ئىراقنىڭ كەلگۈسى يۈزلىنىشى زادى قانداق بولىدۇ؟

ئىراق زۇڭتۇڭى مەسۇم 11-ئاۋغۇست خەلق پارلامېنتىدىكى شىئە مەزھىپى پارتىيە ئىتتىپاقى كۆرسەتكەن زۇڭلى نامزاتى ھەيدەر ئابادنى يېڭى كابېنىت تەشكىللەشكە تەيىنلىدى، بۇ-ھازىرقى زۇڭلى مالىكتىن رەسمىي ۋاز كەچكەنلىكتىن دېرەك بەردى.


مالىك 10-ئاۋغۇست يېرىم كېچىدە تۇيۇقسىز تېلېۋىزوردا سۆز قىلىپ، زۇڭتۇڭ مەسۇمنى ئاساسىي قانۇنغا خىلاپلىق قىلدى دەپ ئەيىبلىدى ھەم ئۇنىڭ ئۈستىدىن فېدېراتسىيە سوت مەھكىمىسىگە ئەرز قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. مالىكنىڭ بۇ پاراكەندىچىلىكى ئامېرىكىنىڭ قاتتىق ئوغىسىنى قايناتتى، چۈنكى مۇشۇنداق پەيتتە ئامېرىكا ئىراقنىڭ قالايمىقان ۋەزىيىتىگە قىسمەن دائىرىدە تارتىلىپ كىرگەن بولۇپ، ئىراق ھۆكۈمىتىنىڭ ئىچكى بىردەكلىكى ھەم ھۆكۈمەتنىڭ كۇرد ئاپتونوم ھۆكۈمىتىدىكى مۆتىدىللەر ۋە سۈننىي مەزھىپىدىكى مۇسۇلمانلار بىلەن يارىشىشى، ئىچكى ماجىرا قىلماي، ئىراق ۋە لىۋانت ئىسلام دۆلىتى ئەسەبىي قوراللىقلىرىنىڭ تېخىمۇ كۆپ دەم ئېلىۋېلىشى، ھەتتا قايتىدىن ھۇجۇم قىلىشىغا پۇرسەت بەرمەسلىكىگە جىددىي موھتاج ئىدى، مالىكنىڭ پاراكەندىچىلىك قىلىشى-ئاقساراينىڭ بىر قارارغا كېلىپ، ئۇنىڭدىن ئۈزۈل-كېسىل ۋاز كېچىشىگە تۈرتكە بولدى.


ئامېرىكا ئاخىرىدا ئىراق كىرىزىسىنى ھەل قىلالامدۇ-يوق؟ بۇنىڭغا ياق دەپ جاۋاب بېرىشكە توغرا كېلىدۇ. بىرىنچىدىن، ئامېرىكا ئىراق مەسىلىسىنى تېزدىن ھەل قىلىش ئىقتىدارىنى ھازىرلىمىغان. گەرچە ئامېرىكا ئاخىرى ئىراق ۋە لىۋانت ئىسلام دۆلىتى ئەسەبىي قوراللىقلىرىغا ھاۋادىن زەربە بېرىشنى باشلىغان بولسىمۇ، لېكىن ئاقساراي ئىراق ئارمىيەسىنى قايتىدىن قۇرۇش، ئىراق سۈننىي مەزھىپىدىكى مۇسۇلمانلار ئوتتۇرىسىدىكى ئۆز ئارا ئىشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئاخىرىدا ئىراق ۋە لىۋانت ئىسلام دۆلىتى ئەسەبىي قوراللىق كۈچلىرىنى ئۈزۈل-كېسىل مەغلۇب قىلىش بىر ئۇزاق مەزگىللىك جەريان دەپ قارىدى. ئوباما يېقىندا زىيارەتنى قوبۇل قىلغاندا، ئامېرىكا ئىراق ۋە لىۋانت ئىسلام دۆلىتىنىڭ سۇرىيە ۋە ئىراقتا بىر ئىسلام دۆلىتى قۇرۇشىغا يول قويمايدىغانلىقىنى ئېيتقان بولسىمۇ، لېكىن ئۇ ئىراققا ياردەم بېرىپ، ئىراق ۋە لىۋانت ئىسلام دۆلىتىنىڭ قولىدىن مەھرۇم قالغان زېمىنلارنى قايتۇرۇۋېلىشنىڭ تەپسىلىي ئىستراتېگىيەسىگە ئېنىق ئىزاھات بەرمىدى.

‏ئىككىنچىدىن، ئەگەر ئامېرىكا قۇرۇقلۇق قىسمىنى ئۇرۇشقا قاتناشتۇرمىسا، ئوبامانىڭ ھەربىي مەجبۇرىيىتىنى ئورۇنلىشى ئاساسەن مۇمكىن ئەمەس. نۇرغۇن ھەربىي مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق دېدى: ئامېرىكىنىڭ ھاۋا قوماندانلىقى تېخىمۇ ئېنىق بولغان نىشانلار ھەققىدىكى ئۇچۇرغا شۇنداقلا تېخىمۇ كۆپ يەر يۈزى ئاخباراتىغا موھتاج. ئامېرىكا ئارمىيەسى يەنە بىخەتەر بولغان ئالغا ئىلگىرىلەپ ئۇرۇش قىلىش بازىسى، ئارقا سەپ تەمىناتى، يارىدارلارنى يۆتكەش ئىقتىدارىنى ھازىرلاشقا، تىك ئۇچار تارماق قىسمى ۋە ئاۋىياتسىيە رېمونتخانىسىنىڭ قوللىشىغا موھتاج. ئىراق ۋە لىۋانت ئىسلام دۆلىتىنىڭ قوراللىق كۈچلىرى ئاساسلىقى يېنىك پىيادە ئەسكەرلەردىن تەشكىللەنگەن. ئەسكەرلەر توپلانغاندا ياكى كالون بىلەن يۆتكەلگەندە، ئامېرىكا ھاۋادىن زەربە بېرىش ئارقىلىق، ئۇلارنى ئۈنۈملۈك يوقىتالايدۇ ھەم قوغلاپ چىقىرالايدۇ، ئەمما ھاۋادىن زەربە بېرىشنىڭ ئۈنۈمى چەكلىك. ئامېرىكا ناۋادا غەلىبە قىلىمەن دەيدىكەن، قۇرۇقلۇق قىسمى بىلەن ھاۋا ئەۋزەللىكىنى ماسلاشتۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ. لېكىن ئۇكرائىنا كىرىزىسى تۈپەيلىدىن، ئوباما رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنانىڭ شەرقىگە ھەربىي ئارىلىشىشىغا باھانە تېپىپ بەرمەسلىك ئۈچۈن، ئىراققا قۇرۇقلۇقتىن ھەربىي زەربە بېرىشنى تېخىمۇ خالىمايدۇ.


ئۈچىنچىدىن، ئوباما ھۆكۈمىتىنىڭ ئىراقنى تۈپتىن تىزگىنلەش چارىسى يوق. ئوباما پەقەت ئەسەبىي قوراللىق كۈچلەرنىڭ ھۇجۇمىنى توسۇشنى ئويلايدۇ ھەم ئىراق ۋە لىۋانت ئىسلام دۆلىتىنىڭ قولىدىن ئىراقنىڭ شىمالى ۋە غەربىنىڭ كونترول ھوقۇقىنى تارتىۋېلىش ئۈستىدە ئىزدىنىدۇ. ئەمما ئىراق ۋە لىۋانت ئىسلام دۆلىتىنىڭ سۇرىيەنىڭ شەرقى ھەم ئىراقنىڭ غەربىدىكى كۆپ قىسىم سۈننىي مەزھىپىدىكى مۇسۇلمانلار رايونلىرىغا بولغان كونترول ھوقۇقى ئىنتايىن خەتەرلىك بولۇپ، تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ پاناھگاھى ۋە غەربكە ھۇجۇم قوزغايدىغان بازىسىغا ئايلىنىپ قېلىش ئېھتىماللىقى ناھايىتى چوڭ.


تېخىمۇ خەتەرلىكى شۇكى، ئىراق ۋەزىيىتى يەنىمۇ يامانلاشماقتا، ئامېرىكا ئالدىغىمۇ، كەينىگىمۇ ماڭالمايدىغان ئەھۋالغا چۈشۈپ كەلدى. ھاۋا ھۇجۇمى-ئامېرىكىنى ئىراقتىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ باشپاناھچىسىغا ئايلاندۇرۇپ قويدى، ھاۋا ھۇجۇمى سۈننىي مەزھىپىنى بىردەك ئىتتىپاقلىشىپ، باشقا مەزھەپلەردىن ئورتاق مۇداپىئەلىنىش نىيىتىگە كەلتۈرۈپ قويدى شۇنداقلا ئىراقتىكى بىر قىسىم سۈننىي مەزھىپى ئەسەبىي كۈچلىرىنىڭ ئىراق ۋە لىۋانت ئىسلام دۆلىتىنى قوللىشىغا سەۋەبچى بولۇپ، ئۇلارنى ئامېرىكىنى پىسەنتىگە ئالمايدىغان قىلىپ قويدى.



خەتكۈچلەر:
14-08-2014
يازغۇچى: كاككۇك
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
07-03-2016
جۇڭگو ئاخبارات تورى 7- مارت خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە پەن-تېخنىكا ئۇچۇر تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، رۇسىيەنىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى روگوزىن فېدېراتسىيە كومىتېت ئەزالىرى يىغىنىدا مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن:...
07-03-2016
ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ 2-ئىيۇل ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، بۇلتۇر 12-ئايغىچە، ياپونىيەدە مەملىكەت بويىچە ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى ئالىدىغان ئائىلە سانى 1 مىليون 634 مىڭ ئائىلىدىن ئېشىپ، تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى قىممەتنى يارا...
07-03-2016
شىنخۇا تورى 7- مارت خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى ئىراقنىڭ ئوتتۇرا قىسىمىدىكى بابىلۇن ئۆلكىسىنىڭ ئۆلكە مەركىزى شىلا شەھىرىدىكى بىر تەكشۈرۈش پونكىتى شۇ جاي ۋاقتى 6- مارت چۈشتىن كېيىن ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋېلىش خاراكتېرلىك پارت...
02-03-2016
ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتى ئاساسي قانۇن مەھكىمىسى 1-مارت پايتەخت بانگىدا، ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتىنىڭ سابىق زۇڭلىسى، مۇستەقىل سايلام نامزاتى تۇۋادرانىڭ 2-نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭ سايلىمىدا %62.69 ئاۋازغا ئېرىشىپ، ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇريىتىنىڭ...
02-03-2016
فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى،موسكىۋا،27-فېۋرال تېلىگىراممىسى:روسىيە دېپلوماتىيە مىنىستىرلىقى27-فېۋرال مۇنۇلارنى بىلدۈردى:روسىيەنىڭ دېپلوماتىيە مىنىستىرى سېرگىي لاۋروف ۋە ئامېرىكىنىڭ دۆلەت كاتىپى جون كېررى سۈرىيەدە ئۇرۇش توختىتىلغانلىقىد...
22-02-2016
سىنا تورى خەۋىرى، باغداش تورى تەرجىمىسى: چاۋشيەن مەركىزىي ئاگېنتلىقىنىڭ 21 - فېۋرال تەمىنلىگەن سۈرەتلىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، چاۋشيەننىڭ ئالىي رەھبىرى كىم جوڭئېن يېقىندا چاۋشيەن خەلق ئارمىيەسى ئاۋىئاتسىيەسىنىڭ ئۇچۇش مەشىقىنى كۆزدىن كەچ...
12-02-2016
   فىرانسىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، فرانسىيىنىڭ غەربىدىكى چاررىنت ئۆلكىسىدە 11 -فېۋرال چۈشتىن بۇرۇن مەكتەپ ئاپتوبۇسى بىلەن يۈك ئاپتوموبىلى سوقۇلۇپ كېتىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن بولۇپ، ۋەقەدە ئالتە ئادەم قازا قىلىپ، ئۈ...
12-02-2016
   مېكسىكىنىڭ شىمالىي قىسىمىدىكى بىر تۈرمىدە شۇ جاي ۋاقتى 11- فىۋرال زور كۆلەملىك قالايمىقانچىلىق كۆرۈلۈپ، ئاز دېگەندە 52 ئادەم قازا قىلىپ، 12 ئادەم يارىلانغان. يەرلىك دائىرلەرنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ قېتىمقى قالايمىقانچىلىق ئىككى قار...
12-02-2016
پۇل-مۇئامىلە كىرىزىسى مەزگىلىدە، ياۋروپا رايونىنىڭ شىمالىدىكى ئەزا دۆلەتلەر غايەت زور سوممىدا ياردەم تەمىنلەپ، ياۋروپا مەركىزىي بانكىسىنىڭ بارلىق بەدەل تۆلەشتىن باش تارتماي ياۋرونى قۇتقۇزۇش ۋەدىسىنى قوللاپ، جەنۇبتىكى قوشنىلىرىنى قۇتقۇزۇپ...
12-02-2016
    شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىبى سىتولتىنبېرىگ 11- فىۋرال شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ باش شىتابىدا مۇنداق دېگەن: شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى دېڭىز ئۈستى ھەربىي كۈچلىرىنى ئەۋەتىپ، ياۋروپا ئ...
Powered by Leglek