پۇتى يوق كەنت دوختۇرى 15 يىلدا 24 ئورۇندۇق ئۇپراتتى

          خېچۈەن چىڭپىڭ بازىرى چادىيەن كەنتىدىكى ئامبۇلاتورىيە، 110-نومۇرلۇق ئۆلكىلىك تاشيولنىڭ يېنىغا جايلاشقان. بۇ ئامبۇلاتورىيەدە ئىككى پۇتى يوق بولغان بىر ئايال دوختۇر بار بولۇپ، ئۇ ماڭغاندا ئىككى قولىغا ئىككى ئورۇندۇقنى ئېلىپ ماڭىدىكەن. بۇنى كەنتتىكىلەر ناھايىتى نورمالدەك ھېس قىلىدىغان بولۇپ قالغان. بۇ 37 ياشلىق ئايال دوختۇر لى جۈخوڭ بۇ يەردە خەلق ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىۋاتقىلى 15 يىل بولغان. 15 يىلدىن بۇيان ئۇ 24 ئورۇندۇقنى ئۇپراتقان بولۇپ، ئالتە مىڭ قېتىمدىن ئارتۇق ئاسما ئوكۇل ئۇرغان. 

      1983-يىلى 3-ئاينىڭ مەلۇم بىر كۈنى چۈشتىن كېيىن، تۆت ياشلىق لى جۈخوڭ يەسلىدىن قايتىۋاتقاندا، بىر چوڭ يۈك ماشىنىسى سوقۇۋەتكەن. ئىككى پۇتى كېسىۋېتىلگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ پۇت قىسمى ئاران ئۈچ سانتىمېتىر قالغان. سەككىز يېشىدىن باشلاپ ئۇ كىچىك ئورۇندۇقنى تايىنىپ مېڭىشنى ئۆگەنگەن. 2000-يىلى، ئۇ كەسپىي كەسپىي مەكتەپتە ئوقۇپ مەخسۇس كۇرس دىپلومىغا ئېرىشكەن. 2001-يىلىدىن باشلاپ، ئۇ ۋادىيەن كەنتىدىكى ئامبۇلاتورىيەدە ئىشلەشكە باشلىغان.

         200-يىلى يىل بېشىدا، لى جۈخوڭ يېزا-كەنت دوختۇرى بولۇپ ئىككىنچى يىلى، قوشنىلارنىڭ تونۇشتۇرۇشى بىلەن ئۇ ئۆزىدىن ئىككى ياش چوڭ بولغان لىيۇ شىڭيەن بىلەن تونۇشقان ۋە توي قىلغان. تويدىن كېيىن ھەممە ئۆي ئىشلىرىنى يولدىشى قىلغان، يولدىشى ھەتتا كېيىن ئۆزىنىڭ ئەينەك زاۋۇتىدىكى خىزمىتىدىن ئىستىپا بەرگەن. ئۇلارنىڭ ئۆيى بىلەن ئامبۇلاتورىيەنىڭ ئارىلىقى 500 مېتىردەك كېلىدىغان بولۇپ، ئەگەر ئىككى كىچىك ئورۇندۇققا تايىنىپ يولغا چىقسا، لى جۈخوڭ يېرىم سائەتتە ئاندىن ئامبۇلاتورىيەگە كېلىدىكەن. بىخەتەرلىكنى ئويلىشىپ، يولدىشى ئۆيدە بولسىلا ئايالىنى ئاپىرىپ-ئەكىلىدىكەن.

     ۋادىيەن كەنتىدىكى 300 نەچچە ئائىلىدىكى مىڭدىن ئارتۇق كىشىنىڭ سالامەتلىكى لى جۈخوڭغا قاراشلىق ئىكەن. 15 يىلدىن بۇيان، ئەتتىگەن بېرىپ ئىشىكنى ئېچىش ئاللىقاچان ئۇنىڭ ئادىتىگە ئايلانغان. چۈشتە، لى جۈخوڭ چۈشتىن كېيىنلىك دورىلارغا تەييارلىق قىلماقتا.

      چۈشلۈك تاماقتىن كېيىن، لى جۈخوڭنىڭ يولدىشى ئۇنى يۈدۈپ تاغقا چىقىپ داۋالاشتىن كېيىنكى بىمارنى يوقلىغان. بۇ كەنتتە 60 ياشتىن يۇقىرى ياشانغانلار ئومۇمىي نوپۇسىنىڭ بەشتىن بىرىنى ئىگىلەيدىكەن. بەزى ياشانغانلارنىڭ ھەرىكەت قىلىشى ئەپسىز بولغاچقا، دوختۇرنىڭ ئىشىك ئالدىغىچە بېرىشىغا توغرا كېلىدىكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە داۋالىنىشتىن كېيىنكى يوقلاش مۇلازىمىتىدە دوختۇرنىڭ ئۆزى بېرىپ دىئاگنوز قويۇشى تەلەپ قىلىنىدىكەن. ۋادىيەن كەنتى تاغ تىزمىلىرىنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىغا جايلاشقان بولۇپ، بۇ يەرگە بىر مېيىپ دوختۇرنىڭ چىقىشى ئىنتايىن قولايسىز ئىكەن. شۇڭا ئۇنىڭ يولدىشى بۇنداق چاغلاردا ئۇنى يۈدۈپ ئېلىپ چىقىدىكەن.

      چۈشتىن كېيىن، لى جۈخوڭ بىر ياشانغان كىشىنىڭ ئۆيىگە بېرىپ سالامەتلىك تەكشۈرۈشى قىلغان. مەزكۇر ئامبۇلاتورىيەنىڭ باشلىقى ئۆزىنىڭ ئۇنىڭ ئورنىدا بولسا داۋاملاشتۇرۇش مۇمكىنچىلىكى ناھايىتى تۆۋەنلىكىنى ئېيتقان. ئامبۇلاتورىيەنىڭ ئىستاتىستىكا قىلىشىچە، ئۇ 15 يىلدا كىشىلەرگە ئالتە مىڭ قېتىمدىن ئارتۇق ئاسما ئوكۇل ئاسقان. ئلى جۈخوڭنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ ئىشلارنى ئۆزىنىڭ مەجبۇرىيتى دەپ قارايدىكەن ھەم بۇ خىزمەتنى يەنە داۋاملىق ئىشلەيدىكەن.



خەتكۈچلەر:
01-02-2016
يازغۇچى: كاككۇك
مەنبە: نۇر تورى
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
07-03-2016
ھەر كۈنى نۇرغۇن قىممەتلىك ۋاقتىنى سەرپ قىلىپ خىزمەت ئورنىدا ئاخبارات خەۋەرلىرى ئىزدىگۈچى كىشىلەر،دائىم مۇۋەپپەقىيەت قازانغۇچىلار مەڭگۈ دېمەيدىغان قايسى گەپلەر بار؟”دېگەندەك ماقالىلەرنى كۆرۈشكە ھېرىسمەن كېلىدۇ،مەن ئوز ئەمەلىيىتىم جەريانىد...
07-02-2016
         2016-يىلى 2-ئاينىڭ 6-كۈنى، لىياۋنىڭ ئۆلكىسى شېنياڭ شەھىرى، تۆمۈر يول غەربىي باغچىسىدا پەيدا بولغان بىر مايمۇن شاھ «ئالتۇن گۈرزە» ئوينىتىش ۋە ئېگىز بوشلۇقتا تىك موللاق ئېتىش قاتارلىق ئەپچىل ماھارەتلىرى بى...
07-02-2016
         2016-يىللىق چاغانلىق سەنئەت كېچىلىكى ئەڭ ئاخىرقى ۋاقىتنى تەتۈر ھېسابلاش باسقۇچىغا كىردى، يېقىندا «مايمۇن ئاغا چاغانلىق سەنئەت كېچىلىكىگە چىقامدۇ ياكى چىقمامدۇ» دېگەن تېمىنىڭ ئۈزلۈكسىز مۇلاھىزە قىلىنىشىغا...
07-02-2016
             ئەنگىلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 3-فېۋرالدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، يېقىندا، ئەنگىلىيەلىك بىر جۈپ ئاشىق-مەشۇق بالىلار ئۈچۈن ھەقىقىي شاھزادە بىلەن مەلىكە رولىنى ئېلىپ، تويغا كېرەكلىك ...
06-02-2016
         شۇ يەر ۋاقتى 2-ئاينىڭ 5-كۈنى، سۈرىيىنىڭ ھومىس شەھىرى (Homs) دىكى نادا مېھرى ۋە ھەسەن يۈسۈف ئىسىملىك يېڭى توي قىلغان بىر جۈپلەر ئۇرۇشنىڭ ۋەيرانچىلىقىغا ئۇچراپ خاراب قىلىۋېتىلگەن قۇرۇلۇشلارنى ئارقا كۆرۈنۈش...
06-02-2016
       يېقىندا 27 ياشلىق ئىتالىيەلىك ئەر ئارتىس رافائېل سشۇماشىېر پىسا تەجرىبە تىياتىرخانىسىدا تىياتىردىكى ئېسىلىپ ئۆلۈۋېلىش كۆرۈنۈشىنى ئورۇنلاۋاتقاندا خاتالىق يۈز بېرىپ بوغۇلۇپ ھوشىدىن كەتكەن. دوختۇرخانىغا جىددىي ئېل...
06-02-2016
جى چۈنخۇا 1961-يىلى7-ئاينىڭ 20-كۈنى جېجىياڭ ئۆلىكىسىنىڭ خاڭجۇ شەھرىدە تۇغۇلغان. ئۇ جۇڭگونىڭ داڭلىق چامباشىچى كىنو ئارتىسى. 1982-يىلى ئىشلەنگەن <شىياۋلىن ئىبادەتخانىسى> فىلىمى بىلەن كۆزىگە كۆرۈنگەن. 1993-يىلى ئىشلە...
06-02-2016
          2-ئاينىڭ 5-كۈنى، سەنشى ئۆلكىسى شىئەن شەھىرى شۇيۇەنمېن، بىلىكى يوق خەتتات-جىيا ۋېيجۈن موي قەلەمنى ئۈزۈلۈپ كەتكەن بىلىكىگە باغلىۋىلىپ <مايمۇن يىلى قۇتلۇق بولسۇن!>، <يېڭى باھار كۆڭۈلدىكىدەك بولسۇن...
06-02-2016
         2-ئاينىڭ 5-كۈنى، ۋۇخەن، ئۆزگەرتىپ قۇراشتۇرۇلغان بىر ماشىنا يول بويىغا توختىتىلىپ رادىئودا ئادەم ئىزدەۋاتقان بولۇپ، ماشىنىغا ئىزدەۋاتقان كىشىنىڭ رەسىملىرى ۋە قىسقىچە تونۇشتۇرۇلۇشى چاپلانغانىدى. بۇ 20 ياشل...
06-02-2016
         ئاشۋارىيا راي باچچان بىلەن يولدىشى ئابىشېك باچچاننىڭ نىكاھ تۇرمۇشىدا كىرىزىس كۆرۈلگەنلىكى بوللىۋود ئۈچۈن سىر ئەمەس. بۇ ئاساسلىق ئاشۋارىيا بىلەن ئابىشىكنىڭ مۇھەببىتىنىڭ ئەسلىدىن مۇستەھكەم ئەمەسلىكى، تېخىم...
Powered by Leglek