيدا بولۇشىغا يول ئاچتى. ھۇسىيلەر، مەركىزى ھۆكۈمەت بىلەن ئېلىپ بارغان يارىشىش ئۇچرىشىشى نەتىجىلىك بولمىغانلىقى ئۈچۈن پايتەخت سەنئادىكى بىر قىسىم ئىستىراتىگىيەلىك ئورۇنلارنى كونتروللىقى ئاستىغا كىرگۈزدى ۋە 2015-يىلى يانۋاردا پرېزىدېنت سارىيىغا بېسىپ كىرىپ، پرېزىدېت مەنسۇر ۋە باش مىنىستىر باھھاھنى قورشاۋغا ئالدى. مەنسۇر ئۆيىدىكى قامالدىن قېچىپ جەنۇبتىكى ئەدەن رايۇنىغا بېرىپ سىياسىي پائالىيەت بىلەن شۇغۇللاندى ۋە يەمەننىڭ قانۇنلۇق پرېزىدېنتى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ ھەرىكەت قىلىشقا باشلىدى. ھادىي، ھۇسىيلەرنىڭ يەمەندە كېڭىيىشى ۋە زوراۋانلىقى ئىراننىڭ رايۇندىكى نۇپۇز دائىرىسىنى كىڭەيتىش كۈرىشىنىڭ نامايەندىسى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ھادىي، ئەرەب ئىتتىپاقى ۋە خەلقئارا جەمئىيەتتىن يەمەندىكى شىئە قۇراللىقلىرىغا جىددى ھەربىي مۇداخىلە قىلىشىنى تەلەپ قىلغان بولۇپ، سەئۇدى ئەرەبىستان باشچىلىقىدىكى قولتۇق دۆلەتلىرى ئىتتىپاق ھاسىل قىلىپ، يەمەندىكى ھۇسىي قۇراللىقلىرىغا قارىتا زەربە بېرىش ھەرىكىتى باشلىدى.
![]() |
شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ئوباما تىك ئۇچارغا ئولتۇرۇپ ياپونىيە خىروشىما تىنچلىق باغچىسىغا يېتىپ بېرىپ، تىنچلىق باغچىسىنى زىيارەت قىلدى ۋە گۈل چەمبىرەك تەقدىم قىلدى.
|
![]() |
شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، گىرېتسىيە ئافىنا، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن گىرېتسىيەدە زىيارەتتە بولدى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved