ھىلارى زۇڭتۇڭلۇق تەختىدىن قانچىلىك يىراق؟

ئامېرىكىنىڭ سابىق دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى، دىموكراتلار پارتىيەسى ئەزاسى ھىلارى كىلىنتون 12-ئاپرېل 2016-يىللىق زۇڭتۇڭ سايلىمىغا قاتنىشىدىغانلىقىنى جاكارلىدى ھەمدە ئاددىي ئامېرىكا ئاممىسى مەنپەئەتىنىڭ قوغدىغۇچىسى بولىدىغانلىقى توغرىسىدا ۋەدە بەردى. بۇ ئامېرىكىنىڭ بۇ سابىق بىرىنچى خانىمى ۋە ئۇنىڭ سايلام ئەترىتىنىڭ زۇڭتۇڭ سايلىمى تەييارلىقىنى باشلىۋەتكەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.
دىموكراتلار پارتىيەسىدە، ھىلارى ئەزەلدىن ھەممە قايىل بىردىنبىر نامزات. ئامېرىكا سىملىق تېلېۋىزىيە ئاخبارات تورى ئالدىنقى ئايدا ئېلان قىلغان ئەلرايى تەكشۈرىشىدە كۆرسىتىلىشىچە، ھىلارىنىڭ زۇڭتۇڭلۇق سايلىمىغا قاتنىشىشىنى قوللاش نىسبىتى دىموكراتلار پارتىيسى ئىچىدە ئالدىنقى قاتاردا تۇرۇپلا قالماستىن، جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىدىكى قىززىق نامزات، بۇش جەمەتىدىن بولغان جېب بۇش بىلەن بولغان رېقابەتتىمۇ ئۇتۇپ چىقىپ، ئاياللارنىڭ كۈچىنى نامايەن قىلغان.
ھازىرقى ئەھۋالدىن قارىغاندا، ھىلارى سايلامغا قاتنىشىدىغانلىقىنى جاكارلىغاندىن كېيىن، دىموكراتلار پارتىيەسىنىڭ ئىچكى قىسمىدا باشقا نامزاتلارنىڭ چىقىشى ناتايىن، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنىڭغا ئاسان توختىدى، دېيىشكە بولىدۇ.
بۇ ھىلارىنىڭ ئىككىنچى قېتىم زۇڭتۇڭلۇق سايلىمىغا قاتنىشىشى. 2008-يىلى ئۇ زۇڭتۇڭ سايلىمىغا قاتنىشىدىغانلىقىنى جاكارلىغان، ئەمما دىموكراتلار پارتىيەسىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى دەسلەپكى سايلامدا يەنە بىر نامزات، ھازىرقى زۇڭتۇڭ ئوباماغا يېڭىلىپ قالغان. ئۇ مەغلۇب بولغان بولسىمۇ، ئۇنىڭ قالتىس ئىقتىدارى ۋە كۈچلۈك سىياسىي تەسىرى يېڭى زۇڭتۇڭ ئوبامانى قايىل قىلغاچقا، ئامېرىكىنىڭ 67-نۆۋەتلىك دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى بولغان.
بەلكىم ئۇنىڭ بەل قويۇۋەتمەيدىغان ئىرادىسى ۋە يېڭىلگىنىگە تەن بەرمەيدىغان مىجەزى ئاممىنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشكەن بولۇشى مۇمكىن. ئامېرىكا تاراتقۇلىرى يېقىندا تاماملىغان 2016-يىللىق زۇڭتۇڭ نامزاتلىرىنىڭ جەلبكارلىق رايىنى تەكشۈرۈشتە، ھىلارى %43لىك قوللاش نىسبىتى بىلەن بىرىنچى ئورۇندا تۇرغان، جېب بۇش %37لىك قوللاش نىسبىتى بىلەن ھىلارىدىن كېيىنلا تۇرغان. ئامېرىكىلىقلارنىڭ %67ى ھىلارى كۈچلۈك رەھبەر دەپ قارىغان، يەنە %60 كىشى ئۇنىڭدا دۆلەتنىڭ كەلگۈسىگە نىسبەتەن يېڭى ئوي بار، دېگەن.
ھىلارىنىڭ يۇقىرى قوللاش نىسبىتى ئۇنىڭ ئامېرىكىنىڭ دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى بولغان مەزگىلدىكى سىياسىي ھاياتى ۋە كىشىلەرنىڭ ئامېرىكىدا تۇنجى ئايال زۇڭتۇڭ بارلىققا كېلىشكە بولغان ئۈمىدىدىن كەلگەن. بۇندىن باشقا ھىلارىغا يەنە ئىككى زۇڭتۇڭ ھەمدەم بولىدۇ.

ئالدى بىلەن، ئۇنىڭ يولدىشى كىلىنتون پارتىيە ئىچىدىكى تەسىرىدىن كۈچىنىڭ بېرىچە پايدىلىنىپ ئۇنىڭغا مەدەت بېرىدۇ. كىلىنتون بۇرۇن ئاشكارە ھالدا: ھاياتىمدا ئامېرىكىدا بىر ئايال زۇڭتۇڭنىڭ چىقىشىنى ئۈمىد قىلىمەن، دېگەن. شۇڭا ئۇنىڭ ھىلارىدىن كۈتىدىغان ئۈمىدى ناھايىتى ئېنىق. ئىككىنچى، ھازىرقى زۇڭتۇڭ ئوباما بۇلتۇر ئامېرىكا تاراتقۇلىرىغا سابىق دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى ھىلارى 2016-يىللىق زۇڭتۇڭ سايلىمىدىكى كۈچلۈك رىقابەتچى بولىدۇ، ئەگەر ئۇ ئىككىنچى قېتىم زۇڭتۇڭ سايلىمىغا قاتنىشىشنى قارار قىلسا، ئۇلۇغ زۇڭتۇڭ بولۇش پۇرسىتىگە ئېرىشىدۇ، دېگەن. يۇقارقى ئىككى مۇھىم شەخسنىڭ مەدىتى بىلەن ھىلارىنىڭ سايلام يولى تېخىمۇ ئوڭۇشلۇق بولىدۇ.
ھىلارىنىڭ دىموكراتلار پارتىيەسىگە ۋەكالىتەن زۇڭتۇڭ سايلىمىغا قاتنىشىشى مۇقىملىشىپ قالغان بولسىمۇ، ئۇنىڭ ئوڭۇشلۇق ھالدا دىموكراتلار پارتىيەسىنىڭ نامزاتى بولۇپ زۇڭتۇڭ سايلىمىدا غەلىبە قىلىپ، ئامېرىكا تارىخىدىكى تۇنجى ئايال زۇڭتۇڭ بولۇش بولالماسلىقىدا يەنە جامائەتچىلىك جېڭى، سايلام مەبلىغى توپلاش، ياش قاتارلىق نۇرغۇن سىناقلار بار.
يېقىندا تاراتقۇلار ھىلارى دۆلەت ئىشلىرى كاتىپىلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقاندا شەخسى ئېلخەت ئارقىلىق ھۆكۈمەت ئېشىنى بېجىرگەن «ئىلخەت ۋەقەسى»نى ئاشكارىلىدى. بەزى ئەلرايىنى تەكشۈرۈشتە كۆرسىتىلىشىچە، بۇ ئىشنىڭ تەسىرىدە ھىلارىنىڭ قوللاش نىسبىتى ئاز-تولا تۆۋەنلىگەن. بەزى سايلىغۇچىلار ھىلارىنىڭ بۇ قىلمىشى ئۇنىڭ «سەمىمىي ئەمەسلىكى، ئىشىنىشكە ئەرزىمەيدىغانلىقى»نى كۆرسىتىدۇ، دېگەن.
تەھلىلچى ئەرباپلار مۇنداق دەپ قارىدى: «ئېلخەت ۋەقەسى»دىن باشقا، جۇمھۇرىيەتچىلەر يەنە 2012-يىلى ئامېرىكىنىڭ بەنغازىدىكى كونسۇلخانىسىنىڭ ھۇجۇمغا ئۇچراش ۋەقەسى، كىلىنتون فوند جەمئىيىتىنىڭ چەتئەل ئىئانە پۇلىنى قوبۇل قىلغانلىقى قاتارلىقلارنى باھانە قىلىپ ھىلارىغا ھۇجۇم قىلىدىكەن.
بۇندىن باشقا، ھىلارى دۇچكېلىدىغان سايلام مەبلىغى توپلاش بېسىمىمۇ خېلى ئېغىر. كىشىلەر ھىلارىنىڭ سايلام ئەترىتى ئاز دېگەندە بىر مىليارد ئامېرىكا دوللىرى خىراجەت توپلىشى كېرەك، دەپ مۆلچەرلىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھىلارى يەنە ياش ۋە ساغلاملىق جەھەتتىمۇ ئاجىز كېلىدۇ. 1947-يىلى تۇغۇلغان ھىلارى يەتمىشكە يېقىنلىشىپ قالدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە 2012-يىلى ئۇنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالى ياخشى ئەمەسلىكى توغرىسىدا خەۋەرلەر تارقالغان.



خەتكۈچلەر:
14-04-2015
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
13-05-2016
         ئەنگلىيە «مۇستەقىللىق گېزىتى»نىڭ 5-ئاينىڭ 12-كۈنىدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئىراننىڭ رايونلۇق پارلامېنت ئەزاسى سايلىمىدا غەلىبە قىلغان ئايال سىياسىي ئەربابىنىڭ ئاممىۋى سورۇندا ياغلىق...
13-05-2016
         دېزۇلتى چوڭ سايلامدا غەلبە قىلىپ فىلىپپىن زۇڭتۇڭى بولغاندىن كېيىن، دۋاۋ شەھىرىدىكى يەرلىك سايلام نەتىجىسىمۇ 11- ماي رەسمىي ئېلان قىلىندى، بۇ سايلامدا دېزۇلتىنىڭ قىزى ۋە ئوغلى ئايرىم-ئايرىم...
13-05-2016
        شۇ جاي ۋاقتى 2016-يىلى 12-ماي ، ئۇكرائىنانىڭ كيېۋ، ئۇكرائىنا پارلامېنتى باش تەپتىشنى سايلاۋاتقاندا، ئۇكرائىنا رادىكاللار پارتىيەسىنىڭ پارلامېنت ئەزالىرى بىلەن پوروشېنكو ئىتتىپاقى پارلامېنت ئەزال...
13-05-2016
       11- ماي برازىلىيە ئالىي پالاتاسى ئالاھىدە قىزىپ كەتتى، جەمئىي 81 پالاتا ئەزاسى ئىچىدىكى 78 پالاتا ئەزاسى زۇڭتۇڭ روسىفنى ئەيىبلەش توغرىسىدىكى بېلەت تاشلاش پائالىيىتىگە قاتناشتى. نەتىجىدە 55 ئاۋازنىڭ قوللىشى، 22 ...
13-05-2016
          شۇ يەر ۋاقتى 5-ئاينىڭ 12-كۈنى، 21 سائەتكە سوزۇلغان بېلەت تاشلاشتىن بۇرۇنقى باياناتتىن كېيىن، برازىلىيە كېڭەش پالاتاسى 5-ئاينىڭ 12-كۈنى سەھەردە زۇڭتۇڭ رۇسسېفقا قارىتىلغان ئەيىبلەش دوكلاتىنى ماقۇللىغان بو...
13-05-2016
     ئامېرىكا ساقچىلىرىنىڭ قولغا ئېلىشىدىن ئەنسىرىگەنلىكتىن، خەلقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىنىڭ سابىق رەئىسى بلاتتېر فىرانسىيەگە بېرىپ نەق مەيداندا 2016-يىللىق ياۋروپا لوڭقىسى مۇسابىقىسىنى كۆرۈشنى رەت قىلدى.   &...
12-05-2016
      فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ 5- ئاينىڭ 11- كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، قاتار تەرەققىيات پىلانلاش ۋە سىتاتىستىكا مىنىستىرلىكى 5- ئاينىڭ 11- كۈنى بۇ دۆلەتنىڭ سۇ ئىشلىتىش سانلىق مەلۇماتىنى ئېلان قىلغان. 2006-...
12-05-2016
      برازىلىيە كېڭەش پالاتاسى 12- ماي ئەيىبلەش دوكلاتىنى ماقۇللاپ، زۇڭتۇڭ روسىفنى 180 كۈنى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرماقچى بولغان.       فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۇزۇنغا سوزۇلغان...
12-05-2016
      كورىيە تاراتقۇلىرىنىڭ 5- ئاينىڭ 12- كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما 27- ماي ياپونىيەنىڭ خىرۇسىم ئارىلىغا زىيارەتكە بارىدىكەن، شۇ مۇناسىۋەت بىلەن كورىيەدىكى كۆپلىگەن ئەل ئىچى تەشكىلاتلىرى ئ...
12-05-2016
      ياپونىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، شۇ جاي ۋاقتى 5- ئاينىڭ 12- كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 1 دىن 32 مىنۇت ئۆتكەندە ياپونىيەنىڭ نېمۇرو يېرىم ئارىلىغا يېقىن دېڭىزدا 4.8 بال يەر تەۋرىگەن، بەختكە يارىشى بۇ قېتىمقى يەر تە...
Powered by Leglek