رۇسىيە سۈنئىي ھەمراھ تورى 7-يانۋاردىكى ئاخباراتىغا ئاساسلانغاندا، ئىسپانىيە ۋە ئەنگلىيە بىرلىشىپ قانۇنسىز ھالدا ياۋروپاغا ئىران كۆچمەنلەرنى توشۇغان جىنايەتچىلەر شايكىسىنى بىتچىت قىلغان. ئىسپانىيە ساقچىلىرىنىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىپ دېيىشچە، يېقىنقى توققۇز ئايدىن بۇيان، بۇ چېگرادىن ئوغرىلىقچە ئۆتكۈزۈش شايكىسى ياۋروپاغا 50 نەچچە نەپەر كۆچمەنلەرنى توشۇغان.
بۇ شايكىنىڭ ئالتە نەپەر ئەزاسى مادرىدتا قولغا ئېلىنغان. يەنە بىر ئادەم ئاندالۇسىيە ئاپتونوم رايونىدىكى فىشىلودا قولغا ئېلىنغان. ساقچىلار بۇ شايكىنىڭ بىر ئورۇندىكى ئۇۋىسىدا بىر چامادان ۋە يۈز مىڭ ياۋرو نەق پۇلنى بايقىغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە بىر تۈركۈم 47 دانە فىرانسىيە، گىرېتسىيە ۋە ئەنگلىيە پاسپورتى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ساختا گۇۋاھنامىلەرنى تەكشۈرۈپ قولغا چۈشۈرگەن. بۇ قېتىمقى تەكشۈرۈش ھەرىكىتىنى ئىسپانىيە خان جەمەتى ساقچىلىرى ۋە ئەنگلىيە قانۇننى قوغداش تارماقلىرى بىرلىشىپ يولغا قويغان.
بىلبائو ئايرودرومدا يالغان گۇۋاھنامىنى كۆتۈرۈۋېلىپ ئەنگلىيەگە بارماقچى بولغان تۆت نەپەر ئىرانلىقنى تەكشۈرۈپ قولغا چۈشۈرگەندىن كېيىن، ساقچىلار ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرغان.
ساقچىلار تەكشۈرۈش جەريانىدا، چېگرادىن ئوغرىلىقچە ئۆتكۈزۈش شايكىسىنىڭ ئىرانلىقلارنىڭ پاسپورتىغا تامغا بېسىپ بەرگەنلىكىنى، ھەم ئۇلار ئۈچۈن ياۋروپانىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا بارىدىغان ئايروپىلان بېلىتىنى سېتىپ بەرگەنلىكىنى بايقىغان. ھەر بىر نەپەر ئىرانلىق بۇنىڭ ئۈچۈن 10 مىڭدىن 15 مىڭغىچە ياۋرو تۆلەيدىكەن.
ئىرانلىق چېگرادىن ئوغرىلىقچە ئۆتكۈچىلەر مادرىدقا يېتىپ بارغاندىن كېيىن، چېگرادىن ئوغرىلىقچە ئۆتكۈزگەن شايكا ئۇلارغا تۇرالغۇ جاي تەمىنلەپ بېرىدىكەن. مەلۇم ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن، يالغان پاسپورت بىلەن ئۇلارنى ياۋروپانىڭ ھەر قايسى جايلارغا يەتكۈزۈپ قويغان. بۇ پاسپورتلارنىڭ ھەممىسى تېز يوللانما بىلەن گىرېتسىيەدىن ئىسپانىيەگە يېتىپ كەلگەن.
بۇ جىنايەتچىلەر شايكىسىنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرغىنىغا ئىككى يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت بولۇپ قالغان.
![]() |
پىرېزىدېنت تۈزۈمى
پىرېزىدېنت تۈزۈمىنىڭ تۆت ئالاھىيدىلىك بار: بىرىنچى، پىرېزىدېنت دۆلەت تۈزۈمىنىڭ شۇنداقلا ھۆكۈمەتنىڭ باشلىقى، مەمۇرىي ھوقۇقنى قولىدا تۇتۇپ، ئۈچ خىل ئارمىيەنى باشقۇرىدۇ.
ئىككىنچى،...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved