ئوباما IS نىڭ سەككىز نەپەر باشلىقىنىڭ ئىسمىنى ئاتىدى

       ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، شۇ جاي ۋاقتى 15-دېكابىر ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما ئامېرىكىنىڭ تېررورلۇق تەشكىلات «ئىسلام دۆلىتى»گە زەربە بېرىش سالمىقىنى زورايتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ «ئىسلام دۆلىتى» تەشكىلاتىنىڭ 8 نەپەر باشلىقىنىڭ ئىسمىنى ئاتاپ:«سەن دەل كېيىنكىسى» دېگەن.

   خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، ئوباما كۆرۈنەرلىك ھالدىكى كەسكىن تەلەپپۇزدا «ئامېرىكا ۋە ئامېرىكىنىڭ ئىتتىپاقداشلىرى ئىراق ۋە سۈرىيەدىكى ‹ئىسلام دۆلىتى› تەشكىلاتىنىڭ رادىكال ئۇنسۇرلىرىغا جەڭ ئېلان قىلىدۇ» دېگەن، ئەمما ئۇ زەربە بېرىش ھەرىكىتىنىڭ ئامال بار تېز ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلىشى كېرەكلىكىنى ئېتىراپ قىلغان.

   بۇ ئوبامانىڭ ئۆتكەن 8 كۈن ئىچىدە تېررولۇق ۋەزىيىتى ھەققىدە ئىككىنچى قېتىم سۆز قىلىشى ھېسابلىنىدۇ. ئۇ بەش بۈرجەكلىك بىنادا دۆلەت خەۋپسىزلىك كومىتېتى يىغىنى ئاچقاندىن كېيىن مۇخبىرغا مۇنداق دېدى:«بىز ‹ئىسلام دۆلىتى› تەشكىلاتىغا تارىختىن بۇيانقى ئەڭ قاتتىق زەربىنى بېرىمىز. بىز يادرولۇق قىسمىغا زەربە بېرىۋاتىمىز، بىز يەنە ‹ئىسلام دۆلىتى› تەشكىلاتىنىڭ باشقا دۆلەتكە تېررورىزم ۋە تېررورىزم ئىدىئولوگىيەسىنى تارقىتىشىنى توسۇشقا كاپالەتلىك قىلىمىز.»      

ئامېرىكىنىڭ شتاب باشلىقلىرى بىرلەشمە يىغىنىنىڭ رەئىسى دۇرنفوردمۇ «ئىسلام دۆلىتى› تەشكىلاتىنىڭ ئىدىئولوگىيە تەشۋىقاتىغا زەربە بېرىش سالمىقىنى كۈچەيتىش لازىملىقىنى تەكىتلىدى. ئۇ 15-دېكابىر ۋاشىنگتوندىكى بىر دۆلەت خەۋپسىزلىك مۇنبىرىدە:«مېنىڭچە بىزنىڭ نۆۋەتتە قىلالايدىغىنىمىز بەلكىم پەقەت C ياكى D دەرىجىلىك بولۇشى مۇمكىن» دېدى.

   ئۇنىڭدىن باشقا، ئوباما «ئىسلام دۆلىتى»گە زەربە بەرگۈچى خەلقئارالىق ئىتتىپاققا ئەزا دۆلەتلەردىن بۇ تەشكىلاتقا تېخىمۇ ئىچكىرىپ بېسىم ئىشلىتىشكە مۇراجەت قىلدى. ئۇ ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى كاتنى يېقىندا ئوتتۇرا شەرق رايونىغا بېرىپ، ئالاقىدار تەرەپلەر بىلەن كېيىنكى باسقۇچلۇق ھەربىي ھەرىكەتنى ماسلاشتۇرۇشقا ئەۋەتىدۇ.

   ئوباما مۇنۇلارنى بىلدۈردى:«ئامېرىكىنىڭ داۋاملىق بېسىم ئىشلىتىشى ئارقىسىدا، ‹ئىسلام دۆلىتى› تەشكىلاتىنىڭ ئىراق ۋە سۈرىيەدىكى كونترول دائىرىسى ئۈزلۈكسىز تارايدى ھەمدە بىرتەرەپتىن جەڭ قىلىپ بىر تەرەپتىن چېكىنىش ھالىتى كۆرۈلدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە بۇ تەشكىلاتنىڭ ئىچكى قىسمىدىمۇ بوشاش ئەھۋالى كۆرۈلدى، ئىلگىرى خادىملار ئاسىيلىق قىلىش، قېچىپ كېتىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلگەن.»

   ئوباما «ئىسلام دۆلىتى»نىڭ سەككىز نەپەر باشلىقىنىڭ كېيىنكى قېتىملىق خەلقئارالىق قىسىمنىڭ ئۆلتۈرۈش نىشانى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ:«‹ئىسلام دۆلىتى›نىڭ باشلىقلىرى يوشۇرۇنۇۋالالمايدۇ، بىزنىڭ ئۇلارغا بەرگەن سىگنالىمىز ناھايىتى ئاددىي:‹كېيىنكىسى سەن›» دېدى.

   ئىگىلىنىشچە، ھازىرغا قەدەر ئامېرىكا رەھبەرلىكىدىكى بىرلەشمە ئارمىيە جەمئىي 9000 قېتىمغا يېقىن ھاۋا ھۇجۇمى قوزغاپ، نۇقتىلىق ھالدا «ئىسلام دۆلىتى» تەشكىلاتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىنى «يوقاتقان»، بۇ ئاساسلىق رەھبىرى ئابۇ سايۋ، غەربتىكى نۇرغۇن پۇقرانى ئۆلتۈرگەن قاتىل مۇھەممەد ئىمۋازى (يەنى «جاللات جون»)قاتارلىقلارنى ئۆزئىچىگە ئالىدۇ.

     كات: ئامېرىكىنىڭ ئىراقتىكى ئەسكەر سانىنى يەنىمۇ كۆپەيتىمىز

   ئوباما سۆز قىلىشتىن ئىلگىرى، باشقىلار ئوبامانىڭ ھېچ بولمىغاندا ئىراققا يەنە بىر تۈركۈم كىچىك كۆلەمدىكى قۇرۇقلۇق قىسمىنى ئەۋەتىدىغانلىقىنى ئومۇميۈزلۈك پەرەز قىلغان. ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى كات 11-دېكابىر مۇخبىرغا ئوبامانىڭ ئىراقتىكى ئامېرىكا ئەسكىرىنىڭ سانىنى كۆپەيتىشكە قوشۇلغانلىقىنى ئاشكارىلىغان.

   ئەمما، ئوباما ئۇ كۈنى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ھەققىدىكى ھېچقانداق تەدبىرنى ئېلان قىلمىدى، نۆۋەتتىكى ھاۋا ھۇجۇمى ۋە يەرلىك قوراللىق قىسىمنى قۇرۇقلۇقتا جەڭ قىلىش بويىچە مەشىقلەندۈرىۋاتقان ئامېرىكا قىسمىغا قارىتا تەڭشەش ئېلىپ بارغان-بارمىغانلىقى ھەققىدىمۇ توختالمىدى.

   كۆپلىگەن ئەل رايى تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، پارىژدىكى تېررورلۇق ۋەقەسى بىلەن سان بېرناردىيودىكى قوراللىق ئېتىشىش ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن بۇيان، ئامېرىكا پۇقرالىرىنىڭ ئامېرىكىدا يۈز بېرىدىغان تېررورلۇق ھۇجۇمىغا بولغان ئەندىشىسى 2001-يىلىدىكى 911 ۋەقەسىدىن كېيىنكى ئەڭ يۇقىرى چەككە يەتكەن ھەمدە ئوباما ھۆكۈمىتىنىڭ تېررورلۇق ھۇجۇمى يۈز بېرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشىغا بولغان ئىشەنچىسى 2001-يىلىدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈپ قالغان.

   جامائەتچىلىكنىڭ قارىشىچە، ئوبامانىڭ بەش بۈرجەكلىك بىنادىكى نۇتۇقى ئەمەلىيەتتە ئۆزى ئۈچۈن بېكىتكەن تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش سىياسىتى ئىكەن ھەمدە ئامېرىكىنىڭ كەلگۈسىدە بۇ سىياسەتتە چىڭ تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدىكەن.

   ئامېرىكا زۇڭتۇڭ سايلىمىدىكى جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىدىكى دەسلەپكى زۇڭتۇڭ نامزاتى جىب بۇش «ئوبامانىڭ سۆزى ئۇنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشتىكى ئىستىراتېگىيەسىنىڭ ئىلمان ئىكەنلىكىنى تېخىمۇ ئىسپاتلىدى. ‹بىز ئىسلام  دۆلىتى تەشكىلاتىغا تارىختىن بۇيانقى ئەڭ قاتتىق زەربىنى بېرىمىز دېيىش ئەمەلىيەتتە بىزنىڭ ئۇلارغا ئەزەلدىن قاتتىق زەربە بېرىپ باقمىغانلىقىمىزنى چۈشەندۈرىدۇ» دېدى.



خەتكۈچلەر:
18-12-2015
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
11-05-2016
     مەركىزى ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ 10- مايدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، 10- ماي ئېلان قىلىنغان بېلەت ھېسابلاش نەتىجىسىگە ئاساسلانغاندا، فىلىپپىن خەلقىنىڭ قەھرىمانى، گۇمپا شاھى ماننىي پاسكىيۇئاۋ ئاۋام پالاتاسىنىڭ ئەزالىق...
11-05-2016
    چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئەنگىلىيەدىكى بىر ئاقىللار ئامبىرىنىڭ تەتقىقات دوكلاتىدا مۇنداق دېيىلگەن: ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن چېكىنىپ چىقىش ئەنگىلىيە كارخانىلىرىغا 10 يىللىق قاراڭغۇلۇق ئېلىپ كېلىدۇ، بۇ خىل ئەھۋال ئەن...
11-05-2016
   شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 4-ئاينىڭ 26-كۈنى، ئامېرىكا پېنسىلۋانىيە شتاتى فىلادېلفىيە شەھىرى، دېموكراتلار پارتىيەسى زۇڭتۇڭ نامزاتى ھىلارى كېلىنتون دەسلەپكى سايلام كېچىلىكى يىغىلىشى ئۆتكۈزدى. ئامېرىكا شەرقىي قىسىمدىكى بەش شتات...
11-05-2016
    سەئۇدى ئەرەبىستان نېفىت ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنى كۆپەيتمەكتە ھەمدە دۆلەت ئىلكىدىكى نېفىت كارخانىلىرىنىڭ پۈتكۈل دۇنياغا كېڭىيىش پىلانىغا، يەنى دۇنيا تارىخىدىكى كۆلىمى ئەڭ چوڭ پېيىنى بازارغا سېلىشقا تەييارلىق قىلماقتا. ...
11-05-2016
     ئافغانسىتاندا تۇرۇشلۇق ئامېرىكا ئارمىيەسى شۇ جاي ۋاقتى 10 ماي ئافغانسىتان بىخەتەرلىك قىسىمى بىلەن بىرلەشمە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋەزىپىسى ئىجرا قىلىۋاتقاندا، ئۈچ يىل ئىلگىرى تۇتقۇن قىلىنغان پاكىستاننىڭ سابىق ...
11-05-2016
  ئەنگلىيە «پۇل-مۇئامىلە ۋاقىت گېزىتى» نىڭ 9-ماي خەۋەر قىلىشىچە، ھىندىستان ئىنتايىن قاتتىق يېڭى بىخەتەرلىك قانۇنى تۈزۈۋېتىپتۇ. بۇ قانۇنغا ئاساسەن، ھەرقانداق كىشى ناۋادا «خاتا سىزىلغان» ھىندىستان خەرىتىسىنى ئېلان قىلىپ، تالاش-تارتىشت...
11-05-2016
      فىرانسىيە «فىگارو گېزىتى» نىڭ 10-ماي خەۋەر قىلىشىچە، تۈركىيە شۇ جاي ۋاقتى 10-ماي شەرقى جەنۇبتىكى شەھەر دىيارباقىرنىڭ مەركىزىدە بىر قېتىملىق ساقچى ماشىنىسىنى پارتىلىتىپ ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، ئۈچ ئادەم ق...
11-05-2016
    شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 10-كۈنى، برازىلىيە سان پاۋلو، برازىلىيە پرېزىدېنتى روسېفنىڭ قوللىغۇچىلىرى 27 ئىشتاتتىكى 14 تاشيولنى قامال قىلىپ، بالون كۆيدۈرۈش ئارقىلىق روسېفنى ئەيىبلەشكە قارشى تۇردى.
10-05-2016
    5-ئاينىڭ 9-كۈنى، ئامېرىكىنىڭ ۋاشىنگىتوندىكى بەش بۇرجەكلىك بىنا، ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى كات (سولدا) ئامېرىكىنىڭ سابىق دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى كىسىنگىرگە ئوردېن تارقىتىپ بەردى. شۇ كۈنى، ئامېرىكىنىڭ سابىق دۆلەت ئىش...
10-05-2016
    فىلىپپىن سايلام كومىتېتىنىڭ 10- ماي سەھەردىكى ئەڭ يېڭى بېلەت ھېسابلاش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، دەۋاۋ شەھىرىنىڭ باشلىقى دۇزېلتى زۇڭتۇڭ سايلىمىدا 14 مىليون 500 مىڭ بېلەتكە ئېرىشكەن بولۇپ، ئۇنىڭ بۇ سايلامدا غەلبە قىلىشى مۇقىم...
Powered by Leglek