دۆلىتىمىزدە ھەر يىلى 10مىڭ توننا يان تېلېفون تاشلىۋېتىلىدۇ

خەلق كۈندىلىك گېزىتى خەۋىرى ،لەگلەك تورى تەرجىمىسى .

كونا يان تېلېفونلارنىڭ ئېقىش يۆنىلىشى ، پەقەت دۆلىتىمىزنىڭ مۇھىت ئاسراش خىزمىتىگە تەسىر كۆرسىتىپلا قالماستىن ،بەلكى يەنە نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ بىخەتەرلىكىگە ،جۈملىدىن ھەر بىر پۇقرانىڭ بىخەتەرلىكىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ ،يېقىندا بۇ مەسىلە ھەممە كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان مۇھىم نۇقتا بۇلۇپ قالدى .

 


ئىستېمالچىلار كونا يان تېلېفوننى زادى قانداق بىر تەرەپ قىلىش كېرەك ؟

 


كۆپىنچە كىشىلەر كونا يېن تېلېفونىنى ئۆيگە قۇيۇپ قۇيىدۇ ،بىراقلا ئەخلەتخانىغا تاشلىۋېتىدۇ ياكى يىغىۋېلىش دۇكىنىغا سېتىۋېتىدۇ .باشقىلارغا سوۋغا سۈپىتىدە بېرىدىغانلار يەنىلا ئاز . ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇمات نەتىجىسىدىن قارىغاندا ،2014-يىلى 2-ئايغىچە ،دۆلىتىمىزدىكى يان تېلېفون ئىشلەتكۈچىلەر سانى بىر مىليارد 200 مىليونغا يەتكەن بۇلۇپ ،پۈتۈن دۆلەت نوپۇسىنىڭ 92% نى ئىگىلەيدىكەن .بەزى كىشىلەر خىزمەت ئېھتىياجى بىلەن بىرلا ۋاقىتتا ئىككىدىن ، ياكى ئۈچتىن يانفونغا ئىشلىتىدىغان بۇلۇپ ، مۇشۇ بويىچە ھېسابلىغاندا ،دۆلىتىمىزدە ئىشلىتىلىۋاتقان تېلېفون سانى تەخمىنەن نەچچە مىلىياردقا يېتىدۇ .


ساقلىنىپ قېلىۋاتقان زور تۈركۈمدىكى يان تېلېفونلارمۇ ،نۇرغۇن شاللىنىش مۇھىتىغا دۇچ كەلدى .تەكشۈرۈشكە قارىغاندا ،كىشىلەر تەخمىنەن 15 ئايدا بىر يېڭى يان تېلېفون ئالماشتۇرىدىكەن ،ھەر يىلى دۆلىتىمىزدە 1 مىليارد دانە يان تېلېفون تاشلىۋېتىلدىكەن ، بىراق يىغىۋېلىش ئۈنۈمى ئاران 1% بولغان . بۇ تاشلىۋېتىلگەن تېلېفونلارنىڭ ئېغىرلىقى 10مىڭ توننىغا يېتىدىغان بولۇپ ،ئەگەر ھەممىسىنى يىغىۋېلىش بويىچە بىر تەرەپ قىلسا ،1500كىلوگرام ئالتۇنغا،10مىليون كىلوگرام مىسقا ، 30مىڭ كىلوگرام كۈمۈشكە ئالماشتۇرغىلى بولىدىكەن ،مۇنداقچە ئېيتقاندا بۇ بىر چوڭ بايلىق .


بىر تۈرلۈك تەكشۈرۈش نەتىجىسىنىڭ كۆرسىتىشىچە ، بېيجىڭ ،شاڭخەي ،گۇاڭجۇ قاتارلىق جايلاردا زىيارەتنى قۇبۇل قىلغان 1000نەپەر ئىستېمالچى ئىچىدە ،50% ئەتراپىدىكى كىشىلەر ئىلگىركى كونا يان تېلېفونىنى ئۆيىدە ساقلاپ قېلىشنى ، باشقا كىشىلەر تاشلىۋېتىشنى ، يىغىۋېلىش ئورنىغا ئاپىرىشنى ،باشقىلارغا سوۋغا قىلىشنى تاللىغان .كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى دۆلىتىمىزدە تېلېفوننى تاشلىۋېتىش مەسىلىسى خېلىلا ئېغىر .ھازىر كىمنىڭ ئۆيىدە بىر نەچچە دانە ياكى بىر دانە بولسىمۇ كونا يان تېلېفون يوق ؟ئەمەلىيەتتە بۇنداق ساقلاپ قۇيۇش ئانچە بىخەتەر ئۇسۇل ئەمەس .ئاڭلاشلارغا قارىغاندا ، تېلېفون باتارىيسىنى ئۇزۇن قۇيۇپ قويغاندا پارتىلاش كېلىپ چىقىش ئېھتىمالىمۇ بار ئىكەن .بەزى باتارىيەلەر ئۇزۇن تۇرۇپ قالغاچقا ئىچىدىن سۇيۇق ماددا ئېقىپ چىقىدىغان بۇلۇپ ،بۇنىڭ ئىچىدە زەھەرلىك ماددىلار بار . شۇنىڭ ئۈچۈن كۆپچىلىككە تەۋسىيە قىلىنىدىغىنى يەنىلا كونا يان تېلېفوننى سېتىۋېتىش ، ئەگەر داڭلىق ماركىدىكى يان تېلېفون بولسا كونىنى يېڭىغا ئالماشتۇرۇش ئۇسۇلىنى قوللانسىمۇ بولىدۇ . ئادەتتە كونا يان تېلېفونلارنى يىغىپ سېتىۋېلىش باھاسى بەكلا تۆۋەن بولغاچقا كۆپچىلىك يەنىلا سېتىۋېتىشنى خالىمايدىكەن .

 



لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قۇشىۋېلىڭ ،ئىزدەش نومۇرى :LEGLEK



خەتكۈچلەر:
22-04-2014
يازغۇچى: كاككۇك
مەنبە: خەلق كۈندىلىك گېزىتى
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
07-02-2016
       شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 2-ئاينىڭ 7-كۈنى تەينەندىن ئەۋەتكەن تېلىگراممىسى: تەيۋەن تەينەن شەھەرلىك ئوت ئۆچۈرۈش ئىدارىسىنىڭ ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2-ئاينىڭ 7-كۈنى ئەتىگەن سائەت بەشتىن 15 مىنۇت ئۆتكە...
07-02-2016
      ئەنگلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 2-فېۋرالدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، دۇبەيدە يېڭىدىن كاتتا بەش يۇلتۇزلۇق مېھمانساراي سېلىنىدىغان بولۇپ، بۇ مېھمانساراي 2018-يىلى رەسمىي تىجارەت باشلايدىكەن. بۇ مېھمانساراي لايىھەسىنىڭ...
01-02-2016
        ئامېرىكىنىڭ «پەن-تېخنىكا ئىچكى سىرى» ناملىق تور بېتىنىڭ 1-ئاينىڭ 18-كۈنىدىكى دوكلاتىغا قارىغاندا،كىشىلەر شەھەرگە يۈرۈش قىلغان بولۇپ، لېكىن يەر شارى بۇنىڭغا ئەگىشىپ چوڭايمايدىكەن. بۇ بىزنىڭ تۇرالغۇلىرىمىز بارغا...
01-02-2016
      شېنجىن شەھىرى لۇڭخۇا يېڭى رايونى مىنجى كوچىسىدىكى ئىككى بىنا چاپلىشپ قالدى. ئىگىلىنىشىچە، بۇ ئىككى بىنانىڭ ئارىلىقى ئەسلىدە بىر مېتىر قىلىپ سېلىنغان بولۇپ، ۋاقىت ئۆتكەنسېرى ئارىلىق يېقىنلاپ ئىككىلا بىنا قىيسىيىپ، ئىن...
26-01-2016
    ياپونىيە ئېقىم مەسىلىلىرى ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ 1-ئاينىڭ 26-كۈنىدىكى خەۋىرىدە مۇنداق دىيىلدى: «ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيەسى 1-ئاينىڭ 24-كۈنى، تەتقىق قىلىپ ياسىلىۋاتقان (دۇلدۇل)- KC-46A تىپلىق ھاۋادا ماي قاچىلاش ئايروپىلانى بىلە...
26-01-2016
«يەر شارى تورى ئۇنىۋېرسال خەۋىرى» رۇسىيە «گېزىت خەۋەرلىرى»نىڭ 26- يانۋاردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، نورۋېگىيە ساقچى تەرەپ، يېقىندىلا رۇسىيە چېگراسىدىن قېچىپ نورۋېگىيەگە چېگراسىغا كىرگەنلىكى ئۈچۈن قولغا ئېلىنغان 80 دىن كۆپرەك مۇساپىرنى قويۇپ...
14-01-2016
         ۋىكتور ئېنرىچ بارسېلونادىكى بىر 3D قۇرۇلۇش سۈرەت لايىھەلەش ئۇستىسى، ئۇ خېرىدارغا قۇرۇلۇش لايىھىسىنى تاپشۇرۇپ بولغاندىن كېيىن  قۇرۇلۇش پۈتكەندىن كېيىنكى ھەقىقىي ئۈنۈمنى كۆزىتىشكە قولايلىق بولسۇن ئۈچۈ...
12-01-2016
      11-يانۋار لەنجۇ شەھىرى چېڭگۈەن رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يېقىندا بۇ رايوندىكى ئاھالىلەر لەنجۇ جيۇجۇ ھەمكارلىق يېڭى كەنتى 2- رايونىدىكى 9-، 10- نومۇرلۇق ئولتۇراق بىنالاردا ئوخشىمىغان دەرىجىدە چا...
11-01-2016
     ئۈرۈمچى شەھىرىدە 1 – يانۋاردىن باشلاپ، تۇرالغۇ جامائەت فوندى ئارقىلىق ئۆي سېتىۋالغانلار تۇرالغۇ جامائەت فوندى يېڭى قەرز ئۆسۈم نىسبىتى بويىچە قەرز قايتۇرىدۇ.     ئۈرۈمچى شەھەرلىك تۇرالغۇ جامائ...
11-01-2016
    دۆلەت س س م ب باش ئىدارىسى يېقىندا «ئۆي-زىمىن سېتىش ئېلانىنى تارقىتىش بەلگىلىمىسى»نى ئېلان قىلدى، بۇ بەلگىلىمە 1- فېۋرالدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.     «بەلگىلىمە»دە ئۆي-زىمىن ئېلانلىرىدا ئىستىمالچى...
Powered by Leglek