29-نويابىر ھۆكۈم ئاياغلاشقاندىن كېيىن مۇبارەك ئايروپىلان بىلەن دوختۇرخانىغا قايتىش ئالدىدا(ماتېرىيال سۈرەت)
جۇڭگو ئاخبارات تورى 3-دېكابىر تېلېگراممىسى : مىسىرنىڭ باش تەپتىشى ھىسامنىڭ بىلدۈرۈشىچە ، تەپتىش تەرەپ تەكشۈرۈش ئارقىلىق مىسىر سوتى سابىق زۇڭتۇڭ مۇبارەكنىڭ نامايىشچىلارنى قەستلەپ ئۆلتۈرۈش ۋە چىرىكلىك دېلوسى ھەققىدە چىقارغان ھۆكۈمىدە نۇقسان بار دەپ قارىغانلىقتىن ، ئالىي سوت مەھكىمىسىگە ئەرز سۇنۇشنى قارار قىلغان .
مىسىر سوتى 29-نويابىر سابىق زۇڭتۇڭ مۇبارەكنىڭ نامايىشچىلارنى قەستلەپ ئۆلتۈرگەنلىك دېلوسى كۈچكە ئىگە ئەمەس ، مۇبارەك گۇناھسىز، دەپ ھۆكۈم چىقارغان . بۇنىڭدىن باشقا، مىسىرنىڭ سابىق ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى ھابىب ۋە ئۇنىڭ ئالتە نەپەر ياردەمچىسىنىڭ نامايىشچىلارنى قەستلەپ ئۆلتۈرگەنلىك دېلوسى ۋە مۇبارەكنىڭ ئىككى ئوغلى بىلەن بىرلىكتە ئىسرائىلىيەگە تۆۋەن باھادا تەبىئىي گاز ئېكىسپورت قىلىپ پايدا ئالغانلىق دېلوسىنىمۇ كۈچكە ئىگە ئەمەس ، دەپ ئېلان قىلغان . بۇ ھۆكۈم مىىسىردا بەس-مۇنازىرە پەيدا قىلغان .
مۇبارەك 1975-يىلى ئاپرېلدا مىسىرنىڭ مۇئاۋىن زۇڭتۇڭلۇقىغا سايلانغان ، 1981-يىلى ئۆكتەبىردە زۇڭتۇڭ بولغان . شۇنىڭدىن باشلاپ ئۇ ئىلگىرى-ئاخىر بولۇپ ئۇدا تۆت نۆۋەت زۇڭتۇڭ بولغان . 2011-يىلى 11-فېۋرال 18 كۈنلۈك كەڭ كۆلەملىك نامايىشنىڭ بېسىمى ئاستىدا ئۇ زۇڭتۇڭلۇقتىن ئىستېپا بېرىپ ، 30 يىلغا يېقىن سوزۇلغان ھاكىمىيىتىنى ئاياغلاشتۇرغان .
مۇبارەك ‹‹ھوقۇقىدىن قالايمىقان پايدىلانغان ، چىرىكلەشكەن ، نامايىشچى ئاممىنى قەستلەپ ئۆلتۈرگەن ›› دېگەن گۇمان بىلەن 2011-يىلى ئاۋغۇستتىن باشلاپ سوتلىنىشقا باشلىغان ۋە مىسىر تارىخىدىكى سوتقا چۈشكەن تۇنجى دۆلەت رەھبىرى بولۇپ قالغان .
مۇبارەك تەختتىن چۈشكەندىن كېيىن ، مىسىردا تۇنجى قېتىم خەلق سايلىمى ئېلىپ بېرىلغان . بىراق سايلامدا غەلىبە قىلىپ زۇڭتۇڭ بولغان مۇسۇلمان قېرىنداشلار جەمئىيىتىنىڭ رەھبىرى مۇرسى يەنە كەڭ كۆلەملىك نامايىشقا ئۇچرىغان ھەم ھەربىي تەرەپ رەھبىرى سىسى تەرىپىدىن تەختتىن چۈشۈرۈلگەن . بۇ يىل مايدا ئېلىپ بېرىلغان زۇڭتۇڭ سايلىمىدا سىسى زۇڭتۇڭ بولۇپ سايلانغان ھەم مۇسۇلمان قېرىنداشلار جەمئىيىتىنى كەڭ كۆلەمدە باستۇرۇپ ، بۇ جەمئىيەتنىڭ نەچچە مىڭ ئەزاسىنى تۈرمىگە تاشلىغان ، نەچچە يۈز ئەزاسىغا ئۆلۈم جازاسى بەرگەن.
![]() |
شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 10-كۈنى، برازىلىيە سان پاۋلو، برازىلىيە پرېزىدېنتى روسېفنىڭ قوللىغۇچىلىرى 27 ئىشتاتتىكى 14 تاشيولنى قامال قىلىپ، بالون كۆيدۈرۈش ئارقىلىق روسېفنى ئەيىبلەشكە قارشى تۇردى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved