ئۈرۈمچى شەھىرىدە تاكسىلارنىڭ 2013-يىللىق ماي تولۇقلىما پۇلىنى تارقىتىش خىزمىتى باشلانغان بولۇپ، ماي تولۇقلىما پۇلى 20-ئاپرېلدىن بۇرۇن تىجارەتچىلەرنىڭ قولىغا تاپشۇرۇلىدۇ.
8-ئاپرېل مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك يولۇچى توشۇشنى بىر تۇتاش باشقۇرۇش ئىشخانىسىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ قېتىمقى ماي تولۇقلىما پۇلى 2013-يىلى ئۈرۈمچى شەھەرلىك يولۇچى توشۇشنى بىر تۇتاش باشقۇرۇش ئىشخانىسىغا تىزىمغا ئېلىنغان ھەم 2013 –يىللىق ماي تولۇقلىما پۇلىنى ئىلتىماس قىلغان تاكسىلارغا بېرىلىدىكەن.
ماي تولۇقلىما پۇلى بېرىلىدىغان ئوبيېكتلار: 2013-يىلى تاكسى تىجارەت ھوقۇقىغا ئىگە بولغان ھەم يېقىلغۇ تەننەرخ چىقىمىنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان كارخانىلار؛ تاكسى تىجارەت ھوقۇقىغا ئىگە بولغان يەككە تىجارەتچىلەر؛ كارخانىلار ئاپتوموبىللىرىنى ھۆددىگە ئېلىش شەكلىدە تىجارەت قىلغان ھەم يېقىلغۇ تەننەرخ چىقىمىنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان ھۆددىگەرلەر؛ كارخانىلار بىلەن ھەمكارلىشىش شەكلىدە تىجارەت قىلغان ھەم يېقىلغۇ تەننەرخ چىقىمىنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان ھەمكارلىشىپ تىجارەت قىلغۇچىلاردىن ئىبارەت.
بۇ قېتىم جەمئىي 12 مىڭ 826 تاكسىغا تىجارەت قىلغان ۋاقتى بويىچە ماي تولۇقلىما پۇلى بېرىلىدۇ (2013-يىلى بىراك قىلىنغان ئاپتوموبىللارغىمۇ تىجارەت قىلغان ئاي سانى بويىچە تارقىتىلىدۇ). ئۆز بېشىمچىلىك بىلەن تىجارەت قىلىشنى توختاتقان تاكسىلارنىڭ تىجارەت توختاتقان ۋاقىتتىكى ماي تولۇقلىما پۇلى بېرىلمەيدۇ.
يولۇچى توشۇشنى بىر تۇتاش باشقۇرۇش ئىشخانىسى تولۇقلىما پۇلى بېرىلىدىغان ئوبيېكت (ئورۇن، ئىسىم-فامىلە ياكى ئاپتوموبىل نومۇرى) ۋە تولۇقلىما سوممىسىنى يولۇچى توشۇشنى بىر تۇتاش باشقۇرۇش ئىشخانىسىنىڭ تورىدا ئېلان قىلىدۇ.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved