شىنلاڭ تورى خەۋىرى l لەگلەك خەۋەر تورى تەرجىمىسى، يېقىندا ئابۇنتلار گوگول خەرىتىسى (Google Maps) نى ئىشلىتىش جەريانىدا ئۈستىگە ‹‹پاسخا بايرىمى›› دەپ يېزىلغان بىر تۇخۇمنى ۋە ئاندرويد ماشىنا ئادىمى ئالما logo (تاۋار ماركىسى) سىغا كىچىك تەرەت قىلغان رەسىمى پەيدا بولغان.
ئالما شىركىتى Apple Watch نى رەسمىي تارقىتىش كۈنى بەزى ئابۇنتلار گوگول خەرىتىسىنى ئىشلىتىپ پاكىستاننىڭ Rawlpindi دىگەن شەھىرى خەرىتىسىنىڭ ئارقا رەسىمىدە ئاندرويد ماشىنا ئادىمى ئالما logo سىغا كىچىك تەرەت قىلغان رەسىم كۆرگەن. بۇنى كۆرگەن بىرقىسىم گوگول ھەۋەسكارلىرى پەخىرلىنىش ھىسياتىدا بولغان. ئەكسىچە ئالما ھەۋەسكارلىرىنىڭ بۇنىڭغا نىسبەتەن ناھايىتى غەزىپى تاشقان. بۇ بىر قىسىم گوگول ھەۋەسكارىنىڭ ئويۇنى بولۇپ، گوگول ھەۋەسكارىلىرى Google Map Maker دېتالى ئارقىلىق يۇقارقى رەسىمنى خەرىتىگە كىرگۈزگەن.
Google Map Maker بولسا گوگول خەرىتىسىنىڭ كىڭەيتىلمە مۇلازىمىتى دېتالى. Google Map Maker ئارقىلىق سىز تاللىغان يەرنىڭ خەرىتىسىگە ۋەكىل خاراكتېرلىك رەسىم ۋە بىر قىسىم ئۇچۇرلارنى كىرگۈزگىلى بولدىغان بولۇپ،ئىككىنچى كىشى شۇيەرنىڭ خەرىتىسىنى ئىزدىگەن چاغدا يوللانغان ۋەكىل خاراكتېرلىك رەسىم ۋە بىر قىسىم ئۇچۇرلارنى كۆرەلەيدىكەن. ئابۇنتلار مۇشۇ Google Map Maker نىڭ خەرىتە رەسىمىنى تەھرىرلەپ خەرىتىگە چىقارغان. بۇ ئىشتن كېيىن گوگول تەرەپ Google Map Maker ئارقىلىق تەھرىرلەپ يوللىغان رەسىم ۋە ئۇچۇرلارنى ‹‹تەستىقلاش تۈزۈمى›› بويىچە بىرتەرەپ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ھەم يۇقارقى ئاندرويد ماشىنا ئادىمى ئالما logo سىغا كىچىك تەرەت قىلغان رەسىمنى ئۆچۈرۋەتكەن.
![]() |
بىلومبېرىگ ئاگېنتلىقى تور بېكىتى 19-ئاپرېل مۇنداق خەۋەر بەردى: تويۇنۇپ كەتكەن جۇڭگونىڭ ئەقلىي ئىقتىدارلىق يان تېلېفون بازىرى نۆۋەتتە كەسكىن رىقابەتكە دۇچ كەلمەكتە.
«چوڭ كولا» يان تېلېفون شىركىت...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved