ئالىملار سىرلىق تاشقىي پىلانىت سېگىنال دولقۇنىنى بايقىدى


تېڭشۈن تورى خەۋىرى، لەگلەك تورى تەرجىمىسى:
ئۈزۈندە: ئاستىرونومىيە ئالىملىرى يېقىندا سىرلىق سېگىنال دولقۇنىنى بايقىدى، بەزى كىشىلەر بۇنى تاشقىي پىلانىت ئەقلىي جانلىقلىرىنىڭ ئىنسانلار بىلەن ئالاقە قىلىشقا ئۇرۇنۇشى دەپ قارىدى.
   چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 1967 – يىلى ئەنگلىيە ئاستىرونومىيە ئالىمى چاسلىنبىر قۇياش سىستېمىسى سىرتىدا بىر تۈركۈم ئۈلۈكسىز سېگىنال دولقۇنىنى بايقىغان ۋە ناھايىتى ھەيران قالغان. ئەينى چاغدا ئۇ بۇ سېگىنالنى تاشقىي پىلانېتا ئەقلىي جانلىقلىرىنىڭ تاراتقان سېگىنالى دەپ قارىغان، بىراق كېيىن باشقا ئالىملار ئۇنىڭ پەقەت بىر خىل يۇقىرى سۈرئەتلىك ئايلانما يۇلتۇزلار قويۇپ بەرگەن سېگىنال دولقۇنى ئىكەنلىكىنى، ئۇ خىل ئايلانما يۇلتۇزلارنىڭ ناھايىتى قانۇنىيەتلىك، دەۋرىيلىكى كۈچلۈك سېگىنال تارقىتالايدىغانلىقىنى ئىسپاتلىغان. لېكىن، 2007 يىلى ئاستىرونوملار يەنە بىر تۈركۈم ئوخشاش تىپتىكى سىرلىق دەۋرىي سېگىنال بايقىغان. شۇنداقلا ئۇنىڭىغا "يۇقىرى سۈرئەتلىك ئېلېكتىر چاستوتا دولقۇنى" دەپ نام بەرگەن. بۇ يىل 4 – ئايدا يەنە شۇنىڭغا ئوخشىشىپ كېتىدىغان سىرلىق سېگىنال دولقۇنى بايقالدى. بۇنىڭغا قارىتا ئالىملار تەھلىل يۈرگۈزۈپ "نېيىترون يۇلتۇزلارنىڭ سوقۇلۇشىدىن ھاسىل بولغان ياكى تاشقىي پىلانىت ئەقلىي جانلىقلىرى مەقسەتلىك تاراتقان" دەپ قارىدى.  

Parkes ۋە Puerto Rico ئېلىكتېر چاستوتىلىق ئالەم تىلسىكوپلىرىدا ئوخشاشلا بۇ سىرلىق سېگىنال بايقالغان.

Parkes ۋە Puerto Rico ئېلىكتېر چاستوتىلىق ئالەم تىلسىكوپلىرىدا ئوخشاشلا بۇ سىرلىق سېگىنال بايقالغان.

سىرلىق سېگىنال 2007 – يىلى بايقالغان، بۇ يىلى 4 – ئايدا يەنە بايقالدى.

سىرلىق سېگىنال 2007 – يىلى بايقالغان، بۇ يىلى 4 – ئايدا يەنە بايقالدى.

 

بۇ قېتىمقى سىرلىق سېگىنال دولقۇنى ئالىملارنى يەنە بىر قېتىم ماھىيەتنى چۈشەندۈرشكە ئامالسىز قالدۇردى. بەلكىم، ئۇلار ئىزچىل ھالدا "يېڭى ئالەم جىسىملىرىنىڭ تاسادىپىي ھەرىكىتىدىن پەيدا بولغان" دەپ قاراپ كەلگەن بۇ سېگىنال دەل تاشقىي پىلانېتا ئەقلىي جانلىقلىرى تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەن بولۇشى مۇمكىن. يۇقىرىقى 2 – رەسىمدە، 2007 – يىلى ئاستىرونۇم دېڭ كېىن ۋە ئۇنىڭ تەتقىقات گۇرۇپپىسى بايقىغان سىرلىق سېگىنال دولقۇنى كۆرسىتىلگەن. سېگىنال نېيترون يۇلتۇزلارنىڭ سوقۇلىشىدىن ياكى تاشقىي پىلانېتا ئەقلىي جانلىقلىرىنىڭ تارقىتىشىدىن كەلگەن بولۇشى مۇمكىن ئىكەن. سېگىنال مەنبە ئارلىق تەھلىلىدە كۆرسىتىلىشىچە، 2007 – يىلىدىكى سىرلىق سېگىنال مەنبەسى بىزدىن تەخمىنەن بىر مىليارد نۇر يىلى يىراقلىقتا ئىكەن. بۇ قەدەر سىرلىق سېگىنال ئالىملارنى تېگ
ى – تەكتىدىن چۈشەندۈرۈشكە ھەقىقەتەن ئامالسىز قالدۇرغان، شۇڭا ئۇلار بەلكىم ئالەم تىلسكوپىدا مەسىلە كۆرۈلگەن بولۇشى مۇمكىن دەپ قارىغان.
بۇ سىرلىق سېگىنالغان نىسبەتەن Puerto Rico ئاستىرونومىيە پونكىتىدىكى ئالىملارمۇ سېگىنالنىڭ ھەقىقەتەن سامان يولى سىستېمىسى سىرتىدىن كەلگەنلىكىنى جەزىملەشتۈرگەن. ھازىرغىچە ئالىملار بىرقانچە ئىھتىماللىقنى ئوتتۇرىغا قويدى، مەسىلەن: قۇيرۇقلۇق يۇلتۇزلارنىڭ بىرىكىشىدىن ھاسىل بولغان – يۇقىرى سۈرئەتتە پىرقىرايدىغان قۇيرۇقلۇق يۇلتۇزلار بېرىككەندە ئىنتايىن كۈچلۈك بولغان سېگىنال دولقۇنى قويۇپ بېرىشى مۇمكىن؛ نېيىترون يۇلتۇزلىرى ئۆز – ئارا سوقۇلۇش ئارقىلىق يۇقىرى رادىئاكسىيلىك سېگىنال دولقۇنى ۋە يۇقىرى ئېنىرىگىيلىك گاما نۇرچىلىرىنى قويۇپ بېرىشى مۇمكىن. بۇلارمۇ يۇقىرى چاستوتىلىق سېگىنال دولقۇنى مەنبەسى بولالايدۇ؛ بۇنىڭدىن سىرت، نېيترون يۇلتۇزلىرى قارا ئۆڭكۈر تەرىپىدىن سۈمۈرۈلگەندىمۇ كۈچلۈك سېگىنال دولقۇنى قويۇپ بېرەلەيدۇ.
ئاۋىستىرالىيەنىڭ شەرقىي قىسمىغا جايلاشقان Parkes ئالەم تىلسىكوپىدىن باشقا Puerto Rico دىكى ئالەم تىلسىكوپىمۇ ئوخشىشىپ كېتىدىغان سىرلىق سېگىنال دولقۇنىنى بايقىغان. بۇ خىل ئەھۋال مەزكۇر سىرلىق دولقۇننىڭ ئاددىيلا ئالەم جىسىملىرى ھەىكىتىدىن كېلىپ چىقمىغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ، شۇنداقلا، تاشقىي پىلانىتىنىڭ غايەت زور ئالاقە تورى تەرىپىدىن مەقسەتلىك تارقىتىلغان سېگىنال دولقۇنى ئىكەنلىكىنى چەتكە قاقمايدۇ. چۈنكى، پايانسىز ئالەم ئەقلىي جانلىقلارغا تولغان.
ئەلۋەتتە نۆۋەتتە نېيترون يۇلتۇزلىرىنىڭ بېرىكىشى بىر قەدەر ئەقىلگە مۇۋاپىق بولغان چۈشەندۈرۈش ھېسابلىنىدۇ. نېيترون يۇلتۇزلىرى بېرىكىش ئارقىلىق قىسقىغىنا نەچچە سېكۇنت ئىچىدە يەر شارى ماگىنت دولقۇنىنىڭ نەچچە يۈز مىليارد ھەسسىگە باراۋەر ماگىنت مەيدانى ھاسىل قىلالايدىغان سېگىنال دولقۇنى قويۇپ بېرەلەيدۇ. بىراق، تاشقىي پىلانېتا ئەقلىي جانلىقلىرىنىڭ مۇمكىنچىلىكىمۇ يوق ئەمەس، بۇ قېتىمقى سىرلىق سېگىنال تېخىچە بىر سىر ھېسابلىنىدۇ.

 



خەتكۈچلەر:
20-05-2014
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
11-06-2016
IT ئائىلىسى تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:    چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، سامسۇڭنىڭ يېڭى نۇسخىدىكى تاقىما ئۈسكۈنىسى-Gear Fit 2 بۈگۈندىن باشلاپ پارچە سېتىش دۇكانلىرىغا رەسمىي كىرگۈزۈلىدىكەن.  ...
10-06-2016
جۇڭگو ئاخبارات تورى 10- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     جۇڭگو ليەنشياڭ گۇرۇھىنىڭ 2- نۆۋەتلىك يەر شارى پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش يىغىنى شۇ جاي ۋاقتى 9- ئىيۇن سان فرانسىسكو شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى،...
28-05-2016
    5-ئاينىڭ 26-كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن جۇڭگو ئالەم قاتنىشى يېڭىلىق يارىتىش تەرەققىيات ئەھۋالىدىن تاراتقۇلارنى خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنىدا، دۆلەت مۇداپىيە پەن-تېخنىكا سانائىتى ئىدارىسىنىڭ ئىنژىنېرى، دۆلەت ئالەم قاتنىشى ئىدارىسىنىڭ باش كا...
28-05-2016
    ئۆتكەن يىلى 12-ئايدا ئادىداس گېرمانىيەدە SpeedFactory ناملىق پۈتۈنلەي ئاپتوماتىك زاۋۇتنى سىناق يۈرگۈزىدىغانلىقىنى ئېيتقان. بۇ يىل 5-ئاينىڭ 24-كۈنى ئادىداس ئاخىرى سانائەت ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىنى ئاغدۇرۇۋىتەلەيدىغان گېر...
28-05-2016
    تۈنۈگۈن تورداشلارنىڭ ئاشكارىلىشىچە، بەيدۇ  ۋە سوگۇ كىرگۈزگۈچى تورغا ئۇلاقلىق ئەھۋالدا ئىشلەتكۈچىلەر ئۇرغان خەت ئۇچۇرىنى مۇلازىمېتىرغا يوللاپ بېرىدىكەن ھەمدە ھەممىسىنى ئاشكارا يوللاپ بېرىدىكەن. بۇ خاككېرلارنىڭ ئىشلەتكۈچ...
28-05-2016
    تېڭشۈن تورىنىڭ 5-ئاينىڭ 27-كۈنىدىكى خەۋىرى، ئىككى يىل ئىلگىرى ئامېرىكا فېدېراتسىيەسى ئالاقە كومىتېتى قانۇنسىز يان تېلېفون سىگنالىغا كاشىلا قىلغۇچنى ساتقان جۇڭگو ئېلېكتىرونلۇق مەھسۇلات ياساش سودىگىرى CTS پەن-تېخنىكا شىر...
28-05-2016
     تاراتقۇلارنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، دۆلەت ئىچىدىكى chi wei شىركىتى يېڭىدىن windows 10/android5.1 قوللايدىغان قوش سىستېمىلىق تاختا كومپيۇتېر ئېلان قىلغان بولۇپ، HiBook Pro تاختا كومپيۇتېرىغا ئاليۇمىن مېتاللار ئىشلىت...
28-05-2016
1991T تورىنىڭ 27-ماي خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:     IDC نىڭ ئەڭ يېڭى پەرىزىگە ئاساسلانغاندا، 2019-يىلىغا بارغاندا زور سانلىق مەلۇمات ۋە كەسپىي ئانالىزنىڭ يىللىق كىرىمى 2015-يىلدىكى 112 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىدىن 187 مىل...
28-05-2016
شىنخۇا تورى 28- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، نۆۋەتتە گېرمانىيەلىك ئالىملار بىر خىل سۈنئىي نېرۋا سىستېمىسىنى تەتقىق قىلىۋاتقان بولۇپ، ئۇلار بۇ ئارقىلىق ماشىنا ئاد...
28-05-2016
سىنا تورى پەن تېخنىكا قانىلىنىڭ 27-ماي چۈشتىن كېيىنكى خەۋىرى: باغداش تورىدىن لوقمان تەرجىمىسى     5-ئاينىڭ 27-كۈنى، سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىسىتىرلىقى ئېلان قىلغان تېلېگراف مۇلازىمەت سۈپىتى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشىدا كۆ...
Powered by Leglek