5-مارت ‹‹لېي فىڭدىن ئۆگىنىش كۈنى›› دە ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى 2502 تاكسى سائەت 10:00 دىن 20:00 گىچە يولۇچىلارغا ھەقسىز مۇلازىمەت قىلدى، يولۇچىلاردىن قېرى، ئاجىز، كېسەل، مېيىپ، ھامىلىدار ۋە ياردەمگە مۇھتاج ئامما بۇ مۇلازىمەتتىن ئالدىن بەھرىلەندى.
5-مارت مۇخبىرنىڭ يولۇچى تىرانسپورتىنى بىرتۇتاش باشقۇرۇش ئىشخانىسىدىن ئىگىلىشىچە، ‹‹لېي فىڭدىن ئۆگىنىش كۈنى›› پائالىيىتىگە ‹‹لېي فىڭ ئاپتوموبىل ئەترىتى››، ‹‹مېھرى-شەپقەت (ئەيشىن) ئاپتوموبىل ئەترىتى››، ‹‹ئاسىيا مەركىزى (ياشىن) ئاپتوموبىل ئەترىتى››، ‹‹سەمىمىيەت (چېڭشىن) ئاپتوموبىل ئەترىتى››، ‹‹يىپەك يولى ئاپتوموبىل ئەترىتى››، ‹‹ئىتتىپاق ئاپتوموبىل ئەترىتى›› قاتارلىق 6 ئاپتوموبىل ئەترىتىدىكى 210 ئاپتوموبىل ۋە باشقا 28 كارخانىدىكى 2292 نەپەر پىدائىي ئاپتوموبىلدىن بولۇپ، جەمئىي 2502 ئاپتوموبىل قاتناشقان.
بۇ قېتىمقى پائالىيەتكە قاتناشقان تاكسىلارنىڭ ئالدى ئەينەك ئوڭ بۇرجىكىگە قىزىل رەڭلىك ۋاراقچە چاپلانغان بولۇپ، ۋاراقچىگە لېي فىڭنىڭ باش سۈرىتى چۈشۈرۈلگەن ھەمدە ‹‹5-مارت لېي فىڭدىن ئۆگىنىش كۈنى پىدائىيلار مۇلازىمىتى›› دېگەن خەت بېسىلغان.
ئالاقىدار مەسئۇلنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، 2003-يىلىدىن باشلاپ ئۇدا 12 يىل پۈتۈن شەھەر بويىچە ‹‹5-مارت لېي فېڭدىن ئۆگىنىش كۈنى›› پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان بولۇپ، كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى ئۈرۈمچى شەھىرىنى مەملىكەت بويىچە مەدەنىيەتلىك شەھەر قىلىپ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن تىرىشىپ تۆھپە قوشۇپ كېلىۋاتقان ئىكەن.
![]() |
يىچې تورى 27-ماي خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
يېقىندا تاراتقۇلار ئالاقىدار يوللاردىن ئىگەللىشىچە، جۇڭگودا ئىشلەنگەن ئەڭ يېڭى ئاۋدى A4L سېنتەبىردە رەسمىي بازارغا سېلىنىدىكەن. ئەۋلاد ئالماشقان ماش...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved