شىنخۇا ئاگېنتلىقى تورى، بېيجىڭ، 10- ئىيۇن تېلېگراممىسى. جۇڭگو سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى مىكروبلوگ خەۋىرىگە قارىغاندا، كورېيە سەھىيە تارماقلىرىنىڭ مۇقىملاشتۇرۇشى بىلەن جۇڭگونىڭ بىر پۇقراسىغا كورېيەدە (MERS)ئوتتۇرا شەرق نەپەس يولى ئونىۋېرسال كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغان دەپ دېياگنور قويۇلغان.
خەۋەرلەرگە قارىغاندا، كېسەلگە گىرىپتار بولغان جىن خانىم 1951- يىلى تۇغۇلغان، بېيجىڭ شەھەر ئەتراپىدىكى دۇڭتەن شېڭشىن دوختۇرخانىسىدىن بولۇپ، تۇنجى ئۇچراشقان ئاغرىققا(MERS) كېسىلىگە گىرىپتار بولغان دېياگنوز قويۇلغان.
دۆلەت سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېى:جۇڭگونىڭ كورېيەدە مۇشۇنداق كېسەلگە گىرىپتار بولغان ئاغرىقلارنى داۋالاش ئەھۋالىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، كورېيەنىڭ ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ ئاغرىقلارنى داۋالاپ ساقايتىىشنى ئۆتۈندى.كورېيە بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ 10- ئىيۇن خەۋىرىگە قارىغاندا، كورېيەدە ئوتتۇرا شەرق نەپەس يولى ئۇنىۋېرسال كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغانلارغا 108 كىشىگە كۆپيىىپ، ئۆلگەنلەر 9 كىشىگە يەتكەن. ھازىر كورېيە ھۆكۈمىتى يۇقۇم سېگنالى دەرىجىسى «دىققەت قىلىش»تىن «ئېھتىيات قىلىش» تەڭشەشنى ئۈمىد قىلدى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved